تۇيۇق يېزىسى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تۇيۇق يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنىدىكى تۇرپان شەھىرىنىڭ پىچان ناھىيەسىگە قاراشلىق يېزا. ئىدىقۇت تېغى جەنۇبىي ئېتىكىگە جايلاشقان، ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 46 كىلومېتىر، كۆلىمى 2000 كۋادرات كىلومېتىر.
ئاھالە نوپۇسى 21 مىڭ ئادەم. ئۇيغۇر، خۇيزۇ قاتارلىق مىللەتلەر بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلار نوپۇسى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ % 90 نى ئىگەللىگەن.
يېزا ئىگىلىكى ۋە باقمىچىلىقنى ئاساس قىلغان، تاغنىڭ شىمالىيدىن ئاشلىق، پاختا، شەننەن ئۈزۈم، قوغۇن كۆپ چىقىدۇ، ناھىيە بويىچە ھۆل - قۇرۇق ئۈزۈم، قۇمۇل قوغۇنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ بىرى. قەدىمىي يادىكارلىقلاردىن تۇيۇق مىڭئۆيلىرى، ئەمىنىيە - يېغىلىق دەۋرىدىكى قەدىمىي قەبرىستانلىقى ۋە ئىسلام دىنىنىڭ مۇقەددەس جايىنىڭ بىرى بولغان مازار ( گۈمبەز ) بار.
مىڭ سۇلالىسى ۋەنلى سەلتەنىتىنىڭ 16 - يىلى ( 1588-يىلى ) قېزىلغان خۇ كارىزى، زېرىپ كارىزى ( قۇدۇق ) قاتارلىقلار بار. ئىدىقۇت تېغى شىمالىي ئېتىكىگە جايلاشقان بۇ يېزىغا قاراشلىق سۇ بېشى كەنتىدە، 312 دۆلەت يولى كەنت ئىچىدىن كېسىپ ئۆتىدۇ، كەنت ۋە يېزىلىق ھۆكۈمەتنى يالقۇنتاغ ئايرىپ تۇرىدۇ، تارىختا تۆشۈك ئېچىلغان بولسىمۇ بىراق ئەمەلگە ئاشمىغان.
1992 - يىلى قىشتا، پىچان ناھىيەلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت بىلەن تۇرپاندا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە مەلۇم شىسىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، بۇ يېزىغا يول ئاچقان.
1959 - يىلى نامى « قىزىل يۇلتۇز » گۇڭشېسى بولغان.
1978 - يىلى نامى تۇيۇق گۇڭشې بولغان.
1984 - يىلى يېزىلىق ھۆكىمەت قۇرۇلغان.
« تۇيۇق » ئۇيغۇر تىلىدا « راۋان » دېگەن مەنىنى بىلدۈرگەن.
تۇيۇق يېزىسى قارمىقىدا سۇبېشى كەنتى، مازار ئالدى كەنتى، يېڭىمەھەللە كەنتى، تۇيۇقشا كەنتى، ياڭخى يۇقىرى كەنتى، ياڭخى كەنتى، تۇڭگانكارىز كەنتى، چىگە كارىز كەنتى، پەنجانكارىزى كەنتى، جيەنتانكارىز كەنتى، زېرىپ كارىزى كەنتى، يالقۇن تاغلىق كەنتى، چارۋىچىلىق كەنتى قاتارلىق 12 كەنت ئاھالە كومىتېتى بار.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.