دۇڭچېڭ بازىرى

دۇڭچېڭ بازىرى

دۇڭچېڭ بازىرى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 21 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى دۇڭچېڭ بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 576 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق كىلىماتى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 东城镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون سانجى ئوبلاستى مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى
نوپۇسى 13787 ئادەم
تېلېفون رايون نومۇرى 0994

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئورنى

دۇڭچېڭ بازىرىدۇڭچېڭ بازىرى شىنجاڭ سانجى ئوبلاستى مورى ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا 21 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان. دۇڭچېڭ بازىرىنىڭ شەرقىي ۋە جوبېيسەن يېزىسى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربىي شىجىر بازىرى بىلەن قوشنا، جەنۇبىي تەڭرىتاغنىڭ ئىچكىرىسىدە پىچان ناھىيەسى بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىمالىي گۇچۇڭ ناھىيەسىنىڭ لوچىتەي بازىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، يەر تۈزۈلۈشى جەنۇبى ئېگىز، شىمالى پەس، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان تاغلىق يەر، ئېدىرلىق، چۆل ئۈچ قىسىمىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى تەخمىنەن 1240 مېتىر، ئومۇمىي كۆلىمى 576 كۋادرات كىلومېتىر، مورى ناھىيەسىدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ، ئەڭ تارقاق ئولتۇراقلاشقان چوڭ چارۋىچىلىق بازىرىنىڭ بىرى.

كىلىماتى

دۇڭچېڭ بازىرىنىڭ ئىقلىمى ئوتتۇرا مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى كىلىماتىغا كىرىدۇ. 12-ئايدىن 2-ئايغىچە ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃10-، يىل 6-ئايدىن 7-ئايغىچە ئوتتۇرىچە ھاۋا تېمپېراتۇرىسى ℃20.5، يىللىق قىروسىز مەزگىلى 150 كۈن ئەتراپىدا، ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 150 ~ 400 مىللىمېتىر، يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2020 مىللىمېتىر، كۆپىنچە تۇپرىقى قوڭۇر تۇپراق ۋە كالتسىيلىق قوڭۇر تۇپراق. پۈتۈن بازاردىكى سۇچىلىق قۇرۇلۇشى مۇئەسسە قۇدۇقتىن 54 كۆز، 3 كۆز كارىز سۇغىرىش، 111 كىلومېتىر سۇغىرىش ئۆستىڭى بار. ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلە شۇكى، ماشىنىلاشقان قۇدۇقنىڭ ئورۇن جەھەتتىكى جايلىشىشى دېگەندەك مۇۋاپىق ئەمەس، قىسمەن سۇ مەنبەسى يېتەرلىك بولمىغاچقا، سۇغىرىش يۇقىرى دولقۇن مەزگىلىدە تەڭشەشكە توغرا كېلىدۇ، سۇغىرىش ئۈنۈمى تۆۋەن.

دۇڭچېڭ بازىرى تەۋەسىدە: شېنجياگۇ كەنتى، سىداۋ كەنتى، دوڭچېكۇ كەنتى، سۇنجاگۇ كەنتى، جىشىنلىياڭ كەنتى، دۇڭچېڭ كەنتى، خېيشەنتۇ كەنتى قاتارلىق يەتتە مەمۇرىي كەنت بار.

دۇڭچېڭ بازىرىدۇڭچېڭ بازىرىدا خەنزۇ، قازاق، ئۇيغۇر، خۇيزۇ، تاتار، ئۆزبېك، دۇڭشياڭ قاتارلىق يەتتە مىللەت ئولتۇراقلاشقان، 4085 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 13787 ئادەم، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت نوپۇسى 3037 ئادەم، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق نوپۇسى 3515 ئائىلىلىك، 12876 ئادەم، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %93.4 نى ئىگەللىگەن، شەھەر-بازار نوپۇسى 911 ئادەم، يېزا-بازار ئەمگەك كۈچى 8740 ئادەم بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ٪63.9 نى ئىگەللىگەن. 2007-يىلى، نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇش نىسبىتى ‰ 5.79، تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى كۆلىمى ئاران ‰1.38 بولغان. پۈتۈن بازاردا 15 ئىدارە-ئورگان، 7 پارتىيە باش ياچېيكىسى، 29 پارتىيە ياچېيكىسى، 583 نەپەر پارتىيە ئەزاسى بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئايال پارتىيە ئەزاسى 119 نەپەر، ئاز سانلىق مىللەت پارتىيە ئەزاسى 18 نەپەر.

دېھقانچىلىقى

دۇڭچېڭ بازىرى 2007-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، تېرىلغان ئومۇمىي تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 10.4563 مىڭ مو، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تېرىلغۇ يەر 8.1 مو، ئورمان كۆلىمى 7101.2 مو. 2007-يىلى، پۈتۈن بازاردا 95263 مو تېرىلغۇ كۆلىمى تاماملانغان، ئاشلىق ئومۇمىي مەھسۇلات مىقدارى 11802.8 توننىغا يىتىپ، بۇنىڭ ئىچىدە بۇغداي تېرىش مەھسۇلات مىقدارى 17750 مو (2832.3 توننا)، كۆممىقوناق مەھسۇلات مىقدارى 4206 6500 مو (توننا)، پۇرچاق تۈرىدىكى مەھسۇلات مىقدارى 55500 مو (4291.9 توننا)، ئارپا مەھسۇلات مىقدارى 1600 مو ( 472.6 توننا)، ياغلىق دان مەھسۇلات مىقدارى 1333 مو (199.7 توننا)، سامساق 300 توننا، مېۋە 147.5 توننا. 2007-يىلىدىكى تاماملانغان زاكاس تېرىلغۇ كۆلىمى 72 مىڭ مو، تاماملانغان ئورگانىك گۇۋاھلىق يەر كۆلىمى 8300 مو.

دۇڭچېڭ بازىرىيەردىن پايدىلىنىش ئەھۋالى ئىچىدىكى ئاساسلىق مەسىلە شۇكى، ئورمان كۆلىمى ئاز، ئېتىز-ئېرىق ئورمىنى، يول، ئۆستەڭ قۇدۇق يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلىرى ناچار، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى تۆۋەن، ئازوت فوسفور ئاز كەم.

چارۋىچىلىقى

دۇڭچېڭ بازىرى2007-يىلىنىڭ ئاخىرقىدا تەۋەسىدىكى ئەنجۇدان موگۇسى، كۆكتات پارنىكى 131 گە يەتكەن، قولدىكى چارۋا-مال 54930 تۇياققا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە چوڭ چارۋا 6730 تۇياق (بۇنىڭ ئىچىدە كالا 3300 تۇياق)، ئۇششاق چارۋا 48200 تۇياق (دانە) (بۇنىڭ ئىچىدە قوي 45200 تۇياق)، بېقىلىش مىقدارى 10 مىڭ تۇياققا يەتكەن. گۆش مەھسۇلات مىقدارى 1984 توننا، قوي يۇڭىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى 102 توننا، سۈت مەھسۇلات مىقدارى 950 توننا، تۇخۇم مەھسۇلات مىقدارى 80 توننا بولغان. باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسى 124 گە يەتكەن، 2007-يىلى، 27 تۇياق يۇقىرى ھوسۇللۇق قارا ئالا سۈت كالىسى كىرگۈزۈپ، «مەيچۈر» يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى، «ۋىيۋىي» يېڭى سۈت سېتىۋېلىش پونكىتى قۇرغان، بىر گۆش قويى نەسلىنى ياخشىلاش نۇقتىسى قۇرغان.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#