قورۇما بېلىق

قورۇما بېلىق بولسا  يېڭى بېلىق، سۇڭپىياز، موگۇ ، زەنجىۋىل ، سۇ يېغى، سامساق ، قىزىل لازا، جاڭيۇ، شورپا ياكى قايناق سۇ ،  ئاچچىقسۇ ، تېتىتقۇ، ياغ لازىنىڭ يېغى، تۇز قاتارلىقلارنى ىام-ماتېرىيال قىلىپ تەييارلىنىدىغان قورۇما . 

ئۇيغۇرچە نامى قورۇما بېلىق
خەنزۇچە نامى 菜鱼

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

كېرەكلىك ماتېرىياللاربىر كىلوگراملىق يېڭى بېلىق ئىككى تال، سۇڭپىياز ئىككى تال، موگۇ 35 گرام، زەنجىۋىل ئازراق، سۇ يېغى 70 گرام، سامساق بىر باش، قىزىل لازا ئىككى شوخ، جاڭيۇ ئازراق، شورپا ياكى قايناق سۇ 70 گرام، ئاچچىقسۇ ئازراق، سېرىق ھاراق ئازراق، تېتىتقۇ بىر چىمدىم، ياغ لازىنىڭ يېغى ئازراق، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا. 

1. بېلىقنىڭ قاسىرىقىنى قىرىپ، ئىچكى ئەزالىرىنى ئېلىۋېتىپ پاكىز يۇيۇپ، شامالدىتىپ، ئاندىن ئومۇرتقىسى بىلەن قوشۇپ توغرىسىغا كېسىپ پارچىلاپ، تەخسىگە قويۇپ، تۇز، جاڭيۇ، سېرىق ھاراققا چىلاپ قويۇلىدۇ. 

2. موگۇ قوناقتىن چوڭراق، زەنجىۋىل، سامساقلارنى ئۇششاق، سۇڭپىياز، قىزىل لازىلار ئىنچىكە توغرىلىدۇ. 

3. قازاننى قىزىتىپ، ئازراق ياغ قۇيۇپ، بېلىقنى سېلىپ ھەر ئىككى تەرىپىنى سارغايتىپ ئېلىنىدۇ .

قازانغا 35 گرام ياغ قۇيۇپ، قىزىل لازىنى سېلىپ سارغايتىپ، موگۇ سېلىپ قورۇپ، سۈيى تۈگىگەندە بېلىقنى قازانغا سېلىپ، ئۈستىدىن شورپا ياكى قايناق سۇ قۇيۇپ، ئاچچىقسۇ، جاڭيۇ، تۇز، سېرىق ھاراق، زەنجىۋىل، سۇڭپىياز، سامساقلارنى سېلىپ، پەس ئوتتا قويۇپ پىشۇرۇپ، شورپىسى تۈگىگەندە تەخسىگە ئېلىنىدۇ.

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#