30 يىللىق ئۇرۇش

30 يىللىق ئۇرۇش

30 يىللىق ئۇرۇش ئەڭ دەسلەپتە گېرمانىيەدىكى كېنەزلەر ئوتتۇرىسىدىكى ۋە كېنەزلەر بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىكى فېئودال ئىچكى ئۇرۇش ئىدى. كېيىن بۇ ئۇرۇشقا غەربىي يارۋرۇپادىكى ۋە شىمالىي ياۋرۇپادىكى بەزى غوللۇق دۆلەتلەر ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئارىلىشىپ قالغاچقا، ياۋرۇپا بويىچە تۇنجى قېتىملىق زور كۆلەملىك دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئۆزگىرىپ كەتتى. پۈتكۈل ئۇرۇش 30 يىل داۋاملاشقان بولغاچقا، تارىختا «30 يىللىق ئۇرۇش» دەپ ئاتالغان.

نامى 30 يىللىق ئۇرۇش
باش قوماندان 古斯塔夫二世,斐迪南二世、华伦斯坦、孔代亲王等
ئۇرۇشقا قاتناشقۇچىلار شۋىتسىيە، بوخېمىيە، دانىيە، گوللاندىيە، فرانسىيە، شوتلاندىيە، ئەنگىلىيە، ساكسون، ئىسپانىيە، ئاۋسترىيە، باۋارىيە
ۋاقتى 1618-يىلى __ 1648-يىلى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 三十年战争
باشقا ئاتىلىشى ئوتتۇز يىللىق ئۇرۇش
ئورنى پۈتكۈل ياۋروپا (مۇقەددەس رىم ئىمپېرىيەسى بارلىققا كەلگەن)
نەتىجىسى ۋېستفالىيە سۈلھ شەرتنامىسى ئىمزالانغان

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

30 يىللىق ئۇرۇشگېرمانىيەدە دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە يېڭى دىنغا ئېتىقاد قىلغۇچىلار بىلەن كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلاردىن ئىبارەت بىر-بىرگە دۈشمەن ئىككى چوڭ كېنەزلەر گۇرۇھى پەيدا بولدى. ئىككى تەرەپ كۆرۈنۈشتە دىنى مەقسەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ھەر ئىككى گۇرۇھ ئۆزى دەۋران سۈرۈش خىيالىدا ئىدى. بۇ ئىككى گۇرۇھ بىر-بىرىگە تىغمۇ تىغ قارشى تۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېنەزلەر بىلەن پادىشاھ ئوتتۇرىسىدىمۇ ئېغىر توقۇنۇش مەۋجۇت ئىدى. ھالبۇكى، ياۋرۇپادىكى ھەر قايسى ئەللەرمۇ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، گېرمانىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قول تىققانىدى. بۇنىڭ بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئىچكى-تاشقى زىددىيىتى تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەن.

30 يىللىق ئۇرۇش1618- يىلى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى چېخوسلوۋاكىيەنىڭ پراگا شەھىرىدە خەلق ھابۇسبورك سۇلالىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. قوزغىلاڭچىلار شۇ جاينىڭ بۇزۇق ئادەملەرنى جازالاش ئادىتى بويىچە گېرمانىيە پادىشاھى ئەۋەتكەن ئىككى نەپەر ئەلچىنى دېرىزىدىن  تاشلىۋەتتى. ئارقىدىنلا چېخوسلوۋاكىيەدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ، گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلغان. ئاندىن كېيىن چېخوسلوۋاكىيە پارلامېنتى يەنە كاتولىك دىنى ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. قوشۇنچە چېخوسلوۋاكىيە پادىشاھى بولغان گېرمانىيە پادىشاھى فىددىناننى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، يېڭى دىن ئىتتىپاقىنىڭ باشلىقىنى پادىشاھلىققا كۆرسەتتى. بۇ ئىش بىلەن ئۇرۇش پارتىلىدى. ئۇرۇش جەريانىدا گېرمانىيەدىكى يېڭى دىنغا مەنسۈپ كېنەزلەر ۋە دانىيە، شىۋېتسىيە، فرانسىيەلەر بىر تەرەپ بولدى ھەمدە گوللاندىيە، ئەنگلىيە ۋە رۇسىيەنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى؛ گېرمانىيە پادىشاھى، كاتولىك دىنىغا مەنسۈپ ۋە ئىسپانىيە يەنە بىر تەرەپ بولدى ھەمدە پاپا ۋە پولشانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.

1620-يىلى گېرمانىيە پادىشاھى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى قوشۇنلىرىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا چېخوسلوۋاكىيەنى يەڭدى. ئىسپانىيەمۇ پىخالتىسىنى ئىشغال قىلغان. 1625- يىلى فرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ ياردىمىدە دانىيە ئەسكەر چىقىرىپ، گېرمانىيە پادىشاھى ۋە كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى قوشۇنلىرى بىلەن جەڭ قىلىپ، مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، 1629-يىلى لۇپك تىنچلىق شەرتنامىسىنى قوبۇل قىلىپ، گېرمانىيىنىڭ ئىشلىرىغا قايتا ئارىلاشماسلىق ھەققىدە كاپالەت بەردى. 1630-يىلى يازدا شىۋىتسىيە ئارمىيەسى پومېرانىيىنى ئىشغال قىلغان. ئارقىدىن ئۇدۇللا جەنۇبىي گېرمانىيەگە ئاتلىنىپ، 1932-يىلى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقى قوشۇنىنى يەڭدى. بىراق، 1634-يىلى يەنە گېرمانىيە پادىشاھى ۋە ئىسپانىيە قوشۇنى تەرىپىدىن يېڭىلدى. 1635- يىلى فرانسىيە قوشۇنلىرى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا گېرمانىيە ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىسپانىيە، ئىتالىيە ۋە نېدېرلاندىيەدىمۇ جەڭگە كىرىشتى. 1643-يىلى فرانسىيە قوشۇنى ئىسپانىيە قوشۇنىنى يەڭدى. ئۇزۇن ئۆتمەي ئېلزاسىنى ئىشغال قىلدى. 1645-يىلى شىۋىتسىيە قوشۇنلىرى كاتولىك دىنى ئىتتىپاقىنىڭ قوشۇنلىرىنى ۋە گېرمانىيە پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. 1646-يىلى فرانسىيە-شىۋىتسىيە بىرلەشمە قوشۇنى باۋارىيەگە بېسىپ كىردى. يېڭىلگىنىگە كۆزى يېتىپ قالغان گېرمانىيە پادىشاھى فىدىنان سۈلھ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1648-يىلى 10-ئايدا ۋېستىفالىيە تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈلۈپ، ئۇرۇش ئاخىرلاشقان.

30 يىللىق ئۇرۇش30 يىللىق ئۇرۇش ياۋرۇپا ئەللىرىنىڭ تارىخى تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى. ۋېسىتىفالىيە تىنچلىق شەرتنامىسىگە ئاساسەن، ھەر قايسى ئەللەر ئەمەلىي كۈچىگە قاراپ ياۋرۇپا زېمىنىنى يېڭىۋاشتىن بۆلۈشۈۋالغان. مۇشۇ ئاساستا يېقىنقى زامان ياۋرۇپاسىنىڭ خەلقئارا ئەندىزسى شەكىللەندى، «مىللەتنىڭ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئەلا بولۇش» پىنسىپى ئورنىتىلىپ، ئوتتۇرا ئەسىردىن بۇيانقى «بىرلا پاپا، بىرلا پادىشاھ» ياۋرۇپاغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىلگەن. گوللاندىيەنىڭ مۇستەقىللىقى رەسمىي ئېتراپ قىلىنغان. شىۋىتسىيە شىمالىي ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ قالدى. فرانسىيە ياۋرۇپانىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىگە چىقتى. ئىسپانىيە بولسا بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىدىن مەھرۇم بولغان. ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولغان گېرمانىيەگە كەلسەك، بۇ دۆلەت چاكچېكىدىن پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن ۋەيرانە فېئودال دۆلەت پېتى قېلىۋەردى.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/66403.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#