ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخلەر

ئەجدىھا دەرىخى
شىمالىي ئافرىقا دېڭىز قىرغىقىدىن ئانچە يىراق بولمىغان كانارى تاقىم ئارىلىدا ئەجدىھا دەرىخى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئۆمرى 10 مىڭ يىلغا يېتىدۇ، مانا شۇ دەرەخ ئىسمى-جىسمىغا لايىق «10 مىڭ ياشلىق بوۋاي» ھېسابلىنىدۇ. 

ئۇيغۇرچە نامى ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخلەر
خەنزۇچە نامى 长寿命树

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئارچا دەرىخىھازىر ئىنسانلار ئىچىدە ھايات تۇرۇۋاتقان ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگۈچىلەرنىڭ يېشى تەخمىنەن 110 نەچچە ياش بولۇۋاتىدۇ. ھايۋانات ئىچىدىكى ئۆمۈر چولپىنى تاشپاقا بولۇپ، ئەڭ ئۇزۇن ياشىغانلىرىنىڭمۇ 300 يىلدىن ئاشمايدۇ. ئاتالمىش «تاشپاقا مىڭ يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ» دېگەن سۆز ئەمەلىيەتتە ئىشەنچىسىز، چۈنكى نۇرغۇن تاشپاقىلارنىڭ يېشى پۈتۈنلەي مۆلچەر بويىچە ئېيتىلغان. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ تاشپاقىنىڭ يېشى دەرەخنىڭ يېشىغا قارىغاندا يەنىلا ھېچقانچە چوڭ ئەمەس.

ئېلىمىزدىكى ئادەتتە دائىم ئۇچرايدىغان دەرەخلەرنى ئالساق، ئالما دەرىخى 100-200 يىل، نەشپۈت دەرىخى 300 يىل، ياڭاق دەرىخى 300-400 يىل، زەرەڭ 400-500 يىل، ئاق تېرەك بىلەن قارىغاي 500-600 يىل، كامفارا دەرىخى 800 يىل، ئەنجۈر 1000 يىل، ھىمالايا كېدرى 2000 يىل، شەرقىي شىمال قارىغىيى بىلەن ئارچا 3000 يىل ياشىيالايدۇ. پەقەت نەچچە ئون يىللا ياشايدىغان دەرەخلەرنى قسىقا ئۆمۈرلۈك دەرەخلەر دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.

ئەجدىھا دەرىخىئەگەر باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇزۇن ئۆمۈرلۈك دەرەخلەرگە سېلىشتۇرساق، يۇقىرىدا ئېيتىلغان بۇ دەرەخلەرنى پەقەت «ئۇكىسى» دېيىشكە بولىدۇ. ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى «دۇنيا بوۋىسى» دەرىخىنىڭ ئۆمرى 4000 يىلغا يېتىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تۈپ «دۇنيا بوۋىسى» گەرچە 7800 يىل ياشىغان بولسىمۇ 21-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدا يىقىلىپ چۈشۈپ ئۆلگەن. لېكىن «دۇنيا بوۋىسى» مۇ ھەقىقىي قېرى ئۆمۈر چولپىنى ھېسابلانمايدۇ. شىمالىي ئافرىقا دېڭىز قىرغىقىدىن ئانچە يىراق بولمىغان كانارى تاقىم ئارىلىدا ئەجدىھا دەرىخى دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل دەرەخ بولۇپ، ئۆمرى 10 مىڭ يىلغا يېتىدۇ، مانا شۇ دەرەخلا ئىسمى-جىسمىغا لايىق «10 مىڭ ياشلىق بوۋاي» ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، دەرەخلەرنىڭ ئەمەلىي ئۆمرى يەنە تەبىئىي ۋە سۈنئىي ئاپەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغاچقا، ھەر بىر تۈپ دەرەخ ئاشۇنداق كۆپ يىل ياشىيالمايدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#