جاڭ جيايى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
جاڭ جيايى كىچىكىدىنلا شىئەندە چوڭ بولغان، شەنشى ئۆلكىلىك ناخشا-ئۇسسۇل تىياتىرخانىسىدا ئويۇن قويۇشقا سىرتتىن قاتناشقان. 1987-يىلى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن، ئىلگىرى چېلىشىش تەنتەربىيە مەكتىپىگە كىرىپ مەشىق قىلغان، كېيىن شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى، بېيجىڭ كىنو ئىنستىتۇتى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىمتىھان بېرىپ ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەن، ئەڭ ئاخىرىدا، بېيجىڭ كىنوچىلىق ئىنىستىتوتى ئاكتىيورلۇق فاكولتېتىنى تاللىغان. 1991–يىلى، جاڭ جيايى تەرجىمە ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتكۈزۈپ، يۇرتقا تەقسىم قىلىنغان، شىئەن كىنو ستۇدىيىسىگە كىرگەن.
199-يىلى، جاڭ جيايى بىلەن خۇ ياجيې ھەمكارلىشىپ ئشلىگەن تېلېۋىزىيە تىياتىرى «شىماللىق ئادەم» فىلىمىدە جاڭ جيەنگونىڭ رولىنى ئالغان.
2000-يىلى شىئەندىن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن، 2001-يىلى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «دوختۇر» دېگەن فىلىمدە پامىر چېگرا رايونغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن دوختۇر ۋۇ تىيەنيۈننىڭ رولىنى ئالغان.
2004-يىلى، جاڭ جيايى «دۆلەت بۇرچى»دا رول ئالغان، كېيىن خې چۈن رېژىسسورلۇق قىلغان «بۇرچ»تا رول ئالغان، ھەمدە مۇشۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىپ ئىشلىگەن تېلىۋىزىيە تىياتىرى «مۇقەددەس بۇرچ»، «سۈكۈت قىلىش|» فىلىملىرىدە رول ئالغان.
2006-يىلى 11-ئايدا، «يېرىم يولدىكى ئەر-خوتۇن» فىلىمىدە رول ئالغان تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئازراق قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان بىر پويېز ساقچىسى جياڭ جيەنپىڭنىڭ رولىنى ئالغان.
2007-يىلى، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «دۆلەتنىڭ ئوبرازى نى زەھەر چەكلەش ساقچىسىنىڭ رولىنى ئالغان.
2009-يىلى 11-ئايدا، جاڭ جيايى بىلەن خەيچىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرى «كىچىك ھۇجرا» فىلىمىدە باش رول ئالغان.
2010-يىلى 11-ئايدا، جاڭ جيايى بىلەن لياۋ يۈنلۇڭ كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تىياتىرى «چېقىمچىلار»دا باش رول ئالغان، سەلبى رول دۇ شېڭنىو رولىنى ئالغان.
«قانداقلا بولمىسۇن قايتىپ كىلىڭ»
«مېنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچۇم»
«شاكىچىك»
«ئوۋچىلىق مەيدانى»
«گۈللەر چۈشى»
«ئاق بۇغا»
«ھايات-ماماتلىق»
«خۇتۇنۇم بولسا 80-يىلدىن كېيىن تۇغۇلغان»
«مېنىڭ ئىسمىم لى شۆليەن»
«تەيپىڭ»
«قايتىپ كىلىڭ»
«ئالتۇندەك دەۋر»
«غەزەپلەنگەن بالا»
«تەڭرى بەلگىلىگەن»
«لاساغا بېرىش»
«ئۈچ توي قىلمىغان ئانا»
«مۇھەببىتىدىن 33 كۈن ئايرىلىش»
«پارتىيە قۇرۇش ئۇلۇغۋار ئىشلىرى»
2015-يىلى 11-ئايدا، 20-نۆۋەتلىك ئاسىيا تېلېۋىزىيە مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن
2014-يىلى 10-ئايدا، 27-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت مۇكاپاتىنىڭ تاماشىبىنلار ئەڭ ياقتۇرىدىغان ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2014-يىلى 10-ئايدا، 10–نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە ئالتۇن بۈركۈت سەنئەت بايرىمى ئەڭ كۆپ ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى 12-ئايدا، 29-نۆۋەتلىك جۇڭگو تېلېۋىزىيە تىياتىرى فېيتيەن مۇكاپاتىنى تارقىتىش ئەڭ ياخشى ئەر ئاكتيور مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى 9-ئايدا، 14-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئاكتيورلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن سۇمرۇغ مۇكاپاتى ئويۇن ئىلمىي جەمئىيىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى 9-ئايدا، 5-نۆۋەتلىك يېڭى يېزا تېلېۋىزىيە سەنئەت بايرىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى 6-ئايدا، 19-نۆۋەتلىك شاڭخەي تېلېۋىزىيە بايرىمى-ئاق گۈللۈك ماگنولىيە مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2013-يىلى 1-ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى رېژىسسورى خىزمىتى كومىتېتى تەقدىرلەش مۇراسىمىدا ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2012-يىلى 12-ئايدا، 1-نۆۋەتلىك خەلقئارا تېلېۋىزىيە بايرىمى مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2012-يىلى 12-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك خۇا داڭقان مۇكاپاتىدا تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2012-يىلى 9-ئايدا، تۇنجى نۆۋەتلىك كىنوسىدا ئالتۇن كالا مۇكاپاتى ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2012-يىلى 5-ئايدا، 18-نۆۋەتلىك شاڭخەي تېلېۋىزىيە بايرىمى-ئاق گۈللۈك ماگنولىيە مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
2011-يىلى 6-ئايدا، 17-نۆۋەتلىك شاڭخەي تېلېۋىزىيە بايرىمى-ئاق گۈللۈك ماگنولىيە مۇكاپاتىنىڭ ئەڭ ياخشى ئەر ئارتىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 4-نۆۋەتلىك مەركىزىي شەھەر تۈرىدىكى ئەڭ ياخشى ئەر باش رولچى خۇا داڭقان مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.
1999-يىلى 7-نۆۋەتلىك جۇڭگو كىنو ئاكتيورلۇق ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالتۇن سۇمرۇغ مۇكاپاتى ئويۇن ئىلمىي جەمئىيىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. [0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.