ئاستانە بازىرى

ئاستانە بازىرى

ئاستانە بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىگە 38 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى ئاستانە بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 618.5 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 二堡镇
ئۆلكىسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون قۇمۇل شەھىرى
نوپۇسى 13 مىڭ ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاستانە بازىرىئاستانە بازىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى قۇمۇل شەھىرىنىڭ غەربىگە 38 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. ئەتراپى قىزىليۇلتۇز 2-مەيدانى، بوغاز يېزىسى، قارادۆۋە يېزىسى، دۇربەجىن دېھقانچىلىق مەيدانى، غەربى تاغ يېزىسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، لەنجۇ-شىنجاڭ تۆمۈر يولى، «312» دۆلەت يولى پۈتۈن بازارنى كېسىپ ئۆتىدۇ. قۇمۇل شەھىرى ئاستانە بازىرى پاختا، كۆكتات، باغۋەنچىلىك ۋە دېھقانچىلىق، باقمىچىلىق ئاساس قىلىنغان تۈزلەڭلىك يېزا ئىگىلىك چوڭ بازار، ئۆزىگە قاراشلىق ئومۇمىي كۆلىمى 618.5 كۋادرات كىلومېتىر، 2005- يىلى، ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 2286.27 گېكتار، ئومۇمىي ئائىلە سانى 3647، ئومۇمىي نوپۇسى 13 مىڭ ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە يېزا نوپۇسى 12281 ئادەم. ئاساسلىق ئاھالىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، داغۇر، رۇس قاتارلىق ئالتە مىللەتتىن تەركىب تاپقان، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئومۇمىي ئاھالىنىڭ % 52 نى ئىگەللىگەن. مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق كىچىك شەھەر-بازار ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق ئۈلگىلىك يېزا بازارلىرىنىڭ بىرى.

ئاستانە بازىرىئاستانە بازىرىدا 2005- يىلى، ئۆلچەملىك ئۈزۈملۈك ئۈلگە باشقۇرۇش كۆلىمى50.07 گېكتار، ئوتتۇرىچە (0.07 گېكتار) مو كىشى بېشىدىن ئېلىنىغان تاۋار ئۈزۈم 1 مىليون 580 مىڭ گرام بولغان. 208.47 گېكتار يەرگە كېۋەز تېرىپ ئۆلچەملىك مول- ھوسۇل ئېلىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ،  (0.07) گېكتار مو، كىشى بېشى ساپ پاختا ھوسۇلى 150 مىڭ گرام بولغان. يېڭىدىن سالغان يېزا ئىگىلىك ئەسلىھەلىرى لاپاسى 140 كە يەتكەن. پۈتۈن يىل بوردالغان قوي 25840 تۇياق، بوردالغان كالا 950 تۇياق، توخۇ 23120 دانە بولغان.

پۈتۈن يىللىق جۇزغۇن تېرىقچىلىقى16.67 گېكتار، يۇلغۇنلۇق 6.67 گېكتار، سۆكسۆك 16.67 گېكتار، چىلانلىق باغ 280 گېكتار. بىر يىلدا 333.33 گېكتار يەردە سۇ تېجەش قۇرۇلۇشى تاماملانغان، ئەمگەك-مۇلازىمەت سىرتقا چىقىرىش سانى 2156 ئادەم، 4 مىليون 380 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغان، سودىگەر چاقىرىش ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىشى 3 مىليون 500 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، 5515 ئادەم ھەمكارلىشىپ داۋالىنىشقا قاتناشقان، بەشتە كاپالەتلەندۈرۈلىدىغان ئائىلىلەر ئۈچۈن 25 مىڭ يۈەن قۇتقۇزۇش پۇلى تارقىتىلغان، 19 مىڭ 303 يۈەن نامىراتلارنى يۆلەش پۇلى تارقىتىلغان، تارقىتىلىش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن، نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىدىغان ئائىلە 79 غا يەتكەن، نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن، پۈتۈن بىر يىلدا 154 ئادەم تۇغۇلغان، تۇغۇلۇش نىسبىتى % 10.92 كە يەتكەن. سىياسەتكە ماس كېلىدىغان تۇغۇت نىسبىتى % 100 كە يەتكەن، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇش نىسبىتى % 100 كە يەتكەن، پۈتۈن بازاردا مەكتەپتىن توختاپ قېلىش ئەھۋاللىرى يوق، يېڭى سورت كىرگۈزۈش، تېرىقچىلىق تۈرى 2، باقمىچىلىق تۈرى 2، تۈرلۈك پەن - تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيىلەش 33 مەيدان 4373 ئادەم (قېتىم) تەربىيلەنگەن، قاتنىشىدىغان ئامما نىسبىتى % 85 كە يەتكەن.

ئاستانە بازىرىغا قاراشلىق ئوردا كارىز كەنتى، ئاستانە كەنتى، گۇڭشاڭ كەنتى، سۇمقاغا كەنتى، تاللىق كەنتى، باغ ئورمان مەيدانى قاتارلىق توققۇز مەمۇرىي كەنت، 41 كەنت ئاھالىلەر گۇرۇپپىسى بار.

ئاستانە بازىرىئاستانە بازىرى كىچىك شەھەر-بازار قۇرۇلۇشى جەھەتتە، 10-ئاينىڭ ئاخىرى تاماملانغان، سۇ چىقىرىۋېتىش تۇرۇبا يولى 5.3 كىلومېتىر، سۇ بىلەن تەمىنلەش تۇربىسى 1.7 كىلومېتىر، يول قۇرۇلۇشى (پىيادىلەر يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)  كوچا چىراغلىرى قۇرۇلىشىغا ئومۇمىي سېلىنغان مەبلەغ سوممىسى 4 مىليون 100 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بازار تەشۋىقاتى، مەدەنىيەت مەركىزىگە سېلىنغان مەبلەغ 1 مىليون 50 مىڭ يۈەنگە يەتكەن، بازار شىپاخانىسىغا 600 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىنغان، بازارلىق ھۆكۈمەت ئىشخانا بىناسى 2 مىليون يۈەن قۇرۇلۇش مىقدارىنى ئورۇندىغان، 500 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن يولۇچى توشۇش بېكىتى سالغان، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرالايدىغان ئۆي 102 گە، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 11950 كۋادرات مېتىرغا يەتكەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#