بېدە ئۇرۇقى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۇسۇمـلۇك بېـدىنىـڭ مىۋىسىدىـن ئىبـارەت. ( Medicago Sativa L ئەسلى ئۇسۇملىكى سۇسۇن گۇللۇك بېدە)
sialis acid, homostachydrine, stachydrine لار بار.
ئىچىنى توختىتىش، مەنى، سۇت پەيدا قىلىش، بەدەننى سەمىرتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، ھېيىز ماڭدۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
پۈتۈن چۆپىنىڭ ئېرىتمىسى ئۆپكە سىل تاياقچە باكتىريىسىنىڭ ئۆسۈشىنى تورمۇزلايدۇ. تىكەنلىك بېدە نۇرغا نىسبەتەن زىيادە سەزگۈرلۈككە مەنبەئەتلىك تېرە ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بەلغەم چىقىرىش، يۆتەل توختۇتۇش ۋە كانايچە سىلىق مۇسكۇللارنى بوشۇتۇش؛ پاقىنىڭ يۈرەك قىسقىراش چاستوتىسىنى ئاستىلىتىش، توشقان ۋە چوڭ چاشقانغا نىسبەتەن قان چىقىش نىسبىتىنى چۈشۈرۈش ۋە قان چىقىش ۋاقتىنى قىسقارتىش، بالىياتقۇنى قوزغىتىش، ئاشقازاندا يەل پەيدا قىلىش.
بېدە ئۇرۇقى1. بېدە ئۇرۇقىنى كۆيدۈرۈپ، تۈتۈنىدە داۋاملىق ئىس سېلىپ بەرسە. پالەچكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. بادام مېغىزى 5 گرام، كۆكنار ئۇرۇقى، بېدە ئۇرۇقى، چىگىت مېغىزى قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرىدىن 10 گرام، چىلغوزە مېغىزى 10 گرام، پىننە 50 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە سوقۇپ ھەسەل بىلەن يۇغۇرۇپ ئىستېمال قىلسا سۈت مەنى كۆپەيتىدۇ.
3.بېدە ئۇرۇقى 10 گرام، سۆئلەپ، شاقاقۇل 5 گرامدىن ئېلىپ سۇپۇپ تەييارلاپ يەپ بەرسە باھنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
كۇكرەكنىڭ يىرىكلىگى ، باھ ئاجىزلىغى، يۆتەل، ئىچى سۇرۈشلەرگە ئىشلىتىلىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
باشقا ئوقۇشلۇقلار :
ئۇيغۇر تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.