بويۇن ئومۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش

بويۇن

 بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بىر خىل چېكىنىش خاراكتېرلىك كىسەللىك بولۇپ، تىخىمۇ ئېنىق قىلىپ دىگەندە،  بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى ،  بويۇن ئۇمۇرتقا بوغومى ، كۆمۈرچەك ،تارامۇش ، مۇسكۇل ،سېرىق ئەت، قاتارلىقلارنىڭكى چىكىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگىرشىدىن يۇلۇن،نىرۋا،قان تومۇر  قاتارلىقلارنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن ،مەسلەن : بېسىش ، غىدىقلاش ، غەيرى تەبىى خىلىتلارنىڭ بولوپمۇ غەيرى تەبىئې سەۋدانىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن كىلىپ چىققان بىر قاتار كىلنىك ئالامىتىنىڭ يىغىندىسى.

ئۇيغۇرچە نامى بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش
ئىنگلىزچە cervical spodylosis
كېسەللىك سەۋەبى ئومۇرىتقا سۆڭىكى ئۆسىۋېلىش
تەۋە بۆلۈم تاشقى بولۇم،سۆڭەك كىسەللىكلەر بۆلىمى
كېسەللىك ئورنى بويۇن
خەنزۇچە ئاتىلىشى 颈椎增生
ئاساسلىق ئالامىتى بويۇن تېلىپ ئاغرىش، باش ئاغرىش
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار ياشانغانلار
يۇقۇملىنىشى يۇقۇمسىز

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بويۇن ئومرۇتقا كېسەللىكىبويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش بولسا ، بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭىكى ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان بىر خىل چىكىنىش خاراكتىرلىك كېسەللىك بولوپ، تىخىمۇ ئىنىق قىلىپ دىگەندە،  بويۇن ئۇمۇرتقا ئارلىق تەخسىسى ،  بويۇن ئۇمۇرتقا بوغۇمى ، كۆمۈرچەك ،تارامۇش ، مۇسكۇل ،سېرىق ئەت، قاتارلىقلارنىڭكى چىكىنىش خاراكتىرلىك ئۆزگىرشىدىن يۇلۇن،نىرۋا،قان تومۇر  قاتارلىقلارنىڭ بۇزۇلىشى بىلەن ،مەسلەن : بېسىش ، غىدىقلاش ، تەڭپۇڭلىغىنى يوقىتىش ، غەيرى تەبىى خىلىتلارنىڭ بولوپمۇ غەيرى تەبىئې سەۋدانىڭ تەسىر قىلىشى بىلەن كىلىپ چىققان بىر قاتار كىلنىك ئالامىتىنىڭ يىغىندىسى.

سۆڭەك ئۆسكەن ئورۇن ، قان – تومۇر ۋە نېرىپلارنىڭ بېسىمغا ئۇچراش دەرىجىسى ، ئالامىتىگە ئاساسەن  بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش كېسەللىكى يەتتە تۈرگە بۆلۈنىدۇ ، كېلنىك ئالامىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

 بويۇن تىپلىق

كۆپ خىل  كېسەللىكىنىڭ  بويۇن ئۇمۇرتقا ئىپادىسى بولۇپ ، كۆپ خىل سەۋەپتىن يىنىك دەرىجىدە سىرتقى زەخمە ، بويۇن مۇسكۇللىرى چارچاش مەسلەن ، ئۇخلاش ھالىتى نورمال بولماسلىق ، ياستۇقنى بەك ئىگىز قويۇپ يېتىش ، ئۇزۇن مۇددەت بېشىنى ئىگىپ خىزمەت قىلىش قاتارلىقلاردىن بويۇن مۇسكۇلى قېرىش كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى بولسا: بويۇن ئەتراپى ئىچىشىپ ئاغرىش ، ھەركەت يىنىك دەرىجىدە توسقۇنلۇققا ئۇچراش ،كۆپ خىل ئەھۋال ئاستىدا داۋاملىق ئېچىشىپ ياكى تېلىپ ئاغرىش ، بېشنى ھەركەتلەندۇرگەندە ئاغرىش ئېغىرلاش ، بەزىدە ئاغرىش غول تەرەپكە تارقىلىش . بويۇن قىسمى قېتىش ،ھەركەت قىلغاندا ئاۋاز چىقىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ ، بەزىدە تاسمسىمان شەكىلدە قاتتىقلىق بىلنىدۇ ، باشنى ئاغرىق تەرەپكە ئەگكەندە بويۇن ھەركىتى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ. بويۇن مۇسكۇلى بېسلىپ ئاغرىيدۇ.

نېرىپ تىپلىق :

سۆڭەك ئۆسۈكچىسى نېرىپنى باسقانلىقتىن كىلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: بويۇن ،مۈرە ، غول ، ساھاسىدە ئاغرىش ، ئېچىشىش ، چىڭقىلىش ، سانجىلىپ ئاغرىش ، قىززىپ ئاغرىش ، بويۇن ھەركىتى توسقونلۇققا ئۇچراش ، يۇقۇرقى مۈچە كۈچسىز بولوش ، سىرقىراش ، تۇتۇش كۈچى تۆۋەنلەش ، مۇسكۇل يىگلەش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

يۇلۇن تىپلىق 

سۆڭەك ئۆسۈكچىسى يۇلۇننى باسقانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئاساسلىق ئالامىتى: يۇقۇر تۆۋەن مۈچىلەر سىقىراش ، مۇسكۇل كۈچسىز بولۇش ، راۋان ماڭالماسلىق ، ئاسان يىقىلىپ كىتىش ، ھەتتا كىچىك تەرەت راۋان بولماسلىق،چوڭ-كىچىك تەرەتتە  قىيىنلىشىش ، قەۋزىيەت ، يۇقۇر - تۆۋەن مۆچىلەر پالەچلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ئومۇرتقا ئارتىريەسى  تىپلىق

سۆڭەك ئۆسۈكچىسى ئۇمۇرتقا ئارتىريەسىنى باسقانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى : باش ئاغرىش ، كۆڭلى ئېلىشىش  ، قۇسۇش ، قۇلاق غوڭولداش، قاتارلىق ئالامەتلەر كورولىدۇ. كۆپىنچە ھالدا ، ۋاقىتلىق ياكى بويۇن بىرخىل شەكىلدە بولىدۇ، بويۇن شۇخىل ھالەتتىن ئۆزگەرگەندە بىر ئاز ياخشىلىنىدۇ ياكى ئالامىتى يوقۇلىدۇ.

سىمپاتىك نىرۋا تىپلىق

يۇرەك چالاڭغۇراش ، يۇتۇش قىيىنلىشىش ، نەپەس سىقىلىش ، قان بېسىم يۇقۇرلاش ، كۆپ تەرلەش ( دائىرلىك ،بىر ئوروندا يەنى باش ، بويۇن ،  يۇقۇر-تۆۋەن مۈچىنىڭ يىراق قىسمىدا ياكى يېرىم بەدەندە كۆرىلىدۇ)

يۇتقۇنچاق تىپلىق

بويۇن ئۇمۇرتقا ئالدى تەرپىدىكى  سۆڭەك ئۆسۈكچىسى يۇتقۇنچاقنىڭ كەينى تەرپىنى بېسىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ. كىلنىكىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ .  ئاساسلىق ئالامىتى :  بويۇن قىسىمى ئاغرىش، قول سىقىراش ، يۇتقۇنچاقتا غەيرى سىزىم بولوش ، يۇتۇش قىيىنلىشىش ، بەلغەم تۇرۇپ قېلىش سىزىمى بولوش بىلەن بىرگە نىرۋا ئاجىزلىق، كەم سوزلوك ، ئىشتىھاسىزلىق ، ئۇيقۇسىزلىق ، باش ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر بولىدۇ.

ئارلاشما تىپلىق

يۇقۇردىكى ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق تىپىدىكى كىلنىك ئالامەتلەرنىڭ قوشولوپ كېلىشى ئارلاشما تىپلىق بويۇن ئۇمۇرتقا كېسەللىكى دىيلىدۇ.

يۇقۇرقى ھەرقايسى تىپ، ئاناتومىيەسى جەھەتتىن زىچ باغلىنىشلىق ، بىرلا ۋاقىتتا كېسەللىكنىڭ غىدىقىلىنىشى ياكى بېسىلىشى بىرلا ۋاقىتتا كۆرۈلىشى بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

سۆڭەك ئوسوش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ كېسەللىك تارىخىنى ئانالىز قىلغاندا بۇخىل كېسەللىكنىڭ  ئەڭ ئاسالىق سەۋەبى خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبى ئوزگىرىشى بولوپمۇ غەيرى تەبى سەۋدا خىلىتى ،موزا تەملىك بەلغەم ۋە گەجسىمان بەلغەم خىلىتىنىڭ يەرلىك ئورونغا چوكمىگە چۇشۇشى تەسىردىن يەرلىك ئوروننىڭ نورمالنى ماددا ئالمىشىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كوپلەپ يىغىلىپ قىلىشى  ، ئۇندىن باشقا سۆڭەك كالتىسيسى بىلەن قان تەركىۋىدىكى كالتىسى ئوتتىرسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنىڭ يوقولىشى بىلەن سۆڭەك تەركىۋىدىكى كالتىسى مىقدارى ئازىيىپ كىتىدۇ ، سۆڭەكتە زەخمە ياكى ئاجىزلىشىش يۇز بەرگەندە شۇ ئورونغا بەدەندىكى كالتىسى يىغىلىپ ئورنىنى تولدۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ ، بۇ ۋاقىتتا ئەسلىدىكى نورمال دائىردىن ئىشىپ كەتكەندە سۆڭەك ئوسوكچىسى شەكىللىنىدۇ.

1. تىپىك كىلنىك ئالامىتى ، كېسەللىك تارىخىغا ئاساسەن

2. سايىلاندۇرۇپ تەكشۇرۇش نەتىجىسىگە ئاساسەن .

سېلىشتۇرما دىئاگىنۇز 

1. بويۇن ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسى يۇرۇشۇپ كىتىش كېسەللىكىدىن.

2. بويۇن ئومورىتقا تىبىركىلىيۇزىدىن .

3. بويۇن ئومورىتقا تۇزلىشىپ قىلىشتىن .

4. بويۇنغا يەل تۇرۇپ قېلىشتىن .

 1. ياش پەرقى جەھەتتە: ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلاردا نىسپەتەن كۆپ كۆرلىدۇ. ياشنىڭ چوڭىيشىغا ئەگىشىپ ، بويۇن ئومورىتقىسىنىڭ ئاستا خاراكتىرلىك قېرىشى بىلەن ئومورىتقا ئارلىق تەخسىسىنىڭ شەكلى ئوزگىرىپ ، ئىلاستىكىلىغى ئاجىزلايدۇ ، ئومورىتقا يان قىرىدا سۆڭەك ئوسوكچىسى شەكىللىنىپ ، تارامۇشلا قىلىنلاپ چېكىنىش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش يۈز بىرىدۇ ، بۇلار بولسا بويۇن ئومورىتقا سۆڭەك ئۆسۈشنى كەلتۇرۈپ چىقارغۇچى ئامىل.

2.  كەسىپ جەھەتتە: ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى تۆۋەن قىلىپ خىزمەت قىلغۇچىلار ياكى بېشىنى دائىم مەلوم بىر تەرەپكە بۇراپ خىزمەت قىلغۇچىلاردا كوپ كورلىدۇ . بۇخىل كەسىپتىكىلەر ئىشخانا خىزمەتچىلىرى ،خەت ئۇرغۇچىلار ، كومپىيۇتىر خىزمەتچىلىرى ، ئوپراتسىيە سېستىرالىرى ، ئۇزۇن مۇددەت مىكرۇسكۇپقا قارىغۇچىلار ، قاتناش ساقچىلىرى ....بۇخىل خىزمەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئۇزۇن مۇددەت بىشىنى توۋەن قىلىپ خىزمەت قىلىدىغان بولغاچقا بويۇن كەينى مۇسكۇل  ، تارامۇش قاتارلىق توقۇلمىلاردا قېرىش يۇز بىرىدۇ ، شۇڭلاشقا كېسەل بولوش نىسپىتى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ.

3. ئۇخلاش ھالىتى جەھەتتە: ياستۇقنى زىيادە ئېگىز  ياكى زىيادە پەس ياكى ياستۇقنىڭ ئورنى مۇۋاپىق بولماسلىق بىلەن ئومورىتقا يان مۇسكۇل ، تارامۇش ، بوغوملار ئوتتىرسىدىكى تەڭپۇڭلىقنىڭ يوقولىشى بىلەن ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە قېرىش يۇز بىرىدۇ. شۇنىڭ ئۇچۇن ، ياستۇقنى ئىگىز قويوپ ياتقۇچىلاردا ئەكسىچە ‹‹بويۇنغا يەل تۇرۇپ قىلىش›› يۇز بېرىپ، بۇ خىل كېسەللىك ئەڭ كوپ كورىلىدۇ.

4.  بويۇن ئومورىتقا ساھاسى زەخمىلىنىشكە ئۇچرىغانلاردا كۆپ كۆرىلىدۇ .

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، غىدىقلىغۇچى، يەل پەيدا قىلغۇچى، زىيادە سوغۇق ياكى زىيادە ئىسىسىق تەبىئەتلىك يېمەك- ئىچمەكلەردىن پەرھىز تۇتىلدۇ . ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قۇۋىتى يۇقىرى بولغان يىمەك- ئىچمەكلەر مىزاجىغا قاراپ مۇۋاپىق ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ .

2. كېسەللىك ماددىسغا قارىتا مۇنزىچ ، مۇسھىل بىرىلىدۇ .

3. ماددىلارنى تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، توسالغۇلارنى ئىچىش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .

4. ھەزىمنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە دورا ئىشلىتىلىدۇ .

5. بويۇندىن ئىسىش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانجىش ،  ئىسسىق ئۆتكۈزۈش  ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ توسالغۇنى ئاچقۇچى ئىسسق تەبىئەتلىك ياغلاردىن تاللاپ يەرلىك ئوروننى ياغلاش ئىلىپ بىرىلىدۇ .

6. كېسەللىكنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا ۋە كېسەللىك ئۆزگۈرىشىگە قارىتا داۋالاش ئىلىپ بېرىلىدۇ .

1. مۇزا تەملىك بەلغەم ۋە گەجسىمان بەلغەم خىلتىدىن تەسىردىن كېلىپ چىققان بولسا، بەلغىمى سەۋدا خىلتىنىڭ مۇنزىچىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ .

2. غەيرى تەبىئى سەۋدا خىلتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەۋدا خىلتىنىڭ مۇنزىچىنى تەييارلاپ بىرىلىدۇ

ھەرقىتىمدا 50 - 100 مىللىتىردىن ئىستىمال قىلدۇرلىدۇ .

3. قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش ،ماددا ئالمىشىشىنى كۇچەيتىپ بۇزۇق خىلىتلارنى تازلاش ئۇچۇن كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن مائۇل ئۇسۇل ساددە ، مائۇل ئۇسۇل مورەككەپ ، مەتبۇخى سورونجان تەييارلاپ بىرىلىدۇ .

4. قاننى قىززىتىش ، بەدەن ئىممۇنىت كۇچىنى يۇقۇر كوتوروش ، توسولغۇلارنى ئىچىش ئۇچۇن مائۇل ھەسەل ساددە ، مورەككەپ تاللاپ بىرىلىدۇ .

5. سۆڭەك ئوسوشنى كونتىرول قىلىش ئۇچۇن مەجۇنى چوبىچىن ، مەجۇنى سازەچ قاتارلىق دورىلار ياساپ بىرىلىدۇ .

6. قايسى خىل سەۋەپتىن كىلىپ چىققان  سۆڭەك ئوسوش بولسۇن  بىمارنىڭ ئەمىلىي كېسەللىك ئەھۋالىغا ئاساسەن 1~3 كۇرۇسقىچە 

بويۇندىن ئىسىش ، ئۇۋلاش ، يىڭنە سانجىش ،  ئىسسىق ئۆتكۈزۈش  ، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ پەي – مۇسكۇللانى چىڭىتىپ بەرگۈچى ئىسسق تەبىئەتلىك ياغلاردىن تاللاپ يەرلىك ئورۇننى ياغلاپ بېرىش كىرەك.

پىششىق دورىلاردىن پايدىلىنىپ داۋالاش 

1. ئاغرىق پەسەيتىش ، ماددىلارنى تارقىتىش ، توسالغۇلارنى ئىچىش مەخسەتتە كاپسولى سورونجان ، مەجۇنى سورونجان ، قۇرسى مەنتىن، قۇرسى يەھيا ، ھەببى كۇرسىنگى ، ئىتتىرفىل كەبىر قاتارلىق دورىلار تاللاپ بىرىلىدۇ.

2. ھەزىمنى ياخشىلاش، رەئىس ئەزالارنى ۋە ئومۇمى بەدەننى قۇۋۋەتلىگۇچى دورىلاردىن نارپىننە ئىچىملىكى، جاۋارىش ئۇدتۇرۇش ،ئامىلە نۇشدارى، جاۋارىش ئەنبەر ، خىمىرگاۋزىبان ئەنبىرى ، ئىتتىرفىل ئۇستىقۇددۇس ، مەجۇنى نۇجاھ ، خىمىر مەرۋايىت، شىپائى قەلىپ ئىچىملىكى،داۋائىل مىشكى ، ئەبرىشىم جەۋھىرى، ئۇستىقۇددۇس ئىچىملىكى، بادرەنجى بۇيا شەربىتى، قاتارلىق دورىلار ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ .

ۋاختىدا توغرا داۋلاش ئىلىپ بارمىسا ياكى داۋالاشقا ياخشى ماسلاشماي شۇخىل كېسەللىكىنى قوزغاتقۇچى ئىشلاربىلەن داۋاملىق شۇغۇللانغاندا يەڭگىل بولغاندا بالنىسقا كىرگەندىكى ئالامەتلەر ئىغىرلاش ، ئىغىر بولغاندا تۇيۇقسىز مىڭىگە قان چۇشۇپ پالەچلىنىش ، ياكى ھاياتى خەۋىپكە ئۇچراش كىلىپ چىقىدۇ .

1. ساقىيىش ئۆلچىمى : بالنىستقا كىرگەندىكى بارلىق كېسەللىك ئالامىتى تولوق يوقالغان

2. ياخشىلىنىش ئۆلچىمى : بالنىستقا كىرگەندىكى ئالامەتلىرىنىڭ كوپ قىسمى يوقالغان ئاز قىسمى قىپ قالسا

3. ساقايماسلىق ئۆلچىمى : بالنىستقا كىرگەندىكى بارلىق ئالامەتلەر داۋالانغاندىن كىيىنمۇ ئوخشاش .

بويۇن ئومورىتقا كېسەللىكى بىرخىل ئاستا خاراكتېرلىك چىكىنىش تىپتىكى كېسەللىك بولۇپ ، كېسەللىك جەريانى بىرقەدەر ئۇزۇن ، بىمارغا نىسپەتەن تۇرمۇش ، ئۆگۈنۈش ، خىزمەت قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە قۇلايسىزلىق ئىلىپ كىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىمارلار ۋاقتىدا داۋالىنىش بىلەن

بويۇن ئومورىتقا كېسەللىكى بىرخىل ئاستا خارەكتىرلىك چىكىنىش تىپتىكى كېسەللىك بولوپ ، كېسەللىك جەريانى بىرقەدەر ئۇزۇن ، بىمارغا نىسپەتەن تۇرمۇش ، ئۇگۇنۇش ، خىزمەت قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە قۇلايسىزلىق ئىلىپ كىلىدۇ. شۇڭلاشقا بىمارلار ۋاختىدا داۋالىنىش بىلەن

يىمەكلىك پەرھىزى قىلىش كېرەك.

1. كۇندىلىك تۇرمۇشتا بويۇننىڭ نورمالنى ھەركەت ھالىتىنى ساقلىشى ، ئۇخلاشتا مۇۋاپىق ياستۇقنى تاللىشى  ، يەنى بەك ئىگىز ۋە بەك پەس بولماسلىقى ، ئادەتتە ياستۇق ئېگىزلىكى 10 سانتىمىتىر بولسا مۇۋاپىق . شۇنداقلا بويۇننىڭ قاتتىق قايرىلىشىدىن ساقلىنىش كىرەك.

2. ئۇزۇن مۇددەت بويۇننى ئىگىپ خىزمەت قىلغۇچىلار ،بىر سائەت ئەتراپىدا خىزمەت قىلغاندىن كېيىن مۇۋاپىق تۈردە بويۇننى ھەركەتلەندۈرۈپ ، بويۇن مۇسكۇلى ، تارامۇشلارنىڭ چارچىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.

3. دائىم بەدەننى ئىللىق ساقلاش، سوغوق ئۆتۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كىرەك.

4. تاماق ۋە يىمەك-ئىچمەك جەھەتتە دىققەت قىلىش كىرەك. يەنى قان ئايلىنىشنى سۇسلاشتۇرغۇچى ، يەل پەيدا قىلغۇچى ، قورۇلغان ، قۇۋۋەتلىك غەلىز غىزالاردىن ۋاختىنچە پەرھىز قىلىپ ، سىڭىشلىك ، لەتىف غىزالار بىلەن ئوزۇقلىنىش كىرەك.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

بويۇن ئۇمۇرتقا سۆڭەك ئۆسۈش 

http://www.bilimnur.com/?p=999

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#