ئېلېكترلىك راكېتا

ئېلېكترلىك راكېتا

ئېلېكترلىك راكېتانىڭ خىمىيىلىك راكېتاغا ئوخشاش ھەيۋەت «قامىتى» يوق بولۇپلا قالماي، كۆرۈنۈشى كىچىككىنە ئېلېكترونلۇق سايمانغىلا ئوخشايدۇ. ئۇ لازېرلىق راكېتاغا ئوخشاش ئازغىنە ئىتتىرگۈچ خۇرۇچ ئېلىۋالىدۇ، تاشقى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىتتىرگۈچ خۇرۇچ تېزلىنىش ئېلىپ پۈركىلىپ، ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى ئېلېكترلىك راكېتا
خەنزۇچە نامى 电火箭

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئېلېكترلىك راكېتائېلېكترلىك راكېتانىڭ خىمىيىلىك راكېتاغا ئوخشاش ھەيۋەت «قامىتى» يوق بولۇپلا قالماي، كۆرۈنۈشى كىچىككىنە ئېلېكترونلۇق سايمانغىلا ئوخشايدۇ. ئۇ لازېرلىق راكېتاغا ئوخشاش ئازغىنە ئىتتىرگۈچ خۇرۇچ ئېلىۋالىدۇ، تاشقى ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىنىڭ ياردىمى بىلەن ئىتتىرگۈچ خۇرۇچ تېزلىنىش ئېلىپ پۈركىلىپ، ئىتتىرىش كۈچى ھاسىل قىلىدۇ. ئېلېكترلىك راكېتا ئېلېكتر ئېنېرگىيىلىك تېزلىنىش ئېلىش ئىتتىرگۈچ خۇرۇچىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، توك بىلەن قىزىتىش شەكىللىك، ئېلېكتر ستاتىك شەكىللىك ۋە ئېلېكتر ماگنىت شەكىللىك دەپ ئۈچ خىلغا بۆلۈنىدۇ.

ئېلېكترلىك راكېتا ئېلېكترلىك راكېتا ھەر سېكۇنتتا پۈركۈيدىغان ماددىنىڭ ماسسىسى ئىنتايىن ئاز، ھاسىل بولىدىغان ئىتتىرىش كۈچىمۇ پەۋقۇلئاددە ئاجىز بولىدۇ. ئادەتتە ئاران نەچچە ئون مىللىگرامدىن نەچچە گرامغىچە بولۇپ، راكېتانىڭ ئۆز ئېغىرلىقىنىڭ مىڭدىن بىرىگە يەتمەيدۇ. ئۇنىڭ كۈچى ئاجىز بولغىنى بىلەن، رولى تولىمۇ چوڭ. ئالەم قاتناش ۋاسىتىلىرى ئېغىرلىقىنى يوقاتقان ئالەم بوشلۇقىدا ھاۋانىڭ قارشىلىقى بولمىغانلىقتىن، كىچىككىنە ئىتتىرىش كۈچىمۇ ئۇنى ھەرىكەتلەندۈرەلەيدۇ ياكى ئايلاندۇرالايدۇ. سۈنئىي ھەمراھ ياكى ئۇچار كېمە بوشلۇقتا قۇياش ۋە ئاينىڭ تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ھەمىشە ھەرىكەت ئوربىتىسىنى ئۆزگەرتىدۇ، ھەتتا گاھ ئۇياققا ئۇچسا، گاھ بۇياققا ئۇچۇپ تۇراقلىشالمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار بۇ ئالەم قاتناش ۋاسىتىلىرىگە نۇرغۇن ئېلېكترلىك راكېتا ئورنىتىپ قويىدۇ. قەيەردە ئېغىش يۈز بەرسە، شۇ يەردىكى ئېلېكترلىك راكېتا ئوت ئېلىپ، ئالەم قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ نورمال ھالىتىنى تېز ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#