پېروكاچىن

پېروكاچىن

بېلگىيىلىك ئالىم پېروكاچىن (1917-) «خوراش قۇرۇلمىسى» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى چوڭ ساھەنى تۇتاشتۇردى. مەيلى فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە، مېدىتسىنا، دېھقانچىلىق ئىلمى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بولسۇن ياكى پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىقلار بولسۇن، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن ئالمىشىش ئارقىلىق مۇرەككەپ سىستېمىلىق تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىگە چېتىلسىلا، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى پېروكاچىن
دۆلەت تەۋەلىكى بېلگىيە
تۇغۇلغان ۋاقتى 1917-يىلى
خەنزۇچە ئىسمى 普利高津
يۇرتى موسكۋا
پۈتتۈرگەن مەكتىپى بېلگىيە بريۇسسېل ئەركىن ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پەن تەبىئىي پەن بىلەن ئىجتىمائىي پەندىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، تەبىئىي پەن نەزەرىيىەسى تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى مەسىلىلەرنىلا ھەل قىلىدۇ، ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيەسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، بېلگىيىلىك ئالىم پېروكاچىن (1917-) «خوراش قۇرۇلمىسى» نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى چوڭ ساھەنى تۇتاشتۇردى. مەيلى فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە، مېدىتسىنا، دېھقانچىلىق ئىلمى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بولسۇن ياكى پەلسەپە، تارىخ، ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىقتىساد قاتارلىقلار بولسۇن، ئەتراپتىكى مۇھىت بىلەن ئالمىشىش ئارقىلىق مۇرەككەپ سىستېمىلىق تەدرىجىي تەرەققىي قىلىش مەسىلىسىگە چېتىلسىلا، ئۇنىڭ ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ. پېروكاچىننىڭ بۇ بايقىشى دەۋر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بولغاچقا، 1977-يىللىق نوبېل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 

پېروكاچىنپېروكاچىن موسكۋادا تۇغۇلغان، 1921-يىلى تۆت يېشىدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن گېرمانىيەگە كۆچۈپ بارغان، 1929-يىلى بېلگىيىدە ئولتۇراقلاشقان، ئۇ كىچىكىدىنلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ياخشى تەربىيەسىنى ئالغان، دەسلىپىدە تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيىگە قىزىققان، كېيىن تەبىئىي پەنلەرگە يۆتكەلگەن، 1941-يىلى ئۇ بېلگىيىنىڭ بريۇسسېل ھۆرلۈك ئۇنىۋېرسىتېتىدا دوكتورلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 34 يېشىدا بۇ مەكتەپنىڭ تەبىئىي پەن ئىنستىتۇتىدا پروفېسسور بولغان، 1959-يىلى خەلقئاراغا مەشھۇر سولۋاي خەلقئارا فىزىكا ۋە خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان. 1967-يىلى ئامېرىكا تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتى ستاتىستىكا مېخانىكىسى ۋە تېرمودىنامىكا مەركىزىنىڭ مۇدىرلىقىنى قوشۇمچە ئۈستىگە ئالغان ھەم ئامېرىكا پەنلەر ئاكادېمىيىەسىنىڭ چەت ئەلدىكى مۇخبىر ئاكادېمىكى بولغان. ئۇ يەنە، بېلگىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقلىقىنى ئۈستىگە ئالغان.

پېروكاچىنپېروكاچىن ئىلىم-پەنگە ئۇلۇغ تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى ئۈچۈن، جۇڭگو، گېرمانىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە، گرېتسىيە، رومىنىيە ۋە ئىران قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىن كەلگەن 100 گە يېقىن ئالىم ئۇنىڭ ئەتراپىغا مەركەزلىشىپ، خەلقئاراغا مەشھۇر بريۇسسېل ئىلمىي ئېقىمىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ئىلمىي ئېقىمنىڭ پەن تەتقىقات خىزمىتى 30 نەچچە يىل داۋاملاشقان، بۇنداق زور نەزەرىيە قوشۇنى خەلقئارادا ئاز ئۇچرايدۇ. 1979 -يىلدىن كېيىن، پېروكاچىن تەكلىپ بىلەن كۆپ قېتىم جۇڭگوغا كېلىپ دەرس سۆزلىگەن، بېيجىڭ، شىئەنلەردە كۆپ قېتىم مۇھىم ئىلمىي دوكلاتلارنى بەرگەن. ئۇ ئېلىمىزنىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن، ئۇ، بۈگۈنكى پەن تەرەققىياتى كەڭ دائىرىدىكى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش، پەندە بىرلىككە كېلىش يېڭى دەۋرىگە يېتىپ كەلدى، بۇ غەرب پەن-تېخنىكىسى بىلەن شەرقنىڭ ئەنئەنىۋى پەلسەپە ئىدىيەسى بىرلىككە كېلىدىغان دەۋر، دەپ قارايدۇ، ئۇنىڭ ئىدىيەسى بۈگۈنكى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ئىنتايىن زور تۈرتكلىك رول ئوينايدۇ. 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

خەتكۈچلەر:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#