پېنىتسىللىن
پېنىتسىللىن داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى ئانتىبئوتىك، ئالېكساندېر فلېمىڭ (1881- 1955) ئۇنى بايقىغاندىن بۇيان، ئۇ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋالدى، ئۇ تا ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالىشىنىڭ ياخشى دورىسى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
پېنىتسىللىن داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى ئانتىبئوتىك، ئالېكساندېر فلېمىڭ (1881-1955) ئۇنى بايقىغاندىن بۇيان، ئۇ سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇۋالدى، ئۇ تا ھازىرغىچە ئىنسانلارنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالىشىنىڭ ياخشى دورىسى.
1928-يىلى فلېمىڭ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ بايقىشىنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تەجرىبىخانىسىدا بىر خىل زەمبۇرۇغ بىلەن يۇقۇملىنىشنى مەخسەت قىلغان باكتېرىيە يېتىشتۈرۈش تەجرىبىسى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، زەمبۇرۇغ ئەتراپىدا باكېترىيە يوق بىر دائىرە بارلىقىنى بايقىغان. فلېمىڭ بۇنىڭدىن مۇنداق ھۆكۈم چىقارغان؛ ئاشۇ خىل زەمبۇرۇغ بىر خىل زەھەرلىك ماددا ئىشلەپ چىقىرىپ، باكتېرىيىنى ئۆلتۈرگەن، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇ يەنە بۇنداق زەمبۇرۇغنىڭ يەنە بىر نەچچە خىل باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش رولى بولغان زەھەرلىك ماددىنى ئىشلەپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. فلېمىڭ زەمبۇرۇغنىڭ نامى بىلەن بۇ خىل زەھەرلىك ماددىنى «پېنىتسىللىن» دەپ ئاتايدۇ ھەمدە ئۇنىڭ ئادەم ۋە ھايۋانغا زىيىنى يوقلۇقىنى بايقىغان.
پېنىتسىللىننىڭ بايقىلىشى باشقا باكتېرىيىگە قارشى دورىلارنى تەتقىق قىلىش خىزمىتىگە ئىلھام بولغان. شۇنىڭ بىلەن باكتېرىيىگە قارشى نۇرغۇنلىغان ئاجايىپ-غارايىپ دورىلار بايقالدى. بىراق، پېنتسىللىن ئەڭ كەڭ تارقالغان ۋە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئانتىبئوتىك دورىدۇر.
پېنتسىللىننىڭ باكتېرىيىگە قارشى ئاساسلىق دورا سۈپىتىدە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلىتىلىشىدىكى سەۋەب، ئۇ كۆپ خىل باكتېرىيىلەرنى يوقىتالايدۇ، ئۇنى سىفىلىس، سۆزنەك، سكارلاتىنا، بوغما، يەللىك گانگرېنانى داۋالاشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۇندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ بىلەن ھەر خىل ياللۇغلىنىشلارنى، مەسىلەن، بۇغۇم ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى، مىڭە پەردە ياللۇغى(مېنىنگىت) ، قان زەھەرلىنىش كېسىلى، كۆز يارىسى، سۆڭەك ياللۇغى، كاناي ياللۇغى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن كېسەللەرنى داۋالاشقا بولىدۇ.
پېنىتسىللىننىڭ يەنە بىر پايدىلىق يېرى شۇكى، كېسەل داۋالاشتا ئىشلىتىلىش مىقدارىنىڭ پەرقى ناھايىتى زور. كۈنىگە 50 مىڭ مىقداردا ئۇرسا بەزى كېسەللىكلەرگە شىپالىق بېرىدۇ، كۈنىگە 100 مىليون مىقداردا ئۇرسىمۇ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ. قىسمەن ئادەملەرنىڭ پېنىتسىللىنگە رېئاكسىيە بېرىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، بىراق بۇ ھامىنى ئاز سانلىقلارنى تەشكىل قىلىدۇ. كۆپ ساندىكى بىمارلارغا پېنىتسىللىن شىپالىق بېرىدۇ.
پېنىتسىللىن مىليونلىغان ئادەملەرنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، فلېمىڭنىڭ ئورنى زور دەرىجىدە كۆتۈرۈلدى. گەرچە چېنېن بىلەن فىلورى بۇ شۆھرەتتىن بەھرىمەن بولۇشقا ھەقلىق بولسىمۇ، بىراق پېنىتسىللىننىڭ بايقىلىشى يەنىلا فلېمىڭگە مەنسۇپ، ئەگەر فلېمىڭ بولمىغان بولسا پېنىتسىللىننىڭ بايقىلىشى يەنە نەچچە يىل كېچىككەن بولاتتى.
1945-يىلى، فلېمىڭ، ئەنگلىيە لىك خوۋارد فلورېي ۋە گېرمانىيە لىك ئېرنىست چاين ئۈچ ئادەم بىرلىكتە نوبېل فىزىئولوگىيە ۋە نوبېل مېدىتسىنا مۇكاپاتى غا ئېرىشكەن.
رېتسىپلىق دورا تۈرىگە كىرىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.