شازغەت يېزىسى

شازغەت يېزىسى

شازغەت يېزىسى چىڭ سۇلالىسىنىڭ چيەنلۇڭ 36-يىلى (1771 يىلى) دىن باشلاپ، موڭغۇل لارنىڭ تۇرغۇت قەبىلىسى ئولتۇراقلىشىپ چارۋىچىلىق قىلغان جايى. 76-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى شازغەت خەلق گۇڭشېسى قۇرۇلغان. 84-يىلى 10-ئايدا گۇڭشې شازغەت يېزىسىغا ئۆزگەرتىلگەن. 

ئۇيغۇرچە نامى شازغەت يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
نوپۇسى 3187 ئادەم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 夏孜盖乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شازغەت يېزىسىشازغەت يېزىسى قوبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسى شەرقىي جۇڭغار ئويمانلىقى نىڭ غەربىي شىمال چېتىگە جايلاشقان بىر يېزا ئىگىلىك يېزىسى. يېزىلىق ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جاينىڭ شازغەت كەنت ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 69 كىلومېتىر. شازغەت يېزىسى شەرقىي تەرىپى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى بىلەن قوشنا، جەنۇب تەرىپى قۇربان توڭغۇت قۇملۇقى، سانجى شەھىرى، قۇتۇبى ناھىيەسى، ماناس ناھىيەسى، شىخەنزە شەھىرى، ساۋەن ناھىيەسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي جەنۇبى قاراماي شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي قوشتولغاي بازىرى بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمالىي چاغانكۆل يېزىسى، باغ ئۇتبۇلاق چارۋىچىلىق فېرمىسى، 1-چارۋىچىلىق فېرمىسى بىلەن قوشنا. جۇغراپىيەلىك كوئوردىنات ئورنى شەرقىي مېردىئان 86 گىرادۇس 11مىنۇتتىن 87 گىرادۇس 26 مىنۇت، شىمالىي كەڭلىك 45 گىرادۇس 20 مىنۇتتىن 46 گىرادۇس 15 مىنۇت ئارىلىقىدا بولىدۇ. يېزا قاراشلىق ئومۇمىي كۆلىمى 9935 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. شەھەر تەۋەسىدە بىڭتۈەن يېزا ئىگىلىك 10-شى 184-تۈەن دېھقانچىلىق مەيدانى، 9-ھاۋا ئارمىيە رادار پونكىتى، شىنجاڭ نېفىت باشقۇرۇش ئىدارىسى شازغەت نېفىتلىكى قوماندانلىق شىتابى، شىنجاڭ ھەربىي رايونى شياۋزىگەي تۇزچىلىق مەيدانى بار. بۇ يېزا تەۋەلىكىدە ئون مەمۇرىي كەنت بار. يېزىدا 1067 ئائىلىلىك 3187 ئادەم. بۇنىڭ ئىچىدە، دېھقان ئائىلىلىرى 845، 2815 ئادەم؛ شەھەر-بازار ئاھالىسى 5222 گە، خىزمەتچىسى 1372 گە يەتكەن. خەنزۇ لار 2524 ئادەم، %79 نى، موڭغۇل لار 608 گە يېتىپ، %19 نى ئىگىللەيدۇ، خۇيزۇ 37 ئادەم، مياۋزۇ 12 ئادەم، مانجۇ ئالتە ئادەم، جەمئىي %2 نى ئىگىلەيدۇ.

شازغەت يېزىسىشازغەت يېزىسىدا كۆپ خىل ئۇچار قاناتلار ۋە ھايۋانلار بار، ئاساسلىقى تۈلكە، بۆرە، موڭغۇل جەرىنى، ياۋا توڭگۇز، ئارقار، بۇغا-مارال، سۈلەيسۈن، ياۋا تۆگە، تاغ ئۆچكىسى، قاشقىئوغلاق، ئاغمىخان، سېرىق ئاكاتسىيە، يالمانتاقتاق، پوقاق بۆكەن، يىلان، يەنە بۈركۈت، قىرغاۋۇل، قۇر (قۇش) چىل، سېغىزخان قاتارلىق نەچچە ئون خىل قۇشلار بار. 

يايلاقتا، جاڭگال چۆل ئىچىدە، 100 خىلدىن ئارتۇق دورا ئۆسۈملۈكلىرى ئۆسىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە يەر مەدىكى، گۆش نىلۇپەر، سېرىق كەتىرا، پەربۇن (تار يوپۇرماقلىق پەربۇن)، تاغدېنى، لوپنۇر كەندىرى، شۇمبۇيا، قىرىق بوغۇم، ئېفېدرا، ئېتىزلىق قىرىق بوغۇمى، ئۇدۇمگۈل، قورچاققول، تىكەنلىك ئازغان، ياۋا چۇغلۇق، ھىندى جۇخارگۈلى، كاپكاپ، پاقىيوپۇرماق ئۇرۇقى، بايناق، چۈچۈكبۇيا قاتارلىقلار ناھايىتى كەڭ تارقالغان. يۈسۈن تۈرىدىكى ئۆسۈملۈكلەر يەنە قارا يۈسۈن، بىر خىل داڭلىق تائاملار، ئوزۇقلۇق ماددىغا باي، تەمى يېڭىچە ھەم تەملىك، ئېكسپورت ئارقىلىق تاشقى پېرېۋوت قىلىنىدۇ. 

كان مەھسۇلاتلىرىدىن كۆمۈر، ئاشتۇز، تازىلانغان شور، پېڭخۇ ماخىلۇس توپا، ھاك تاش، كۋارتسلىق قۇم، تاش مۇم، قاراماي، نېفىت، ھېقىق، موداۋشى، سېغىز توپا، يەنە قىزىل، سېرىق، كۆك، ئاق قاتارلىق ھەر خىل رەڭلىك تۇپراقلار بار. 

شازغەت يېزىسىئەتىيازدا تېمپىراتۇرا نىسبەتەن مۇقىم، 3-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا قارلار ئېرىپ بۇغداي تېرىشقا بولىدۇ، 4-ئاينىڭ ئاخىردا مۇزلۇق تۇپراق ئىرىپ تېرىلغۇنىڭ ئالدىراش پەسلى بولىدۇ. ياز پەسلىدىكى قاتتىق ئىسسىق، ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃24.1 . كۈزدە تۆۋەنلىشى تېز بولۇپ، ئونىنچى ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا دەسلەپكى قىراۋ باشلىنىدۇ، 11-ئاينىڭ ئاخىرلىرى قويۇق قىرو مەزگىلى، مۇز تۇتۇشقا باشلايدۇ. قىش پەسلىدە قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى ℃2. يەتتىنچى ئايدا ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃25.4، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃32.8. 1-ئايدىكى ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃17.9-، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃27.8-. قىراۋسىز مەزگىلى بىرقەدەر ئۇزۇن، ئوتتۇرىچە 151 كۈن، ئەڭ ئۇزۇنى 181 كۈن، ئەڭ قىسقا 148 كۈن بار. 

شازغەت يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاساس قىلىدۇ، ئىشلەپچىقارغان كېۋەز، بۇغداي، قوناق، مايلىق دان، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، دېھقانچىلىق رايونلىرىدا يېزا ئىگىلىكى ماشىنىلىشىش، تۇرۇبا سۈيى، سۇغۇرۇش سەۋىيىسى يۇقىرى.

شازغەت يېزىسىشازغەت يېزىسى ئاپتونوم ناھىيىلىك يېزا ئىگىلىك يېزىسى، 30 مىڭ مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر بار، ئاساسلىقى كېۋەز تېرىشنى ئاساس قىلغان، يېزا ئىگىلىك رايونىدا چارۋىچىلىقنى ۋە 2-، 3-كەسىپلەرنى قوشۇمچە قىلغان. 

2009-يىلى، يېزا بويىچە پاختا ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 6000 توننىغا يەتكەن. ستاتىستىكا ئارقىلىق، يېزا بويىچە يېزا ئىقتىسادىنى ئومۇمىي كىرىمى 4549.36 يۈەنگە، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 9441 يۈەن، ئالدىنقى يىلدىكىدىن 630 مىڭ يۈەن ئاشقان. 

يېقىندىن بېرى، شازغەت يېزىسى پارتكوم، ھۆكۈمەت يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆججەت روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى زىچ چۆرىدەپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ يېزا ئىگىلىك خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ئۇل ئەسلىھەلەر تېخىمۇ ياخشىلانغان، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم كىرىمىنى ئاشۇرۇشتا ياخشى ۋەزىيەت بارلىققا كەلگەن. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#