دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى

دۇنيا ستۇدىنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى

دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى خەلقئارا ستۇدېنتلار تەنتەربىيە بىرلەشمىسى ئۆتكۈزىدىغان دۇنياۋى ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت يىغىنى بولۇپ، پەقەتلا ستۇدېنتلار قاتنىشىدۇ. ئۇنىڭ «كىچىك ئولىمپىك» دېگەن نامى بار.

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى
خەنزۇچە نامى 世界大学生运动会

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

دۇنيا سىتۇدىنتلار تەنھەرىكەت يىغىنىئەڭ بالدۇرقى خەلقئارالىق ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى 1923-يىلى فرانسىيىنىڭ دول شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن. كېيىن ۋارشاۋا، رىم قاتارلىق جايلاردىمۇ ئۆتكۈزۈلگەن، ئەمما ئۇ ۋاقىتتا قاتناشقان دۆلەتلەر كۆپ ئەمەس، تۈرلەرمۇ ناھايىتى ئاز بولغان. 1938-يىلىدىن كېيىن، 2-دۇنيا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن تەنھەرىكەت يىغىنى ئۈزۈلۈپ قېلىپ، 1947-يىلىغا كەلگەندە يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن. 1957-يىلى فرانسىيە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن پارىژدا خەلقئارا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى ۋە خەلقئارا مەدەنىيەت بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش بايرىمى ئۆتكۈزگەن. يىغىنغا قاتناشقان30 نەچچە دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بۇنىڭدىن كېيىن قەرەللىك ھالدا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى ھەمدە پرىنسىپ جەھەتتىن ھەر ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈشنى بىردەك ماقۇللىغان. مۇسابىقە جەمئىي توققۇز تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان: يېنىك ئاتلېتىكا، سۇ ئۈزۈش، سۇغا سەكرەش، سۇ توپ، گىمناستىكا، شەمشەرۋازلىق، تېننىس، ۋاسكېتبول، ۋالىبول. ساھىبخان دۆلەت يەنە بىر تۈرنى قوشۇشقا ھوقۇقلۇق بولغان.

تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنى 1959-يىل 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئىتالىيىنىڭ تورىنو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئېلىمىز يېنىك ئاتلېتىكا قىسمىدىكى بەزى تۈرلەرنىڭ مۇسابىقىسىگە قاتناشقان. 1961-يىلىدىكى 2-نۆۋەتلىكتىن8-نۆۋەتلىككىچە ئېلىمىز كوماندا ئەۋەتمىگەن. 1975-يىلى ئېلىمىز بولغارىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك دۇنيا ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنىغا قاتناشقان. بۇ قېتىملىق يىغىندا جەمئىي 10 تۈردە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئېلىمىز پەقەتلا ئۇنىڭ تۆت تۈرىگە قاتنىشىپ خېلى ياخشى نەتىجىگە ئىگە بولغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىرقانچە نۆۋەتلىك ستۇدېنتلار تەنھەرىكەت يىغىنىدا ئېلىمىز ماھىرلىرى كۆپ قېتىم گىمناستىكا، سۇغا سەكرەش، ئاياللار ۋالىبول تۈرلىرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#