بالىياتقۇ راكى

بالىياتقۇ راكى

بالىياتقۇ راكى (بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى) ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردە بەزلىرىدىكى ھۈجەيرىلەر تەرتىپسىز ئۆسۈپ، كلىنكىدا جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلار كېلىش، بەل، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى بالىياتقۇ راكى
يۇقۇملىنىشى يۇقمايدۇ
باشقا نامى بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى
خەنزۇچە نامى 子宫癌
كېسەللىك ئورنى بالىياتقۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بالىياتقۇ راكىبالىياتقۇ راكى (بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى) ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بالىياتقۇ ئىچكى پەردە بەزلىرىدىكى ھۈجەيرىلەر تەرتىپسىز ئۆسۈپ، كلىنكىدا جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلار كېلىش، بەل، تۆۋەنكى قورساق ساھەسى ئاغرىش بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈنلۈك بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. بۇ ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە »سەرتانى رەھىم« دەپ ئاتىلىدۇ. بالىياتقۇ راكى كۆپىنچە 50 ياشتىن ئاشقان ھەيز كېسىلىشنىڭ ئالدى-كەينىدىكى ئاياللاردا، ئاز قىسمى 40 ياشتىن تۆۋەن ئاياللاردا كۆرۈلىدۇ. ئۇنىڭ يامان سۈپەتلىك دەرىجىسى بىرقەدەر تۆۋەن، تەرەققىياتى بىرقەدەر ئاستا، ئاقىۋىتى بىرقەدەر ياخشى.

بالىياتقۇ راكى ئىككى خىل ئۆسۈش شەكلىگە ئىگە بولىدۇ.

يامراش تىپى

راك توقۇلمىلىرى بىرلا ۋاقىتتا بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنىڭ كۆپ قىسمىغا تاجاۋۇز قىلىپ، ئىچكى پەردە تىۋىتى ياكى كۆپ ئورۇنلۇق مونچاق گۆشى ھالىتىگە كىرىدۇ. بۇ كۈلرەڭ، چۈرۈك بولۇپ، دائىم قاناپ چىرىيدۇ. دەسلەپتە مۇسكۇل قەۋىتىگە ناھايىتى ئاز تاجاۋۇز قىلىدۇ، كېسەل تۆۋەنگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ بالىياتقۇ بوينى كانىلى توسۇلۇپ قېلىپ، بالىياتقۇ بوشلۇقىغا يىرىڭ يىغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

چەكلىك تىپى

راك توقۇلمىسى بالىياتقۇ پەردىسىنىڭ بىر رايونى بىلەنلا چەكلىنىدۇ، كۆپىنچە بالىياتقۇ تېنى ۋە بالىياتقۇ بۇرجىكىگە جايلاشقان بولىدۇ. بۇ كىچىك گۈلسەيسىمان ياكى تۈگۈنسىمان بولۇپ، گۈلسەيسىماننىڭ ئاقىۋىتى ياخشى، تۈگۈنچىسىماننىڭ ئاقىۋىتى ناچارراق بولۇپ، كۆپىنچە مۇسكۇل قەۋتىگە تاجاۋۇز قىلىدۇ. بۇ چاغدا بالىياتقۇ تەرتىپسىز يوغىنايدۇ. بالىياتقۇ راكىنىڭ ئالاھىدىلىكى: بالىياتقۇ راكىنىڭ ئۆسۈش، تەرەققى قىلىشى ئۆسۈشى ئاستا، كۆچۈش كېيىن بولۇشتەك ئالاھىلىككە ئىگە بولىدۇ. كلىنكىلىق دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى: بالىياتقۇ راكىنى خەلقئارا ئاياللار كېسەللىكلىرى بىرلەشمىسىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۇش ئۇسۇلى تۆۋەندىكىچە:

0 دەۋرى: گۇمانلىق راك ياكى ئەسلى ئورۇنلۇق راك.

بالىياتقۇ راكى0-1. دەۋرى: راك بالىياتقۇ تېنىدە چەكلەنگەن.

1-2. دەۋرى: بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ≥ 8 سانتىمېتىر.

1-3. دەۋرى: بالىياتقۇ بوشلۇقىنىڭ ئۇزۇنلۇقى < 8 سانتىمېتىر. ھۈجەيرە ئىلمىلىك بۆلگەندە 0-1-دەۋرى يەنى 1، 2، 3 دەرىجىگە بۆلىنىدۇ.

2. دەۋرى: راك بالىياتقۇ بوينىغا تەسىر قىلىدۇ.

3. دەۋرى: راك بالىياتقۇدىن ھالقىغان، لېكىن داس بوشلۇقىدىن چىقمىغان.

4.دەۋرى: داس بوشلۇقىدىن ھالقىغان ياكى تۈز ئۈچەي، دوۋساققا كىرگەن.

1. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ. كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىدىكى توقۇلما-ھۈجەيرىلەرنى تەكرار غىدىقلاپ، يەرلىك ئورۇندىكى ماددا ئالمىشىشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، تەبىئەت كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ ھەمدە يەرلىك ئورۇندىكى شەكىللەندۈرگۈچى، پەيدا قىلغۇچى قۇۋۋەتلەرنىڭ خىزمىتىنى قالايمىقانلاشتۇرۇپ، ھۈجەيرىلەرنىڭ تەرتىپسىز ئۆسۈشىنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرىدا ئۆسمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2. بالىياتقۇدىكى باشقا كېسەللىكلەر تەسىرىدن كېلىپ چىقىدۇ. بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ يارىسى قاتارلىقلارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى نەتىجىسىدە كېسەلنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ ئۆسمە كېلىپ چىقىدۇ.

3. قوشنا ئەزالاردىكى راكنىڭ بالىياتقۇغا تەسىر قىلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ. بالىياتقۇ بوينى راكى، تۇخۇمدان راكى، دوۋساق راكى قاتارلىقلاردىكى راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ بىۋاسىتە ياكى قان ئايلىنىش ئارقىلىق بالىياتقۇغا كۆچۈشى نەتىجىسىدە بالىياتقۇ راكى كېلىپ چىقىدۇ. 4. ئىرسىيەت ئامىلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

5. باشقىلار: زىيادە سېمىز ئاياللار، دىئابېت كېسىلى، يۇقىرى قان بېسىمى كېسىلى بارلار ۋە تۇغماس ئاياللاردا بۇ خىل راكنىڭ كۆرۈلۈشى بىرقەدەر كۆپ بولىدۇ، شۇڭا يۇقىرىقى كېسەللىكلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

بالىياتقۇ راكىدەسلەپتە روشەن ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ، كېيىن تەدرىجىي ئاشكارىلىنىدۇ. تىپىك ئالامەتلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت.

1. جىنسىي يولدىن قان كېلىش: جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان كېلىش كۆپ ئۇچرايدىغان ئالامىتىدۇر. كىلىماكتېرىيە دەۋرىدە بولسا ھەيز كېلىشنىڭ ئالدىنقى دەۋرى ئۇزىرايدۇ (كېچىكىدۇ) ، ئادەتتە قان ئاز، لېكىن ئۈزۈلمەي ئاقىدۇ.

2. جىنسىي يولدىن سۇيۇقلۇق ئېقىش: دەسلەپكى دەۋرىدە سۇدەك ياكى قانلىق سۇيۇقلۇق ئاقىدۇ. ئاخىرقى دەۋرىدە يۇقۇملىنىش قوشۇلۇپ كەلگەندە سېسىق پۇراقلىق، قان ئارىلاش ياكى يىرىڭلىق ئاجرالمىلار ئاقىدۇ.

3. ئاغرىش: ئاخىرقى دەۋرىدىكى كېسەللەردە راك توقۇلمىسى ئىنفىلتراتسىيىلىنىش تۈپەيلىدىن نېرۋىلار بېسىلىپ قورساقنىڭ تۆۋىنى ياكى بەل-توققۇزكۆز قىسمى ئاغرىپ، ئاغرىش پۇتقا تارىلىدۇ.

4. ئاخىرقى مەزگىلىدە كەم قانلىق، ئورۇقلاش، قىزىش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

بالىياتقۇ راكى1.كېسەللىك تارىخى ۋە تىپىك كېسەللىك ئالامەتلىرىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. بىماردا ئىلگىرى باشقا ئەزالاردىكى راك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولۇش، جەمەتىدە راك كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلار بولۇش ياكى بالىياتقۇ ياللۇغى، بالىياتقۇ يارىسى بىلەن ئاغرىش تارىخى بولۇش … قاتارلىق كېسەللىك تارىخى بۇلۇش بىلەن بىرگە جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان ۋە باشقا سۇيۇقلۇقلار كېلىش، تۆۋەنكى قورساق قىسمى، بەل-توققۇزكۆز ساھەسى ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

2. ئاياللار بۆلۈمىدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسەن دىئاگنوز قويۇلىدۇ. كۆپىنچە ھاللاردا بالىياتقۇ يوغىنايدۇ ھەم يۇمشاق بولىدۇ، ئادەتتە 8 ھەپتىلىك ھامىلىدارلىق چوڭلۇقىدىن ئاشمايدۇ، ھەيز كېسىلگەندىن كېيىن بالىياتقۇ قورۇلمايدۇ ياكى سەل يوغىنايدۇ، ئاخىرقى دەۋرىدە بالىياتقۇ يېنىدىن كۆچمەن تۈگۈن ياكى مونەكنى تۇتقىلى بولىدۇ.

1) بالىياتقۇنى بۆلەكلەر بويىچە دىئاگنوز خاراكتېرلىك قىرىش: بالىياتقۇ راكى، بالىياتقۇ بوينى كانىلى راكىدىن گۇمان بولسا بالىياتقۇنى بۆلەكلەر بويىچە دىئاگنوز خاراكتېرلىك قىرىپ تەكشۈرۈلىدۇ. بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسى قىرىپ ئېلىنىپ %10 لىك ئېفىر سۇيۇقلۇقى بار بوتۇلكىغا سېلىپ تەكشۈرۈشكە يوللىنىدۇ. قىرىندا دۇفۇ تىرىپىدەك كۆرۈنسە راك بولۇش ئېھتىمالى ناھايىتى چوڭ، شۇڭا تارقىلىشىنى تېزلىتىۋېتىش ياكى بالىياتقۇ تېشىلىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قىرىشنى دەرھال توختىتىش كېرەك.

2) بالىياتقۇ بوشلۇق ئەينىكىدە تەكشۈرۈش: بۇنىڭدا بالىياتقۇنىڭ ئىچىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشىنى بىۋاسىتە كۆرگىلى ۋە ئۇنى ئېلىپ پاتولوگىيەلىك تەكشۈرگىلى بولىدۇ.

1. جىنسىي ئەزالاردىكى باشقا كېسەللىكلەردىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. ھەيز كېسىلىش دەۋرىدىكى ھەيز قالايمىقانلىشىش، بالىياتقۇ ئىچكى پەردە مونچاق گۆشى، بالىياتقۇ يارىسى ۋە بالىياتقۇ ئىچكى پەردە مۇسكۇل ئۆسمىلىرىدىمۇ جىنسىي يولدىن تەرتىپسىز قان ۋە سۇيۇقلۇق كېلىش بولىدۇ. بالىياتقۇ راكىنى بۇلاردىن پەرقلەندۈرۈشتە بالىياتقۇ ئىچكى پەردىسىنى قىرىپ پاتولوگىيىلىك تەكشۈرگەندە ۋە بالىياتقۇ بوشلۇق ئەينىكىدە تەكشۈرۈشنى قوشۇمچە قىلغاندا دىئاگنوزنى مۇقىملاشقا ياردىمى چوڭ بولىدۇ.

2.ياشانغانلاردىكى جىنسىي يول ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ. جىنسىي يول ياللۇغى بويىچە داۋالىغاندا ياخشىلىنىپ قانلىق ئاق خۇن يوقالمىغانلار بولسا، بىرلا ۋاقىتتا بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكىنىڭ بولۇش ئېھتىمالىغا دىققەت قىلىش كېرەك. بۇنى بالىياتقۇنى بۆلەكلەر بويىچە دىئاگنوز خاراكتېرلىك قىرىش ئارقىلىق ئېنىقلاشقا توغرا كېلىدۇ.

1. كۆيگەن سەۋدا خىلىتىغا قارىتا تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2. ئاغرىق پەسەيتىش، راك ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئۆسۈشىنى توساش، جاراھەت پۈتتۈرۈش، قان توختىتىش مەقسىتىدە دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.

3. ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

كۆيگەن سەۋدا خىلىتىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا خاس سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا ياللۇغ قايتۇرغۇچى، يۇمشاتقۇچى دورىلاردىن ئىتئۈزۈمى، سەرسىبىل، چۆپچىن، ئاق لەيلى ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلارنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، 15 ~ 10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ دورىلارغا غەيرىي تەبىئىي سەۋدا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، ھەر كۈنى ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن 5 ~ 3 كۈن بېرىپ ياكى مەتبۇخى ئەفتىمۇنى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، 5 ~ 3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، كۆيگەن سەۋدا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ. »شەرھى ئەسباب» ناملىق كلاسسىك ئەسەردە: «بالىياتقۇ راكىدا بەدەن ئەھۋالى يار بەرسە باسلىق تومۇردىن قان ئېلىش ئارقىلىق بۇزۇق ماددىلار بەدەندىن تازىلىنىدۇ» دەپ كۆرسىتىلگەن. 

ئاغرىق توختىتىش مەقسىتىدە شىيافى ئەبىيەز، ئەپيۈن قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، جىنسىي يولغا قويۇلىدۇ. يارا شەكىللەنگەن بولسا ئاق لەيلى يوپۇرمىقى، ئەنجىباھار، ئانار پوستى، بىنەپشە، زىغىر قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، قاينىتىپ، سۈزۈپ، سۈيىدە ئابىزەن قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا بالىياتقۇ جاراھىتىدا بايان قىلىنغان دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. راك ھۈجەيرىلىرىنى تورمۇزلاش، ئاغرىق پەسەيتىش مەقسەتلىرىدە بالىياتقۇ بوينى راكىدا ئىشلىتىلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى قوللىنىلىدۇ. بالىياتقۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ياكى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. رەئىس ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ئومۇمىي بەدەننى، تەبىئەت كۈچىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە ئەبرىشىم شەربىتى كۈندە 3 ~ 2 قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، 10 مىللىلىتىردىن؛ داۋائىمىشكى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن ئىلگىرى، 5 ~ 3 گرامغىچە؛ ئامىلە نوشدارى لۆئلۆۋى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

1. تەستە ھەزىم بولىدىغان، يەللىك، غىدىقلىغۇچى يېمەك-ئىچمەكلەردىن پەرھىز قىلدۇرۇلىدۇ. مەسىلەن: كالا گۆشى، لازا-ئاچچىقسۇ … قاتارلىقلار.

2. ئاسان ھەزىم بولىدىغان، ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەكلەر بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ.

3. جىنسىي ئەزالاردا كېسەللىك ئۆزگىرىشلىرى كۆرۈلسە ۋاقتىدا ئاكتىپ داۋالىتىش، كېسەلنىڭ دىئاگنوزى مۇقىملاشقاندىن كېيىن ئارتۇقچە غەم-ئەندىشە، روھىي بېسىملارنى يوقىتىپ، ئۆزىنى ئەركىن-ئازادە تۇتۇشقا ئادەتلىنىش كېرەك.

4. ئۆزىگە زىيادە روھى بېسىم قىلىۋالماسلىق، زىيادە سېمىزلىكتىن ساقلىنىش كېرەك.[0]

بالىياتقۇ راكى (بالىياتقۇ ئىچكى پەردە راكى)

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1290

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

ئۇيغۇر تىبابەت دورىگەرلىكىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=1290

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#