شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى

ئەسلى ئاساسىي 1906-يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ پېداگوگىكا مەكتىپى ئىدى. 1978-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى 1-دارىلمۇئەللىمىن ئاساسىدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان.

ئۇيغۇرچە نامى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى
خەنزۇچە نامى 新疆教育学院
مەكتەپ مۇدىرى ئەيسا سادىق
قاراشلىق رايون جۇڭگو شىنجاڭ
بۇرۇنقى نامى شىنجاڭ پېداگوگىكا مەكتىپى
قۇرۇلغان ۋاقتى 1978-يىلى
چەتئەلچە نامى XinJiang Education Institute

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىئەسلى ئاساسىي 1906-يىلى قۇرۇلغان شىنجاڭ پېداگوگىكا مەكتىپى ئىدى. 1978-يىلى 9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئەسلىدىكى ئۈرۈمچى 1-دارىلمۇئەللىمىن ئاساسىدا شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى قۇرۇلغان. 1984-يىلى 4-ئايدا، شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىغا قوشۇۋېتىلگەن. لېكىن سىرتقا نىسبەتەن شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دېگەن نامنى ساقلاپ قالغان، مەكتەپ ئىچىدە رادىئو-تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشخانىسى تەسىس قىلىنىپ، بىر يۈرۈش ئورگان ئىككى خىل ۋىۋىسكىدىن ئىبارەت باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى شەكىللەندۈرۈلگەن. 1999-يىلى شىنجاڭ رادىئو-تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، رادىئو-تېلېۋىزىيە پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىشخانىسىنىڭ ئىسمى ئىشتىن سىرتقى سىرتتىن ئوقۇتۇش بۆلۈمىگە ئۆزگەرتىلدى. شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مۇئەللىملىرى ۋە مائارىپ باشقۇرۇش كادىرلىرىغا قارىتا سىرتتىن ئوقۇتۇش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشقا مەسئۇل بولدى. 1999-يىلى 9-ئايدا ئاپتونوم رايوننىڭ تەستىقلىشى بىلەن شىنجاڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز مائارىپ تەتقىقات مەركىزىي، ش ئۇ ئا ر مائارىپ باشقۇرۇش كادىرلىرى تەربىيىلەش مەركىزىي مۇشۇ مەكتەپتە قۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا 

باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرى ئۈزلۈكسىز تەربىيىسىنى ھەم مائارىپ باشقۇرۇش كادىرلىرىنى تەربىيىلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. 

شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتىمەكتەپ خىزمەتتىكىلەرنى تەربىيىلەشنى ئاساس، خىزمەتتىن بۇرۇنقى تەربىيىنى قوشۇمچە قىلىپ، تولۇق ۋە مەخسۇس كۇرسنى بىرلەشتۈرۈش، ئوقۇش تارىخى مائارىپى بىلەن خىزمەت ئارقىلىق ئوقۇتۇش، ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشتىن ئىبارەت «ئۈچنى تۇتاشتۇرۇش» تەربىيىسى ھەمدە ھاۋالىگە ئاساسەن تەربىيىلەش قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ئۆلچەملىك، كۆپ شەكىللىك مەكتەپ باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، تەربىيىلەش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەن.

شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئوقۇتۇش خەنزۇ، ئۇيغۇر، قازاق تىللىرىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە مەكتەپ مائارىپ باشقۇرۇش، بالىلار مائارىپى، ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتى، خەنزۇ تىلى ئەدەبىياتى، قازاق تىلى ئەدەبىياتى، سىياسەت، تارىخ، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، ئېلېكترلەشكەن ئوقۇتۇش، ئىنگلىز تىلى، خەنزۇ تىلى، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە، ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلار مائارىپى قاتارلىق 19 خىل پېداگوگىكا تۈرىدىكى كەسىپلەرنى؛ گۈزەل سەنئەت، زىننەتلەش، كاتىباتلىك، كومپيۇتېر، مالىيە بوغالتىرلىق، خەنزۇ تىل تەرجىمانلىقى، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنى لايىھىلەش قاتارلىق باشقا كەسىپتىن ئالتىنى تەسىس قىلغان.

شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى1999-يىلى شەرقىي جۇڭگو پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە مائارىپ ئىقتىسادشۇناسلىقى ۋە باشقۇرۇش كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىق بىلىم ئاشۇرۇش سىنىپى ئاچقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دۆلەتنىڭ نامرات رايونلار مەجبۇرىي مائارىپ قۇرۇلۇشىنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى تەربىيىلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.

1999-يىلدىكى مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ئوقۇتقۇچى 262 نەپەر، مۇئاۋىن ئالىي دەرىجىدىن يۇقىرى ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 95 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئۇنۋانغا ئىگە ئوقۇتقۇچى 197 نەپەر. ئوقۇغۇچى سانى 20512 نەپەر (ئىشتىن ئايرىلىپ ئوقۇۋاتقانلار 1856 نەپەر) ،  مەكتەپ قۇرۇلغاندىن بۇيان پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى 35760 نەپەر.

تاماملىغان ئىلمىي تەتقىقات تۈرى 1629 تۈرلۈك، بۇنىڭ ئىچىدە 81 تۈرلۈك ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى مەملىكەت ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئىنستىتۇت قارمىقىدا تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتەپ تەسىس قىلىنغان. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 92000 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 68000 كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 200000 پارچىدىن ئارتۇق. 

پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى : لى چىڭ 

مەكتەپ مۇدىرى، پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى : ئەيسا سادىق  

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجسى : مىجىت ئەبەي 

پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى : يەن كېپېي  

پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر : دولقۇن ئوسمانجان 

پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر : رېن كەيشياڭ 

پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر  : ۋەن خوڭخۇي 

مۇئاۋىن مۇدىر : خۇ شاۋچىياڭ 

ماتېماتىكا ئىنستىتۇتى 

قوش تىل ئىنستىتۇتى 

مائارىپ ئىلمى ئىنستىتۇتى 

فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى 

گۈزەل سەنئەت ئىنستىتۇتى 

مۇزىكا ئىنستىتۇتى 

ئۇچۇر ئىلمى ۋە تېخنىكىسى ئىنىستىتۇتى 

چەت ئەل تىلى ئىنستىتۇتى، ئىلمىي مائارىپ ئىنستىتۇتى 

كەسىپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتى 

ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى ئىنستىتۇتى 

تەنتەربىيە ئىنستىتۇتى 

ئىدىيىۋى - سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى  [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#