كورلا نەشپۈتى
نەشپۈت ئالاھىدىلىكى بولسا ئۆتكۈر خۇش پۇراق ، تېرىسى نىپىز ،شىرنىسى كۆپ تاتلىق چۈچۈك ، ساپ تەملىك ، شىنجاڭدىكى ھەرخىل نەشپۈتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ .
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
كورلا نەشپۇتى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى سۈپىتى ئەڭ ياخشى يەرلىك سورت بولۇپ ، جەنۇبىي شىنجاڭ ، ئىلى ، تۇرپاغ رايۇنلىرىدا ئۆستۇرۇلىدۇ . ئاساسلىقى كورلا ، ئاقسۇ رايۇنلىرىدا كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ ، شىياڭگاڭ ، تايلاند ، سىنگاپور ، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئىكىسپورت قىلىنىدۇ .
كورلا نەشپۇتىبۇ سورتنىڭ دەرەخ تاجى چوڭ 20 يىل بولغان دەرەخنىڭ ئېگىزلىكى بەش مېتىر ، دەرەخ تاجىنىڭ دىئامېتىرى3.6-2.4 مېتىر ، بىخلىنىشى كۈچلۈك ، شاخلىنىشى ئوتتۇراھال ، مېۋىگە كىرىشى بالدۇر ، ئادەتتە تىكىپ تۆت يىلدىن كېيىن مېۋىگە كىرىدۇ . ئاساسلىق قىسقا مېۋە شېخىدا مېۋە بولىدۇ ، ھەر يىللىق مەھسۇلات بىرىشى بىرقەدەر تۇراقلىق . بۇ خىل سورتنىڭ يۇپۇرمىقى تۇخۇمسىمان بولۇپ ، ئۇزۇنلۇقى 12 سانتىمتېر ، كەڭلىكى 6.5 سانتېمېتىر ،يوپۇرماق ساپاق ئۇزۇنلۇقى 3.5 سانتىمېتىر كېلىدۇ . مېۋە شەكلى ئىللىپىسسىمان يەككە مېۋە ئېغىرلىقى % 11.13 ، سۇ مىقدارى % 84.9 ئەتراپىدا ، سۈپىتى ناھايىتى ياخشى .
بۇ خىل سورت كورلا رايۇنىدا 3 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى بىخلىنىپ ، 4 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا چىچەكلەيدۇ ، 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ ، 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى يىغىۋىلىنىدۇ . ساقلاشقا ۋە توشۇشقا چىداملىق بولۇپ ، ياخشى ساقلىسا ، 2 - يىلى 3 - 4 - ئايلارغىچە بازارنى تەمىنلىگىلى بولىدۇ .
نەشپۈت دەرىخنىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بۇلىدۇ ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 200 يىلغا بارىدۇ . شىنجاڭ نەشپۈتق 1500 يىللىق پەرۋىش قىلىش تارىخىغا ئىگە ، « غەربى پايتەخت خاتىرلىرى » ، « ئۇلۇغ تاڭ دەۋرىدىكى غەربى يۇرت خاتىرلىرى » ئىچىدە خاتىرە قالدۇرغان . يېقىنقى يېلدا بەزىلەر « غەربگە ساياھەت» تىكى ئادەمگىياھ دەرىخى نەشپۈت دەرىخىنىڭ دېدۇكسىيەسى دىگەن .[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
شىنخۇا تورى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.