ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئاشقازان تۆۋەنلەپ كېتىش ئاشقازان دىۋارى ۋە ئاشقازاننىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغۇچى تارامۇشلارنىڭ تۈرلۈك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كۈچسىزلىنىپ بوشاپ قېلىشىدىن ئاشقازاننىڭ ئورنى تۆۋەنلەپ خىزمىنى سۇسلىشىپ كېتىدىغان، ھەزىم سىستېمىسىدىكى سوزۇلما خاراكتېرلىك كېسەللىك بولۇپ، بۇ كېسەللىك ھەزىم بۇزۇلۇشنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت داۋاملىشىشى، دائىم كۆپ تاماق يەپ ئادەتلىنىش، بەدەندە ھۆللۈكنىڭ ئېشىپ كېتىشى، ئاشقازانغا يەل تۇرۇۋېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.[0]
سەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تاماقنى كۆپ يېيىش، سوزۇلما ئاشقازان ياللۇغى قاتارلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.
ئالامىتى: ئىشتىھا تۇتۇلۇش، قەۋزىيەت بولۇش، ئاشقازان ساھەسى يېقىمسىزلىنىش، يەل ئاۋازى كېلىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
1-رېتسېپ
تەركىبى: ئۇد ھىندى، ئارپىبەدىيان، چىڭسەي ئۇرۇقى، ئېگىر، سۇمبۇل توققۇز گىرامدىن، بەسباسە، نارمىشىك، پەرەنجىمۇشك، سۆئدى كۇپى، زەرنەپ، زۇرانبات ئۈچ گىرامدىن، دارچىن، زەنجىۋىل، قارىمۇچ، قەلەمپۇر، مىستىكى ئالتە گىرامدىن، گاۋزىبان 15 گىرام، كاپۇر بىر گىرام، ئىپار ئىككى گىرام، ھەسەل ئىككى ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ كۆپۈكى ئېلىنغان ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا ئالتە گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
2-رېتسېپ
تەركىبى: كابۇل ھېلىلىسى پوستى، ئامىلە پوستى، بەلىلە پوستى، قارىمۇچ، پىلپىل 90 رامدىن، زەنجىۋىل 40 گىرام، قارا ھېلىلە 90 گىرام، شاقاقۇل، ئاق تۇدەرى، قىزىل تۇدەرى، لىسانىل ئاساپىر، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، ھەببى قەلقەل، پوستى ئاقلانغان كۈنجۈت، كۆكنار ئۇرۇقىنىڭ ئېقى 40 گىرامدىن، كۈنجۈت يېغى 250 گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلار يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا 5 ~ 10 گىرام ئىستېمال قىلىنىدۇ (بالىلارغا زور دەرىجىدە ئازايتىلىدۇ) .
3-رېتسېپ
تەركىبى: زۇرانبات، دۇرۇنەج ئەقرەبى، مەرۋايىت، كەھرىۋا، بىخ مارجان 40 گىرامدىن، قىرقىلغان پىلە، ئاق بەھمەن، قىزىل بەھمەن، سازەج ھىندى، سۇمبۇل، قاقىلە، قەلەمپۇر 20 گىرامدىن، ئۆشنە، پىلپىل، زەنجىۋىل 16 گىرامدىن، ئىپار سەككىز گىرام، ھەسەل ئۈچ ھەسسە.
تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، پىلە غوزىسىنى ئەلگەكتىن ئۆتكۈدەك يۇمشاق قىرقىپ، ھەسەل ئۈستىگە سېلىپ، ئاندىن دورىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
تېببىي جەۋھەر تورىدىن ئېلىندى .
http://www.tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=62&id=848
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
تېببىي جەۋھەر تورىدىن ئېلىندى .
http://www.tibbiyjawhar.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=62&id=848
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.