تاشيول قانۇنى

تاشيول قانۇنى

1997-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى «9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-سانلىق يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن.

ئۇيغۇرچە نامى تاشيول قانۇنى
ئېلان قىلغان ئورگان مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国公路法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تاشيول قانۇنى( 1997-يىل 7-ئاينىڭ 3-كۈنى 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 26-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان، 1999-يىل 10-ئاينىڭ 31-كۈنى «9-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 12-سانلىق يىغىنىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 1-قېتىم تۈزىتىلگەن، 2004-يىل 8-ئاينىڭ 28-كۈنى 10-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 11-سانلىق يىغىنىنىڭ « «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاشيول قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن 2-قېتىم تۈزىتىلگەن)  

1–باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1-ماددا بۇ قانۇن تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاشيول ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتىسيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ۋە خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلىشىش مەقسىتىدە تۈزۈلدى. 

2-ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋىسىدە تاشيولنى پىلانلاش، ياساش، ئاسراش، تىجارەتكە سېلىش، ئىشلىتىش ۋە باشقۇرۇشتا تەتبىقلىنىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تاشيول تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول تونېلى ۋە تاشيول كېچىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

3-ماددا تاشيولنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئومۇميۈزلۈك پىلانلاش، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، سۈپەتكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، راۋانلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مۇھىتنى ئاسراش، ياساش–ئۆزگەرتىش بىلەن ئاسراشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىش پرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك. 

4-ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، تاشيول قۇرۇلۇشىنى قوللىنشى ۋە ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. تاشيول قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجىتمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

دۆلەت مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنى قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىپ، تاشيول ياساش ۋە تاشيول تىجارىتى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە يېتەكلەيدۇ. 

5-ماددا دۆلەت ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرى، چەت–ياقا رايونلار ۋە نامرات رايونلارنىڭ تاشيول قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ ۋە يار-يۆلەك بولىدۇ.

6-ماددا تاشيول تورىدىكى ئورنى بويىچە دۆلەت تاشيولى، ئۆلكە تاشيولى، ناھىيە تاشيولى ۋە يېزا تاشيولى دەپ ئايرىلىدۇ ھەمدە تېخنىكا دەرىجىسى بويىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، 1-دەرىجىلىك تاشيول، 2-دەرىجىلىك تاشيول، 3-دەرىجىلىك تاشيول، 4-دەرىجىلىك تاشيول دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇنىڭ كونكرېت ئايرىش ئۆلچىمىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ. 

يېڭىدىن ياسلىدىغان تاشيول تېخنىكا دەرىجە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. ئەڭ تۆۋەن تېخنىكا دەرىجە تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان، دەرىجىگە توشمايدىغان ئەسلىدىكى تاشيوللارنى تەدبىر قوللىنىپ، تەدرىجىي ئۆزگەرتىپ، تېخنىكا دەرىجە تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش لازىم. 

7-ماددا تاشيول دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاشيول، تاشيول يېرى ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا، زىيان يەتكۈزۈشىگە ياكى ئۇنى قانۇنسىز ئىگىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاشيول، تاشيول يېرى ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش مەجبۇرىيىتى بار، ئۇلار تاشيول، تاشيول يېرى ۋە تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش، زىيان يەتكۈزۈش ھەمدە تاشيولنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

8-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تاشيول خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقىلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونى تەۋەسىدىكى تاشيول خىزمىتىنى باشقۇرىدۇ؛ لېكىن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرىنىڭ دۆلەت تاشيولى، ئۆلكە تاشيولىنى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بەلگىلەيدۇ. 

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق تاشيوللىرىنى ياساش ۋە ئاسراش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ تاشيولنى مەمۇرىي باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە يۈرگۈزۈشىنى بەلگىلىسە بولىدۇ. 

9-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاشيوللاردا قانۇنسىز چازا قۇرۇشى، ھەق ئېلىشى، جەرىمانە ئېلىشى ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توسۇشى مەنئى قىلىنىدۇ. 

10-ماددا دۆلەت تاشيول خىزمىتى جەھەتتىكى پەن–تېخنىكا تەتقىقاتىغا ئىلھام بېرىدۇ، تاشيول پەن–تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە قوللىنىشتا كۆرۈنەرلىك نەتىجە ياراتقان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى مۇكاپاتلايدۇ. 

11-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى مەخسۇس تاشيول ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەر مەخسۇس تاشيولغا تەتبىقلىنىدۇ.

مەخسۇس تاشيول كارخانا ياكى باشقا ئورۇنلار ياسىغان، ئاسرايدىغان، باشقۇرىدىغان، مەخسۇس ياكى ئاساسەن ئۆز كارخانىسى ياكى ئۆز ئورنىنىڭ ترانسپورتىغا ئىشلىتىلىدىغان يولنى كۆسىتىدۇ. 

2-باب تاشيول يىرىك پىلانى

12-ماددا تاشيول يىرىك پىلانى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجىغا شۇنىڭدەك دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن تۈزۈلۈشى، شەھەر قۇرۇلۇشى تەرەققىياتى يىرىك پىلانى ۋە باشقا شەكىلدىكى قاتناش ترانسپورت تەرەققىياتى يىرىك پىلانىغا ماسلاشتۇرۇلۇشى لازىم. 

13-ماددا تاشيول ياساشقا يەر ئىشلىتىش يىرىك پىلانى يەردىن پايدىلىنىش ئومۇمىي پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى، شۇ يىللىق قۇرۇلۇشقا ئىشلىتىلىدىغان يەر قۇرۇلۇشقا يەر ئىشلىتىش يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشى لازىم. 

14-ماددا دۆلەت تاشيولى يىرىك پىلانىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تامىقى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەمدە دۆلەت تاشيولى بويىدىكى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈپ چىقىپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ. 

ئۆلكە تاشيولى يىرىك پىلانىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۆلكە تاشيولى بويىدىكى بىر دەرىجە تۆۋەن خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ تۈزۈپ چىقىپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە تەستىقلىتىدۇ ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرىدۇ. 

ناھىيە تاشيولى يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرى تەڭ دەرىجىلىك ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تۈزۈپ چىقىپ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەكشۈرتۈپ بېكىتكەندىن كېيىن، بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ. 

يېزا تاشيولى يىرىك پىلانىنى ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ ياردىمى بىلەن يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازالىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۈزۈپ چىقىپ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىدۇ.

3-، 4–تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە تەستىقلانغان ناھىيە تاشيولى، يېزا تاشيولى يىرىك پىلانى تەستىقلىغان ئورگاندىن بىر دەرىجە يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇلۇشى كېرەك. 

ئۆلكە تاشيولى يىرىك پىلانى دۆلەت تاشيولى يىرىك پىلانىغا ماسلاشتۇرۇلۇشى لازىم. ناھىيە تاشيولى يىرىك پىلانى ئۆلكە تاشيولى يىرىك پىلانىغا ماسلاشتۇرۇلۇشى لازىم. يېزا تاشيولى يىرىك پىلانى ناھىيە تاشيولى يىرىك پىلانىغا ماسلاشتۇرۇلۇشى لازىم.

15-ماددا مەخسۇس تاشيول يىرىك پىلانىنى مەخسۇس تاشيولغا مەسئۇل ئورۇن تۈزۈپ چىقىپ، ئۆزىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە يوللايدۇ.

مەخسۇس تاشيول يىرىك پىلانى تاشيول يىرىك پىلانغا ماسلاشتۇرۇلۇشى لازىم. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرى مەخسۇس تاشيول يىرىك پىلانىنىڭ دۆلەت تاشيولى، ئۆلكە تاشيولى، ناھىيە تاشيولى، يېزا تاشيولى يىرىك پىلانى بىلەن ماسلاشمىغان جايلىرىنى بايقىسا، تۈزىتىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، مەخسۇس تاشيولغا مەسئۇل تارماق ۋە ئورۇن ئۇنى مۇناسىپ تۈزىتىشى لازىم.

16-ماددا دۆلەت تاشيولى يىرىك پىلانىنى قىسمەن تەڭشەشنى ئەسلىي تۈزگەن ئورگان قارار قىلىدۇ. دۆلەت تاشيولى يىرىك پىلانىنى زور تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تۈزگەن ئورگان تۈزىتىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، گوۋۇيۈەنگە تەستىقلىتىدۇ.

تەستىقلانغان ئۆلكە تاشيولى، ناھىيە تاشيولى، يېزا تاشيولىنىڭ يىرىك پىلانىنى تۈزىتىشكە توغرا كەلسە، ئەسلىي تۈزگەن ئورگان تۈزىتىش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەسلىي تەستىقلىغان ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ. 

17-ماددا دۆلەت تاشيولىنىڭ نامى ۋە نومۇرىنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ؛ ئۆلكە تاشيولى، ناھىيە تاشيولى، يېزا تاشيولىنىڭ نامى ۋە نومۇرىنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقىلىرى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە بەلگىلەيدۇ.

18-ماددا كەنت–بازار، تەرەققىيات رايونىنى پىلانلاش ۋە يېڭىدىن قۇرۇشتا، تاشيول بىلەن بەلگىلەنگەن ئارىلىقنى ساقلاپ قېلىش ھەمدە تاشيولنىڭ ئىككى ياقىسىنى بويلاپ سېلىشتىن ساقلىنىش، تاشيولنى كوچىلاشتۇرۇپ قويۇپ، تاشيول قاتنىشىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. 

19-ماددا دۆلەت مەخسۇس تاشيولنى ئاممىۋى ترانسپورتقا ئىشلىتىشكە ئىلھام بېرىدۇ. مەخسۇس تاشيولنى ئاساسلىقى ئاممىۋى ترانسپورتقا ئىشلىتىشتە، مەخسۇس تاشيولغا مەسئۇل ئورۇن ياكى ئالاقىدار تەرەپلەر ئىلتىماس قىلىپ، مەخسۇس تاشيولغا مەسئۇل ئورۇن قوشۇلغان ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرى تەستىقلىغاندىن كېيىن، ئۆلكە تاشيولى، ناھىيە تاشيولى ياكى يېزا تاشيولىغا ئۆزگەرتىشكە بولىدۇ. 

3-باب تاشيول قۇرۇلۇشى 

20-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرى ئۆز مەسئۇلىيىتىگە ئاساسەن تاشيول قۇرۇلۇشى تەرتىپىنى ساقلىشى، تاشيول قۇرۇلۇشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى لازىم. 

21-ماددا تاشيول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ توپلاشتا، ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مالىيىسىدىن پۇل ئاجرىتىلغاندىن، جۈملىدىن قانۇن بويىچە باج ئېلىپ توپلىغان تاشيول قۇرۇلۇشى مەخسۇس مەبلىغىنى مېمورىئال قىلىپ مالىيىدىن پۇل ئاجرىتىلغاندىن باشقا، قانۇن بويىچە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىدىن ياكى چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىدىن قەرز پۇل ئېلىشقا بولىدۇ. 

دۆلەت مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلارنى تاشيول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. تاشيول ياسىغۇچى، تاشيول تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان شىركەتلەر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە پاي چېكى، شىركەت زايومى تارقىتىپ مەبلەغ توپلىسا بولىدۇ.

مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن تاشيول ھەققى ئېلىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىش كىرىمى تاشيول قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىلىشى شەرت. 

كارخانا ۋە شەخسلەردىن مەبلەغ توپلاپ تاشيول ياساشتا، ئېھتىياج ۋە ئىمكانىيەتكە قاراش، ئىختىيارىيلىق پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، مەجبۇرىي سېلىق سالماسلىق ھەمدە ئۇنى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن قىلىش شەرت. 

تاشيول قۇرۇلۇشى مەبلىغىنى قانۇنغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان باشقا شەكىللەر بىلەن توپلاشقىمۇ بولىدۇ. 

22-ماددا تاشيول قۇرۇلۇشى دۆلەت بەلگىلىگەن ئاساسىي قۇرۇلۇش تەرتىپى ۋە ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى لازىم. 

23-ماددا تاشيول قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە قانۇنىي ئىگە مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى، خېرىدار چاقىرىش–خېرىدار چىقىش تۈزۈمى ۋە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىش تۈزۈمى يولغا قۇيۇلىدۇ. 

24-ماددا تاشيول قۇرۇلۇشىنى قىلدۇرغۇچى ئورۇن تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە تېخنىكا تەلەپلىرىگە ئاساسەن، مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئىگە چارلاش–لاھىيلەش ئورنىنى، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇنىنى ۋە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلغۇچى ئورۇننى تاللىشى ھەمدە ئالاقىدار قانۇن، نىزام، قائىدىلەردىكى بەلگىلىمىلەرگە، تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى تەلەپلەرگە بىنائەن، ئۇلار بىلەن ئايرىم–ئايرىم توختام تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھوقۇق–مەجبۇرىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشى كېرەك.

تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ مۇمكىنلىك تەتقىقاتىنى، چارلاش–لايىھىلەشنى، قۇرۇلۇش قىلىشنى ۋە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلارنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن سالاھىيەتنامىسى بولۇشى شەرت. 

25-ماددا تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى ئېلىپ بېرىشتا، گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش كېرەك.

26-ماددا تاشيول قۇرۇلۇشى تاشيولنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىشى شەرت. 

تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىدە لايىھىلەشنى، قۇرۇلۇش قىلىشنى ۋە قۇرۇلۇشنى نازارەت قىلىشنى ئۈستىگە ئالغان ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، ئىش ئورنى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ھەمدە ئالاقىدار قانۇن، نىزام، قائىدىلەر شۇنداقلا تاشيولنىڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا ئۆلچىمىدىكى تەلەپلەر ۋە توختامدىكى پۈتۈم بويىچە لايىھىلەپ، قۇرۇلۇش قىلىپ ۋە نازارەت قىلىپ، تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

27-ماددا تاشيول قۇرۇلۇشىغا يەر ئىشلىتىش ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

تاشيول قۇرۇلۇشىدا تېرىلىغۇ يەرنى ھەقىقىي قوغداش، يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش پرىنسىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك.

28-ماددا تاشيول قۇرۇلۇشىدا دۆلەت ئىلكىدىكى قاقاس تاغ، بوز يەرلەرنى ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە ياكى دۆلەت ئىلكىدىكى قاقاس تاغ، بوز يەر، دەريا ساھىلى، كۆچمە سازلىقلاردىن قۇم كولاش، تاش، توپا ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بېجىرىلگەندىن كېيىن، ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ياكى قانۇنسىز ھەق ئېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

29-ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاشيول قۇرۇلۇشىدا قانۇن بويىچە يەر ئىشلىتىش ۋە ئاھالە كۆچۈرۈشنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى لازىم.

30-ماددا تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى لايىھىلەش ۋە ئېلىپ بېرىش قانۇن بويىچە مۇھىتنى مۇھاپىزەت قىلىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، ئاسار–ئەتىقىلەرنى قوغداش ۋە سۇ–تۇپراقنىڭ ئېقىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى لازىم. 

دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشىنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاشيول يىرىك پىلانىدىكى دۆلەت مۇداپىئە تەلىپى ئىزچىللاشتۇرۇلىدىغان تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرىنى قاتتىق پىلانلىق ئېلىپ بېرىش لازىم. 

31-ماددا تاشيول قۇرۇلۇشى تۈپەيلىدىن تۆمۈر يول، سۇ ئىنشائاتى، ئېلېكتر كۈچى، پوچتا–تېلېگىراف ئەسلىھەلىرى ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنىڭ نورمال ئىشلىتىلىشىگە تەسىر يېتىدىغان بولسا، تاشيول قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدى بىلەن ئالاقىدار تارماقلارنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم؛ تاشيول قۇرۇلۇشى تۈپەيلىدىن ئالاقىدار ئەسلىھەلەرگە زىيان يەتسە، تاشيول قۇرۇلۇشى قىلدۇرغۇچى ئورۇن شۇ ئەسلىھەنى ئەسلىي تېخنىكا ئۆلچىمىدىن تۆۋەنلىتىۋەتمەي رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى ياكى مۇناسىپ ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى لازىم.

32-ماددا تاشيولنى ئۆزگەتىپ ياساشتا، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن قۇرۇلۇش قىلىۋاتقان يول بۆلىكىنىڭ ئىككى بېشىغا كۆرۈنەرلىك قۇرۇلۇش قىلىش بەلگىسى، بىخەتەرلىك بەلگىسى ئورنىتىشى لازىم. قاتناش ۋاسىتىلىرى ئايلىنىپ ئۆتۈشكە توغرا كەلسە، ئايلىنىپ ئۆتىدىغان يول ئېغىزىغا بەلگە ئورنىتىشى لازىم؛ ئايلىنىپ ئۆتۈشكە بولمىسا، ۋاقىتلىق يول ياساپ، قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.

33-ماددا تاشيول قۇرۇلۇشى تۈرلىرى ۋە تاشيولنى رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش كېرەك؛ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىنمىغان ياكى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن ئۆتمىگەنلىرىنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ.

پۈتكەن تاشيولغا گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە روشەن بەلگە ئورنىتىش، بەلگە سىزىقى سىزىش لازىم. 

34-ماددا ناھىيە دەرىجلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاشيولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى يان ئېرىق(سۇ توسۇش ئېرىقى، ئاتكوس تاپىنى، ئاتكوس مۇھاپىزەت يولى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) نىڭ سىرتقى گىرۋىكىدىن باشلاپ ئاز دېگەندە بىر مېتىر ئارىلىقنى تاشيول يېرى قىلىپ بەلگىلەش لازىم. 

4-باب تاشيول ئاسراش

35-ماددا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تاشيولنى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەنگەن تېخنىكا قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە ئاسراپ، تاشيولنىڭ دائىم ياخشى تېخنىكىلىق ھالەتتە تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 

36-ماددا دۆلەت تاشيول ئاسراش مەبلىغىنى توپلاشتا قانۇن بويىچە باج ئېلىش چارىسىنى قوللىنىدۇ، ئۇنى يولغا قۇيۇشنىڭ كونكرېت چارە ۋە تەدبىرلىرىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ.

قانۇن بويىچە باج ئېلىپ توپلىغان تاشيول ئاسراش مەبلىغى تاشيولنى ئاسراش ۋە ئۆزگەرتىپ ياساشقا مەخسۇس ئىشلىتىلىشى شەرت.

37-ماددا ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تاشيول ئاسراش ئۈچۈن كېتىدىغان شېغىل، تاش، توپا ۋە سۇ ئېلىشنى قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ھەمكارلىشىشى لازىم. 

38-ماددا ناھىيە، يېزا دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە، تاشيول ياقىسىدىكى يېزا ئاھالىسىنى يېزا مەجبۇرىيەت ئەمگىكى دائىرىسىدە تاشيول قۇرۇلۇشى ۋە تاشيول ئاسراش ئۈچۈن ئەمگەك–مۇلازىمەت مەجبۇرىيىتىنى ئۆتەشكە تەشكىللىشى لازىم. 

39-ماددا تاشيول ئاسراش خادىملىرىنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، تاشيول ئاسراش خادىملىرى ئاسراش مەشغۇلاتىدا، بىرلىككە كەلگەن بىخەتەرلىك كىيىمى كىيىشى لازىم؛ قاتناش ۋاستىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاسراش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، تاشيولدا ئېلىپ بارىدىغان قاتناش ۋاستىلىرىگە روشەن مەشغۇلات بەلگىسى ئورنىتىشى لازىم. 

تاشيول ئاسراش قاتناش ۋاسىتىلىرى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ يۈرۈش لىنىيىسى ۋە يۆنىلىشى تاشيولدىن ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىك شەرتى، تاشيول بەلگىسى، بەلگە سىزىقىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ؛ يولدىن ئۆتۈۋاتقان قاتناش ۋاسىتىلىرى تاشيول ئاسراش قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە خادىملىرىغا يول بېرىشى لازىم.

تاشيول ئاسراش قۇرۇلۇشى قاتناش ۋاسىتىلىرى ۋە پىيادىلەرنىڭ يۈرۈشىگە تەسىر يەتكۈزسە، قۇرۇلۇش قىلغۇچى ئورۇن مۇشۇ قانۇننىڭ 32-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ئىش كۆرۈشى لازىم. 

40-ماددا ئېغىر تەبىئىي ئاپەت تۈپەيلىدىن، دۆلەت تاشيولىدا، ئۆلكە تاشيولىدا قاتناش ئۈزۈلۈپ قالسا، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى يولنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشى لازىم؛ تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى يولنى ۋاقتىدا رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرەلمىسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋاقتىدا شۇ جايدىكى ئورگان، ئاممىۋى تەشىكلات، كارخانا، . كەسپىي ئورۇنلارنى ۋە شەھەر–يېزا ئاھالىلىرىنى تەشكىللەپ يولنى جىددىي ياساپ، قاتناشنى تېزلىكتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشى لازىم ھەمدە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ئارمىيىنىڭ ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلسىمۇ بولىدۇ.

41-ماددا تاشيول يېرى دائىرىسىدىكى تاغ باغرى، بوز يەرنىڭ سۇ، تۇپرىقىنى ساقلاشقا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى مەسئۇل بولىدۇ. 

42-ماددا تاشيول ياقىسىنى كۆكەرتىش خىزمتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە تەشكىلاتچىلىق قىلىدۇ.

تاشيول يېرىدىكى دەل–دەرەخلەرنى خالىغانچە كېسىشكە يول قويۇلمايدۇ؛ يېڭلاش ئۈچۈن كېسىشكە توغرا كەلسە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقى قوشۇلغاندىن كېيىن، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئورمان قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ھەمدە تولۇقلاش تىكىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش لازىم. 

5-باب تاشيولنى مەمۇرىي باشقۇرۇش

43-ماددا ھەر دەرىجلىك يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەدبىر قوللىنىپ، تاشيول قوغداشنى كۈچەيتىشى لازىم. 

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، تاشيولنى قوغداش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ياخشى ئىشلىشى ھەمدەئىلىمىي باشقۇرۇش ئۇسۇلى ۋە ئىلغار تېخنىكىلىق ۋاسىتلەرنى تىرىشىپ قوللىنىپ، تاشيول باشقۇرۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈشى، تاشيول مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى تەدرىجىي مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشيوللارنىڭ ساق، بىخەتەر ۋە راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم. 

44-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاشيوللارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىشىغا، كولىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

تۆمۈر يول، ئايرودروم، ئېلېكتر ئىستانسىسى، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى، سۇ ئىنشائاتى قۇرۇلۇشى ۋە باشقا قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش تۈپەيلىدىن، تاشيولنى ئىگىلەش، كولاش ياكى تاشيول لىنىيىسىنى ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن ئالدى بىلەن قاتناشقا مەسئۇل ئالاقىدار تارماقنىڭ ماقوللۇقىنى ئېلىشى كېرەك؛ قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغان بولسا، يەنە ئالاقىدار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم. تاشيولنى ئىگىلەيدىغان، كولايدىغان ياكى تاشيول لىنىيىسىنى ئۆزگەرتىدىغان بولسا، قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن شۇ تاشيول بۆلىكىنى ئەسلىدىكى تېخنىكا ئۆلچىمىدىن تۆۋەنلىتىۋەتمەي رېمونت قىلىپ ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىشى، ئۆزگەرتىپ ياساپ بېرىشى ياكى مۇناسىپ ئىقتىسادىي تولۇقلىما بېرىشى لازىم.

45-ماددا تاشيولدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان، كېسىپ ئۆتىدىغان كۆۋرۈك، نور ياسايدىغان ياكى تۇرۇبا لىنىيىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تارتىدىغان، كۆمىدىغانلار شۇنداقلا تاشيول يېرى دائىرىسىدە تۇرۇبا لىنىيىسى، كابېل قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تارتىدىغان، كۆمىدىغانلار ئالدى بىلەن قاتناشقا مەسئۇل تارماقنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم، قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يېتىدىغان بولسا، يەنە ئالاقىدار جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىشى لازىم؛ ياسايدىغان، تارتىدىغان ياكى كۆمىدىغان ئەسلىھەلەر تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچىمىگە دائىر تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. تاشيول بۇزۇۋېتىلسە، بۇزۇلۇش دەرىجىسى بويىچە تولۇقلىما تۆلىشى لازىم. 

46-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تاشيولدا ھەم تاشيول يېرى دائىرىسىدە يايما يېيىشىغا، تىجارەت نۇقتىسى قۇرۇشىغا، نەرسىلەرنى دۆلەپ قويۇشقا، ئەخلەت تۆكۈشىگە، توسالغۇ ئورنىتىشىغا، ئېرىق چېپىپ سۇ باشلىشىغا، تاشيول يان ئېرىقىدىن پايدىلىنىپ بۇلغىما ئېقىتىشىغا ياكى تاشيولنى بۇزىدىغان، بۇلغايدىغان ۋە تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان باشقا ھەرىكەتلەرنى قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

47-ماددا چوڭ–ئوتتۇرا تىپتىكى تاشيول كۆۋرۈكى ۋە كېچىكى ئەتراپىدىكى 200 مېتىر ئارىلىقتىن، تاشيول توننېلىنىڭ ئۈستى ۋە توننېل ئېغىزىنىڭ سىرتىدىكى 100 مېتىر دائىرە ئىچىدىن، شۇنداقلا تاشيولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى مەلۇم ئارىلىق ئىچىدىن قۇم، شېغىل، تاش، توپا ئېلىشقا ۋە بۇ جايلارغا تاشلاندۇقلارنى تۆكۈشكە بولمايدۇ، پارتىلىتىش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىشقا ھەم تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول توننېلى، تاشيول كېچىكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتىكى دائىرە ئىچىدىن خەتەردىن قۇتقۇزۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئە كۆرۈش ئېھتىياجى بىلەن توسما ياساش، دەريا قىنىنى تارايتىش ياكى كېڭەيتىشكە توغرا كەلگەندە، ئاۋۋال ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقى بىلەن سۇچىلىققا مەسئۇل مەمۇرىي باشقۇرۇش تارمىغا يوللاپ تەستىقلىتىش ھەم ئالاقىدار تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول توننېلى، تاشيول كېچىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىش لازىم.

48-ماددا يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى شۇ جايدىكى ئېتىز–ئېرىق مەشغۇلاتى تۈپەيلىدىن تاشيولدا قىسقا ئارىلىقتا ماڭغاندىن سىرت، تۆمۈر چاقلىق ھارۋا، زەنجىر تاپانلىق ماشىنا–تراكتورلار ۋە تاشيول يۈزىنى بۇزۇۋېتىش ئېھتىمالى بولغان باشقا ماشىنا–مېخانىزملارنىڭ تاشيولدا مېڭىشىغا يول قويۇلمايدۇ. مېڭىشى ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تامىقىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىش، ئۈنۈملۈك ئاسىراش تەدبىر قوللىنىش ھەم جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىت، يول بويىچە مېڭىش شەرت. تاشيولغا زىيان يەتكۈزگەنلەر يەتكۈزگەن زىيىنىغا تۇرۇشلۇق تولۇقلىما تۆلىشى لازىم.

49-ماددا تاشيولدا ماڭىدىغان قاتناش ۋاسىتىلىرى ئوقىنىڭ يۈك ماسسىسى تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچىمگە دائىر تەلەپكە ئۇيغۇن بولۇشى لازىم. 

50-ماددا تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكى، تاشيول توننېلدىن ئۆتۈش ياكى ئاپتوموبىلنى كېمە بىلەن ئۆتكۈزۇشتە ئېغىرلىق، ئېگىزلىك، كەڭلىك، ئۇزۇنلۇق ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن ئاپتوموبىللارنى چەك ئۆلچىمى بار تاشيول، تاشيول كۆۋرۈكىدىن ياكى تاشيول توننېلدىن ئۆتكۈزۈشكە يول قويۇلمايدۇ. كېمە بىلەن ئۆتكۈزۈشكىمۇ بولمايدۇ. تاشيول ياكى تاشيول كۆۋرۈكىنىڭ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ ھەقىقەتەن ئۆتۈش زۆرۈر تېپىلسا، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش ھەمدە تەلەپ بويىچە ئۈنۈنلۈك مۇھاپىزەت تەدبىرى قوللىنىش كېرەك؛ پارچىلاشقا بولمايدىغان ھەم ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى توشۇشتا، كۆرسىتىلگەن ۋاقىت، يول، سۈرئەت بويىچە مېڭىش ھەمدە ئېنىق بەلگە ئېسىش كېرەك.

ترانسپورت ئورۇنلىرى ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنالمسا، قاتناشقا مەسئۇل تارماق ئۇلارغا ياردەملىشىپ قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدۇ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان خىراجەتنى ترانسپورت ئورۇنىلىرى ئۈستىگە ئالىدۇ.

51-ماددا ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى ۋە باشقا ئورۇنلارنىڭ تاشيولنى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ تورمۇز ئىقتىدارىنى سىناش مەيدانى قىلىۋېلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

52-ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسىنىڭ تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇشىغا، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىشىگە، ئۆزگەرتىۋېتشىگە يول قويۇلمايدۇ. 

ئالدىنقى تارماقتا تىلغا ئېلىنغان تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرى–تاشيولنى قوغداش، ئاسراش ۋە تاشيولنىڭ بىخەتەر، راۋان بۇلۇشنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن تاشيولغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوغداش، سۇنى چىقىرىۋېتىش، ئاسراش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، قاتناش بىخەتەرلىكى، كېچىك ترانسپورتى، نازارەت قىلىش–تىزگىنلەش، خەۋەرلىشىش، ھەق ئېلىش ئورنى قاتارلىق ئەسلىھە، ئۈسكۈنىلەرنى ۋە مەخسۇس ئۆي–ئىمارەت، قۇرۇلمىلارنى كۆرسىتىدۇ. 

53-ماددا تاشيولنى بۇزۇۋەتكەن جاۋابكار ئۆزىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى ھەمدە تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ نەق تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى لازىم. 

54-ماددا ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تامىقىغا تەستىقلاتماي تۇرۇپ، تاشيول يېرى دائىرىسىدە تاشيول بەلگىلىرىدىن باشقا بەلگىلەرنى ئورنىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

55-ماددا تاشيولدا تەكشىلىك ئاچال ئېغىزى كۆپەيتىشتە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەستىقلىتىش ھەم ئۇنى دۆلەت بەلگىلىگەن تېخنىكا ئۆلچىمى بويىچە قۇرۇش شەرت. 

56-ماددا تاشيول قوغداش، تاشيول ئاسراش ئېھتىياجىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، تاشيولنىڭ ئىككى ياقىسىدىكى ئۆي–ئىمارەت سېلىش كونترول قىلىنىدىغان رايون ئىچىدە ئۆي–ئىمارەت سېلىش ۋە يەر ئۈستى ئەسلىھە–قۇرۇلمىلىرىنى ياساش مەنئى قىلىنىدۇ؛ ئۆي–ئىمارەت سېلىش كونترول قىلىنىدىغان رايون ئىچىدە تۇرۇبا، كابېل قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى كۆمۈشكە توغرا كەلسە، ئالدى بىلەن ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىش لازىم. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن ئۆي–ئىمارەت سېلىش كونترول قىلىنىدىغان رايوننىڭ دائىرىسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى تاشيول قاتنىشى بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش پرىنسىپى بويىچە، گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمسىگە ئاساسەن ئايرىپ بېرىدۇ. 

ئۆي–ئىمارەت سېلىش كونترول قىلىنىدىغان رايوننىڭ دائىرسىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئالدىنقى تارمىقتىكى بەلگىلىمىگە بىنائەن ئايرىپ بەرگەندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقى بەلگە قوزۇقى، پاسىل قوزۇقى قاقىدۇ. ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ بۇ بەلگە قۇزۇق، پاسىل قوزۇقلارنى بۇزۇۋېتىشىگە، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

57-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 47-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، مۇشۇ بابتا قاتناشقا مەسئۇل تارماق ئادا قىلىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن تاشيولنى مەمۇرىي باشقۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى مۇشۇ قانۇننىڭ 8-ماددا 4–تارمىقىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن ئادا قىلسا بولىدۇ. 

6-باب ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول

58-ماددا دۆلەت ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنى قانۇن بويىچە تەسىس قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ھەق ئېلىنىدىغان تاشيول سانىنى كونترول قىلدۇ. 

مۇشۇ قانۇننىڭ 59-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن قاتناش ھەققى ئالسابولىدىغان تاشيوللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا ھەر قانداق تاشيولدا قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن قاتناش ھەققى ئېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. 

59-ماددا تېخنىكا دەرىجىسىگە ۋە كۆلىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۆۋەندىكى تاشيوللاردا قانۇن بويىچە قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن قاتناش ھەققى ئېلىنسا بولىدۇ.

(1) ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقىلىرى قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ ياكى كارخانىلاردىن، شەخسلەردىن مەبلەغ توپلاپ ياسىغان تاشيوللار؛

(2) دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار ئالدىنقى تارماقچىدا كۆرسىتىلگەن ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە قوبۇل قىلغان تاشيوللار؛ 

(3) دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە مەبلەغ سېلىپ ياسىغان تاشيوللا.

60-ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرى قەرز پۇلدىن پايدىلىنىپ ياكى مەبلەغ توپلاپ ياسىغان ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللارنىڭ ھەق ئېلىش مۇددىتىنى قەرز پۇل ۋە توپلانغان مەبلەغنى ئېلىنغان ھەقتىن قايتۇرۇش پرىنسىپى بويىچە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن بېكىتىدۇ.

ھەق ئېلىش ھوقۇقى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلىدىغان تاشيوللاردا، ھەق ئېلىش ھوقۇقى ئۆتۈنۈپ بېرىلگەندىن كېيىن، ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچى ھەق ئېلىپ تىجارەت قىلىدۇ. ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مۇددىتىنى ئۆتۈنۈپ بەرگۈچى بىلەن ئۆتۈنمىنى قوبۇل قىلغۇچى ئىككى تەرەپ پۈتۈشىدۇ ھەم ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى ئورگانغا تەستىقلىتىدۇ، لېكىن مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن يىل چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار مەبلەغ سېلىپ تاشيول ياساشتا، دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلمىلىرى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيتىنى بېجىرىشى شەرت؛ تاشيول پۈتكەندىن كېيىن، مەبلەغ سالغۇچى ھەق ئېلىپ تىجارەت قىلىدۇ. ھەق ئېلىپ تىجارەت قىلىش مۇددىتىنى سېلىنغان مەبلەغنى قايتۇرۇۋېلىش ھەم مۇۋاپىق نەپ ئېلىش پرىنسىپى بويىچە، قاتناشقا مەسئۇل ئالاقىدار تارماق بىلەن مەبلەغ سالغۇچى پۈتۈشىدۇ ھەم دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تەكشۈرۈپ تەستىقلىتىش رەسمىيىتىنى بېجىرىدۇ، ئەمما مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندىمۇ گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن يىل چەكلىمىسىدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ.

61-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 59-ماددىسى 1-تارمىقىنىڭ 1-تارماقچىسىدا بەلگىلەنگەن تاشيوللار ئىچىدىكى دۆلەت تاشيولىنىڭ ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، گوۋويۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىغا تەستىقلىتىش شەرت؛ دۆلەت تاشيولىدىن باشقا تاشيوللارنىڭ ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىتىش ھەم گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقىغا ئەنگە ئالدۇرۇش شەرت. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى سېتىپ بېرىشنىڭ ئەڭ تۆۋەن پۈتۈشۈش باھاسى دۆلەت ئىلكىدىكى مۈلۈكنى باھالاش ئاپپاراتى باھالىغان قىممەت ئاساس قىلىنىپ بېكىتىلىدۇ.

62-ماددا تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلغان ۋە مەبلەغ سېلىپ تاشيول ياسىغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار قانۇن بويىچە تاشيول ياساش كارخانىسى، تاشيول تىجارىتى كارخانىسى(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ تاشيول تىجارىتى كارخانىسى دېيىلىدۇ) قۇرۇشى لازىم. 

63-ماددا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن قاتناش ھەققى ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ لايىھىسىنى تاشيولدىن ھەق ئالغۇچى ئورۇن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرى بىلەن شۇ دەرىجىلىك مال باھاسى مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بىرلىكتە تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىغا يوللايدۇ. 

64-ماددا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا قاتناش ۋاسىتىلىرىدىن قاتناش ھەققى ئېلىش پونكىتى قۇرۇشنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە تەكشۈرتۈپ تەستىقلىتىش لازىم. ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىن ھالقىيدىغان ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا ۋاستىلىرىدىن قاتناش ھەققى ئېلىش پونكىتى قۇرۇشنى ئالاقىدار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كېڭىشىپ بەلگىلەيدۇ؛ كېڭىشىپ پۈتۈشەلمىسە، گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقى قارار قىلىدۇ. ھەق ئېلىنىدىغان ئوخشاش بىر تاشيولنى ياساشنى ئوخشاش بولمىغان قاتناشقا مەسئۇل تارماق تەشكىللىگەن بولسا ياكى ئۇنىڭغا ئوخشاش بولمىغان تاشيول تىجارىتى كارخانىسى تىجارەت قىلىغان بولسا، «بىر تۇتاش ھەق ئېلىش، نىسبەت بويىچە پىرسەنت ئايرىش» پرىنسىپى بويىچە، بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەق ئېلىش پونكىتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش لازىم. ھەق ئالىدىغان ئىككى پونكىتنىڭ ئارىلىقى گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقى بېكىتكەن ئۆلچەمدىن قىسقا بولسا بولمايدۇ. 

65-ماددا ھەق ئېلىش ھوقۇقى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىلگەن تاشيولنىڭ ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش توختامىدا پۈتۈشكەن مۇددەت توشقاندا، سېتىپ بەرگۈچى ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالىدۇ. 

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن مەبلەغ سېلىپ ياسىغان ھەم ھەق ئېلىپ تىجارەت قىلغان تاشيولنىڭ پۈتۈشكەن تىجارەت مۇددىتى توشقاندا، تاشيولنى ھەقسىز قايتۇرۇۋالىدۇ، ئۇنى ئالاقىدار قاتناشقا مەسئۇل تارماق باشقۇرىدۇ. 

66-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 59-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە بىنائەن ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلغان ياكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار مەبلەغ سېلىپ ياساپ تىجارەت قىلغان تاشيولنى ئاسراش خىزمىتىگە شۇ تاشيول تىجارىتى كارخانلىرى مەسئۇل بولىدۇ. شۇ تاشيول تىجارىتى كارخانلىرى تىجارەت مەزگىلىدە، گوۋۇيۈەننىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلىگەن تېخنىكا قائىدىسى ۋە مەشغۇلات قائىدىسى بويىچە تاشيول ئاسراش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. ھەق ئېلىش ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىش مۇددىتى توشقاندا ياكى تىجارەت مۇددىتى توشقاندا، تاشيول ياخشى تېخنىكىلىق ھالىتىدە بولۇشى لازىم. 

ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن تاشيولنىڭ بويىنى كۆكەرتىش ۋە تاشيول يېرى دائىرىسىدىكى سۇ–تۇپراقنى ساقلاش خىزمىتىگە شۇ تاشيول تىجارىتى كارخانلىرى مەسئۇل بولىدۇ.

1-تارماقتا بەلگىلەنگەن تاشيولنى مەمۇرىي باشقۇرۇشقا مۇشۇ قانۇننىڭ 5-بابىدىكى بەلگىلىمىلەر تەتبىقلىنىدۇ. بۇ تاشيولنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش مەجبۇرىيتىنى ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قاتناشقا مەسئۇل تارماقلىرى ياكى تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىنىڭ ۋاكالەت ئاپپاراتى ۋە خادىملىرى ئادا قىلىدۇ. 

67-ماددا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا مۇشۇ قانۇننىڭ 44-ماددىسنىڭ 2-تارمىقى، 45-48-، 50-ماددىلىرىدا كۆرسىتىلگەن ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار شۇ ماددىلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش كۆرگەندىن باشقا، تاشيول تىجارىتى كارخانىسىغا زىيان يەتكۈزگەنلەر مۇناسىپ تولۇقلىما بېرىشى لازىم. 

68-ماددا ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولنى باشقۇرۇشنىڭ كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا بىنائەن تۈزىدۇ. 

7-باب نازارەت قىلىش-تەكشۈرۈش

69-ماددا قاتناشقا مەسئۇل تارماقلار، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تاشيولغا ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارنىڭ ئىجراسىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىدۇ ۋە تەكشۈرىدۇ. 

sfsf

70-ماددا قاتناشقا مەسئۇل تارماقلارنىڭ، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ تاشيول باشقۇرۇش، قوغداش مەسئۇلىيىتى بولىدۇ، ئۇلار تاشيول يېرىنى، تاشيول قۇشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىش، زىيانغا ئۇچرىتىشقا ئوخشاش تۈرلۈك قىلمىشلارنى ۋە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ باشقا قىلمىشلارنى تەكشۈرۈشكە، توسۇشقا ھوقۇقلۇق. 

71-ماددا تاشيولنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش خادىملىرى تاشيولدا، ئۆي–ئىمارەت سېلىش كونترول قىلىنىدىغان رايوندا، قاتناش ۋاسىتىلىرىنى توختىتىش مەيدانىدا، قاتناش ۋاسىتىلىرى تەۋە ئورۇنلاردا ۋە باشقا ئورۇنلاردا قانۇن بويىچە نازارەت يۈرگۈزگەندە، تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. 

تاشيول تىجارىتى قىلغۇچىلار، تاشيول ئىشلەتكۈچىلەر ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، شەخسلەر تاشيولنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە نازارەت قىلىشى ۋە تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشى ھەم ئۇلارغا قولايلىق يارىتىپ بېرىشى لازىم.

تاشيولنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش خادىملىرى ۋەزىپە ئۆتىگەندە بەلگە تاقىشى، كىنىشكىسى بولۇشى لازىم 

72-ماددا قاتناشقا مەسئۇل تارماق، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى ئۆزىگە قاراشلىق تاشيول نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش خادىملىرىغا بولغان باشقۇرۇش ۋە تەربىيىلەشنى كۈچەيتىشى، تاشيول نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش خادىملىرىدىن دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىنى پىششىق بىلىۋېلىشنى، ئادىل–پاك بولۇشنى، قىزغىن مۇلازىمەت قىلىشنى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلىشى، تاشيول نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىش ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ۋاقتىدا تۈزىتىشى، قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى لازىم. 

73-ماددا تاشيولدا نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان مەخسۇس قاتناش ۋاسىتىلىرىگە بىرلىككە كەلگەن بەلگە ۋە سىگىنال چىرىغى ئورنىتىش لازىم.

8-باب قانۇن جاۋابكارلىقى

74-ماددا قانۇنغا ياكى گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ قىلىپ، تاشيولدا ئۆز بېشىمچىلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى بولمىغانلارغا 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمغا ۋە بىۋاسىتە جاۋابكار باشقا خادىملارغا قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرىدۇ.

75-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 25-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، قاتناشقا مەسئۇل ئالاقىدار تارماقنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش قىلغانلارنى قاتناشقا مەسئۇل تارماق قۇرۇلۇشنى توختىتىشقا بۇيرۇسا ھەم ئۇلارنىڭ 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. 

76-ماددا قانۇنغا خىلاپ تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى قاتناشقا مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ: 

(1) مۇشۇ قانۇننىڭ 44-ماددىسىنىڭ 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلىپ، تاشيولنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىگىلىۋالغان، كولىغانلار؛ 

(2) مۇشۇ قانۇننىڭ 45-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ماقۇللۇقنى ئالماي ياكى تاشيول قۇرۇلۇشىنىڭ تېخنىكىلىق ئۆلچىمىگە دائىر تەلەپكە ئەمەل قىلماي، كۆۋرۈك، نور ياسىغان ياكى تۇربا، كابېل قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى تارتقان، كۆمگەنلەر؛ 

(3) مۇشۇ قانۇننىڭ 47-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاشيولنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىدىغان مەشغۇلات ئېلىپ بارغانلار؛ 

(4) مۇشۇ قانۇننىڭ 48-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاشيولدا تۆمۈر چاقلىق ھارۋا، زەنجىر تاپانلىق ماشىنا–تراكتور ۋە يول يۈزىنى بۇزۇش ئېھتىمالى بولغان باشقا ماشىنا–مېخانىزملارنى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەيدىگەنلەر؛ 

(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 50-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، چەكلەش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئاپتوموبىل كېچىك كېمىسىدە ئۆتكۈزگەنلەر ياكى تاشيولدا چەكلەش ئۆلچىمىدىن ئېشىپ كەتكەن قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئۆز بېشمچىلىق بىلەن ھەيدىگەنلەر؛

(6) مۇشۇ قانۇننىڭ 52-، 56–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاشيول قوشۇمچە ئەسلىھەلىرىنى بۇزۇپ، يۆتكەپ، ئۆزگەرتىپ ياكى ئىمارت سېلىش كونترول قىلىنىدىغان رايوننىڭ بەلگە قوزۇقى، پاسىل قوزۇقىنى بۇزۇپ، يۆتكەپ، تاشيول بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يېتىش ئېھتىمالى تۇغدۇرغانلار. 

77-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 64-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاشيول يۈزىنى بۇزغان، بۇلغىغان ياكى تاشيولنىڭ راۋانلىقىغا تەسىر يەتكۈزگەنلەر، ياكى مۇشۇ قانۇننىڭ 51-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاشيولنى قاتناش ۋاستىلىرى سىناش مەيدانى قىلىۋالغانلارنى قاتناشقا مەسئۇل تارماق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 5000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسابولىدۇ.

78-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 53-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاشيولنى بۇزۇۋېتىپ مەلۇم قىلمىغانلارغا قاتناشقا مەسئۇل تارماق 1000 يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ. 

79-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 54-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاشيول يېرى دائىرسىدە تاشيول بەلگىسىدىن باشقا بەلگىلەرنى ئورناتقانلارنى قاتناشقا مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە ئېلىپ تاشلاشقا بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكۈچىمۇ ئېلىۋەتمىسە، قاتناشقا مەسئۇل تارماق ئېلىۋېتىدۇ، ئۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى ئورناتقۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ sfdf 

80-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 55-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تەستىقلانماي تۇرۇپ تاشيولدا تەكشىلىك ئاچال ئېغىزى كۆپەيتكەنلەرنى قاتناشقا مەسئۇل تارماق ئەسلىي ھالىتىگە كەلتۈرۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ 

81-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 56-ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تاشيولنىڭ ئىمارەت سېلىش كونترول قىلىنىدىغان رايونى ئىچىدە ئىمارەت سالغان، يەر ئۈستى قۇرۇلمىلىرىنى ياسىغان ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تۇرۇبا، كابېل قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى كۆمگەنلەرنى قاتناشقا مەسئۇل تارماق سۈرۈك ئىچىدە ئېلىۋېتىشكە بۇيرۇيدۇ ھەم ئۇلارغا 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ. سۈرۈك ئۆتۈپ كەتكۈچىمۇ ئېلىۋەتمىسە، قاتناشقا مەسئۇل تارماق ئېلېۋېتىدۇ، ئۇنىڭغا كەتكەن خىراجەتنى ئىمارەت سالغۇچى، قۇرۇلما ياسغۇچى ئۈستىگە ئالىدۇ. 

82-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 74-، 75-مادىسىدىكى بەلگىلىمىلەردىن باشقا، مۇشۇ بابتا قاتناشقا مەسئۇل تارماق يۈرگۈزىدۇ ۋە قوللىنىدۇ دەپ بەلگىلەنگەن مەمۇرىي جازا بېرىش ھوقۇقى ۋە مەمۇرىي تەدبىرلەرنى مۇشۇ قانۇننىڭ 8–ماددىسىنىڭ 4-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى يۈرگۈزسە ۋە قوللانسا بولىدۇ. 

83-ماددا تاشيولنى ياساشقا ياكى جىددىي رېمونت قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، تاشيول ياساشنى ياكى ئۇنى جىددىي رېمونت قىلىشنى ئاقستىپ قويغان بولسىمۇ، ئېغىر زىيان كەلتۈرمىگەنلەر ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىنىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

تاشيولنى بۇزۇپ ياكى تاشيول بەلگىلىرىنى ئۆز بېشمچىلىق بىلەن يۆتكىۋېتىپ، قاتناش بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى تۇغدۇرسىمۇ، جىنايى جازا بېرىشكە توشمايدىغانلار ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىنىڭ 20-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

تاشيولنى نازارەت قىلىش–تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىنى رەت قىلغان ۋە ئۇنىڭغا توسقۇنلۇق قىلغان بولسىمۇ، زورلۇق ئىشلىتىش، تەھدىت سېلىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغانلار ئامانلىق باشقۇرۇش بويىچە جازالاش نىزامىنىڭ 19-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە جازالىنىدۇ.

84-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. 

85-ماددا مۇشۇ قانۇندىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ قىلىپ، تاشيولنى زىيانغا ئۇچراتقانلار ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى قانۇن بويىچە ئۈستىگە ئالىدۇ.

تاشيولنى چوڭراق زىيانغا ئۇچراتقان قاتناش ۋاسىتىلىرىنى دەرھال توختىتىش، نەق مەيداننى قوغداش، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتىغا مەلۇم قىلىپ، تاشيول باشقۇرش ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغاندىن كېيىن ھەيدەپ كېتىش شەرت.

86-ماددا قاتناشقا مەسئۇل تارماق، تاشيول باشقۇرۇش ئاپپاراتى خادىملىرىدىن خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلىپ، نەپسانىيەتچىلىك قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە–كەلمەس پايدىلىنىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇن بويىچە مەمۇرىي چارە كۆرۈلىدۇ.

9-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

87-ماددا بۇ قانۇن 1988-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#