«ئىچسە لى بەي شارابنى تۆكۈلىدۇ شېئىر، چاڭئەن شەھىرىدە قاۋاقلار كېتەر ئۇخلىشىپ. تەڭرىنىڭ ئەركىسى كېلىپ كېمىسىز، «شاراب ئىلاھىمەن» دەيدۇ ماختىنىپ.» بۇ دۇ فۇنىڭ لى بەي توغرىسىدا يازغان بىرنەچچە مىسراسى، ئۇ خۇددى بىر تېز سىزما سۈرەتتەك لى بەينىڭ يۈگەنسىز ئاتتەك ئۆزىنى ئەركىن قويۇۋېتىدىغان، يۇقىرى ھوقۇقدارلاردىن قورقمايدىغان خاراكتېرىنى تەسىرلىك، ئوبرازلىق ئىپادىلەپ بەرگەن.

ئۇيغۇرچە ئىسمى لى بەي
خەنزۇچە ئىسمى 李白
باشقا نامى 李太白、李十二、李翰林、李供奉、李拾遗
كەسپى شائىر
تۇغۇلغان ۋاقتى 701-يىل 2-ئاينىڭ 8-كۈنى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 762-يىل 12-ئاينىڭ 6-كۈنى
مىللىتى خەنزۇ
تەخەللۇسى تەي بەي

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

لى بەي 701-يىلى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى تۇغۇلغان. تەخەللۇسى تەي بەي، لەقىمى چىڭ ليەن جۈشى. ئاتا-بوۋىسىنىڭ يۇرتى لۇڭشى چىڭجى (ھازىرقى گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ تيەنشۈي ناھىيىسى ئەتراپىدا). ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ سۇياب شەھىرى (ھازىرقى قىرغىزىستاننىڭ توقماق شەھىرى) دە بىر سودىگەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. لى بەي بەش ياش ۋاقتىدا تۈركلەر سۇيابنى بېسىۋالغاندىن كېيىن ئائىلىسى بىلەن شەرققە كۆچۈپ، شۇ بەگلىكىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى جىنجۇنىڭ چاڭلۇڭ ناھىيەسى (ھازىرقى سىچۇەننىڭ جياڭيۇ ناھىيىسى) نىڭ چىڭليەن يېزىسىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇ كىچىكىدىلا ناھايىتى ئەقىللىق ئىدى، نۇرغۇن كىتابلارنى بىر-ئىككى قېتىم كۆرۈپلا مېڭىسىگە ئورنىتىۋالاتتى، لېكىن ئۇ ئويۇنغا ئامراق ئىدى، ئوقۇۋېتىپلا تىرىشقۇسى كەلمەي قالاتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بىر كۈنى ئۇ بىر موماينىڭ بىلەكتەك توملۇقتىكى لوم تۆمۈرنى يىڭنە قىلىمەن دەپ بىلەيگە ھە دەپ سۈركەپ ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ قالغان. لى بەي ھەيران بولۇپ: «شۇنچە توم لوم تۆمۈرنى بىلەپ قاچانمۇ يىڭنە قىلىپ بولارسىز؟» دەپ سورىغان. موماي تولۇق ئىشەنچ بىلەن: «پەقەت توختىماي بىلەۋەرسەملا، ھامان بىر كۈنى يىڭنە بولىدۇ» دېگەن. بۇ ۋەقەدىن لى بەي: «ئەجىر قىلسىلا، لوم تۆمۈرنى يىڭنە قىلغىلى بولىدىكەن، ئۆگىنىشمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئەمەسمۇ!» دېگەن چوڭقۇر ھەقىقەتنى چۈشىنىۋالغان. شۇنىڭدىن تارتىپ ئۇ قېتىرقىنىپ ئۆگەنگەن، بىلىمىمۇ ناھايىتى چوڭقۇرلاشقان.

كىتابتىن ئۆگەنگەندىن سىرت، لى بەي يەنە جەمئىيەتتىنمۇ ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. ئۇ ئۆمرىدە سەنشيادىن چىقىپ خۇبېيغا كىرىپ، دۇڭتىڭخۇ كۆلىنى سەيلە قىلىپ، لۇشەنگە چىقىپ، ياڭجۇغا بېرىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىككە بېرىپ، شەرقىي لۇ بەگلىكىنى زىيارەت قىلىپ، سەنشىگە كىرىپ، . . . ۋەتەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىنى كېزىپ چىققان، مەشھۇر قەدىمىي يادىكارلىقلارنى زىيارەت قىلغان، ئۆزىنىڭ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتكەن، بۇلار ئۇنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىنى يېزىپ تۈگەتكۈسىز خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگەن.

تيەنباۋنىڭ تۇنجى يىلى (742-يىلى) پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ لى بەينى قوبۇل قىلغان ھەم ئۇنى ئەدەبىي ياساۋۇللۇققا تەيىنلەپ ھۆرمەت كۆرسىتىپ، مەخسۇس ئوردىدا شېئىرىي ئەسەرلەرنى يېزىشقا قويغان. لى بەي ئەسلىدە ئۆزىنىڭ جاھاننى تۈزەش ئۇلۇغۋار ئارزۇسى تېز ئارىدا ئەمەلگە ئاشىدىغان بولدى، دەپ ئويلىغان، لېكىن چىرىگەن ئوردىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى ئۇنى ئاستا-ئاستا ئويغاتقان، خان ئۇنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ھەقىقىي ئەستايىدىل ئاڭلاپ باقماستىن، ئۇنىڭغا پەقەت «ياللانما ئەدىب» قاتارىدىلا مۇئامىلە قىلغان. كاتتىلار ئۇنى تېخىمۇ كۆزىگە قادالغان مىخ دەپ قاراپ، ھەممىلا يەردە ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان. لى بەي ئىنتايىن ئۈمىدسىزلەنگەن، شۇڭا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوردىدىن كېتىشنى تەلەپ قىلىپ، ساياھەت قىلىش ۋە ئىجاد قىلىش ھاياتىنى يەنە باشلاپ، كىشىنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان، مەڭگۇ مەدھىيىلىنىدىغان نۇرغۇنلىغان شېئىرلارنى يازغان.

لى بەي ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئۆڭلۈك-سۆيگۈن توپىلىڭىغا قاتناشقانلىقتىن، تۆھمەتكە ئۇچراپ زىندانغا تاشلانغان، سۈرگۈنگە كېتىۋاتقان يولدا قۇتۇلدۇرۇۋېلىنىپ قايتىپ كەلگەن. باۋ يىڭنىڭ تۇنجى يىلى (762-يىلى) تاۋۇز چاغىنىدا كېسەل بولۇپ يېتىپ قېلىپ، ئورنىدىن تۇرالماي قالغان. سوغۇق شامال غۇيۇلداپ تۇرغان بىر چاغدا، بۇ شېئىر پىرى ئېچىنىشلىق ھالدا بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان.

ھازىرغىچە لى بەينىڭ شېئىرلىرىدىن 990 نەچچە پارچىسى ساقلىنىپ قالغان، ئۇ شېئىرلاردا مەردانىلىك ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئالاھىدە بىر ئۇسلۇبتا يېزىلغان. داڭلىق يۈرۈشلۈك شېئىر «كونا شېئىر» دا ئوردىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ ئىللەتلىرى، ئىرادىلىك كىشىلەرنىڭ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشقا ئىمكانىيەت يوقلۇقى تەنقىد قىلىنىدۇ؛ يۆفۇ ۋەزنىدىكى «يوللار قىيىن»، «لياڭ فۇغا بېغىشلاپ»، «قەدەھ تۇتۇش» قاتارلىقلاردا قابىلىيىتى تۇرۇقلۇق ئۇنى ئىشقا سالالمىغانلىقى ئۈچۈن ھەسرەت چەككەنلىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن؛ «كۈزدە شۇەنچىڭ سېپىلىغا چىقىپ، شىمالىي راۋاقتا ئاينى تاماشا قىلىش»، «لۇشەن شارقىراتمىسىنى تاماشا قىلىش»، «چۈشۈمدە ئەرشنى سەيلە قىلىپ، بۈزۈرۈكۇم بىلەن ئايرىلىشتىم» قاتارلىق شېئىرلىرىدا تەسەۋۋۇرغا باي ئاجايىپ قەلىمى بىلەن ۋەتەننىڭ گۈزەل تاغ-دەريالىرىنى تەسۋىرلىگەن. گەرچە لى بەينىڭ بەزى شېئىرلىرىدا ئۆمۈرنى چۈشكە ئوخشىتىپ، ھاراق بىلەن كۆڭلىنى خۇش قىلىدىغان چۈشكۈن كەيپىيات يوشۇرۇنغان بولسىمۇ، لېكىن، جەمئىيەتنىڭ ۋە سىياسىينىڭ زۇلمەتلىك تەرىپىدىن نارازى بولۇپ، مەنىۋى، جىسمانىي ئەركىنلىك ۋە ئازادلىققا ئىنتىلىدىغان، جاسارەت بىلەن يۇقىرى ئۆرلەيدىغان روھ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنىڭ ئاساسىي مېلودىيىسى ھېسابلىنىدۇ. 

لى بەي جۇڭگو ئەدەبىيات تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ شائىرلارنىڭ بىرى، ئۇ دۇ فۇ بىلەن بىللە «لى − دۇ» دەپ ئاتىلىپ، ئەۋلادلارنىڭ شېئىر ئىجادىيىتىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#