ئالتۇن ۋاراق

ئالتۇن ۋاراق

ئالتۇن ۋاراق  بولسا قەغەزسىمان ئالتۇن بۇلۇپ مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.

ئۇيغۇرچە نامى ئالتۇن ۋاراق
ئەرەبچە نامى ۋەرەقى زەھەب
ئىنگلىزچە gold foil
تونۇش قەغەزسىمان ئالتۇن بۇلۇپ مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.
خەنزۇچە نامى 金箔
پارسچە نامى ۋەرەقى تىللا
ئوردۇچە نامى سۇناكى ۋەرەق
تەبىئىتى ئىسسىققا مايىل مۆتىدىل

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئالتۇن ۋاراقئالتۇن ۋاراق  بولسا قەغەزسىمان ئالتۇن بۇلۇپ مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش رولىغا ئىگە.ئىلگىرى شىنجاڭ تېۋىپلىرى تەييارلاپ ئىشلىتەتتى، ھازىر پاكىستاندىن كەلتۈرۈلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەرنى قۇۋۋەتلەش، بەدەننىڭ تەبىئىي ھارارىتىنى ساقلاش، زېھنىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، ئۇنتۇغاقلىقنى يوقىتىش، كۆڭۈلگە خۇشلۇق يەتكۈزۈش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش.

تەبىئىتى

ئىسسىققا مايىل مۆتىدىل

خاس تەسىرى

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

 سۈيدۈك يولىغا زىيان قىلىدۇ.

1. ئالتۇن ۋاراق 5 دانە، ئۈستىقۇددۇس، گاۋزىبان، بادرەنجى بۇيا، لاچىندانە 10 گرامدىن، زەپەر1 گرام، ھەسەل ئىككى ھەسسە.  مەجۈن تەييارلاپ ئىچسە مېڭە ۋە يۈرەكنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

2. مەرۋايىت بىلەن سۈرمىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ لايىقلاشتۇرۇپ، يۇمشاق سوقۇپ ئالتۇن ۋاراق بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ سالايە قىلىپ كۆزگە تارتسا كۆز ياشاڭغىراشقا شىپا بولىدۇ

مىقدارى

ئالتۇن ۋاراق5~10 دانە

ساقلاش

 تۆمۈر قۇتىلاردا ساقلىنىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى

ھەسەل،ئىپار، شاھى بەللۇت،كەتىرا ھىندى.

ئورۇنباسارى

ئالتۇن، ياقۇت

ھەببى ۋاراق،خېمىرى مەرۋايىت.

 مېڭە، يۈرەك ۋە جىگەر ئاجىزلىقى، يۈرەك سېلىش، ئۇنۇتقاقلىق، يۈرەك رېتىمسىزلىقى، كۆرۈش كۈچى ئاجىزلىقى، كۆز ياشاڭغىراش، مالىخولىيا قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

كېلىش مەنبەسى(ئەسەر)

ئۇيغۇر تېبابىتى خام دورىلار ئىلمى بىرىنچى توم(سىناق نۇسخا) شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=2&contentNameId=273

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

2 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    100%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#