پىئانىنو

پىئانىنو ( رويال ) غەرب كىلاسسىك مۇزىكىلارنىڭ ئىچىدىكى بىر خىل باسماقلىق چالغۇ، ئۇنىڭ « چالغۇ شاھى » دېگەن نامى بار. 

ئۇيغۇرچە نامى پىئانىنو
چەتئەلچە نامى piano، Klavier، pianoforte
كەشىپ قىلغان ۋاقتى 18-ئەسىر
ئەمەلىي پەن مۇزىكا ئىلمى، مۇزىكا ئورۇنداش
خەنزۇچە نامى 钢琴
كەشىپ قىلغۇچى بارتولى رومېئو . كلۇس دوفېل
تەتبىقلاش ساھەسى يالغۇز چېلىش، ئانسامبىل ئورۇنلاش، تەڭكەش قىلىپ چېلىش
تۈرى چوڭ پىئانىنو، ئۆرە پىئانىنو

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

پىئانىنوپىئانىنونىڭ ئاۋاز دائىرىسى ناھايىتى كەك ھەمدە ئاۋاز ياڭراقلىرى مول ئۆزگىرىشچانلىققا ئىگە. ئورۇنلىغۇچىلار پىئانىنودىن بىمالال ھالدا ئىنچىكە ئاۋازلاردىن تارتىپ قاينام تاشقىنلىق، جەڭگىۋار، تەنتەنىلىك ئاۋازلار غىچە چىقىرالايدۇ. پىئانىنودا جاراڭلىق يۇقىرى ئاۋاز، تولغان ئوتتۇرا ئاۋاز ۋە تولۇق تۆۋەن ئاۋاز بولۇپ، ئۇنى پۈتكۈل سىمفونىيە ئوركېستىرىنىڭ ئۈنۈمىگە تەقلىد قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭغا ھەرقانداق چالغۇنى سېلىشتۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. يەنە پىئانىنونىڭ ئاۋاز تېمبىرى گۈزەل، تەسىرلىك، ئوخشىمىغان ئۇسلۇبلاردا چالغىلى، ھەرخىل مۇزىكىلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. پىئانىنو ئۆزىگە خاس ئىپادىلەش كۈچى ۋە غايەت زور بەدىئىي ئىقتىدارى ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان مۇزىكانتلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرىشكەن، ئۇ ھەم خاسلىققا ئىگە، ھەم باشقا چالغۇلارنىڭ ئاۋازلىرى بىلەن گارمونىيلىك ھالدا بىرىكىپ، مودا مۇزىكىلار، تولغىما ئۇسسۇل مۇزىكىلىرى ۋە كلاسىك مۇزىكىلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ. شۇڭا كىشىلەر ئۇنى ‹‹ چالغۇلار ›› دەپ تەرىپلەيدۇ.

مەنبەسى  

پىئانىنو بولسا بىر خىل باسماقلىق چالغۇ، كۇنۇپكا ئارقىلىق تۈرتكە بولىدىغان سىم ئارقىلىق تارىسى ئۇرۇپ ئىيشلىتىلىدىغان چالغۇ. 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن بۇيان، ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا پىئانىنو ئىزچىل تۈردە ئەڭ ئاساسلىقى ئائىلە باسماقلىق چالغۇسى. پىئانىنو ياۋروپادىن باشلانغان،  ئىتالىيەلىك كلۇس دوۋېر كەشىپ قىلغان بىر خىل ھازىرقى پىئانىنو كلاۋىشلىك مۇزىكا ئەسۋابى. ھازىرغىچە 300 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. 

تەرەققىياتى

17-ئەسىردىن 18-ئەسىر ئارلىقىدا، قەدىمقى ئىسكىرىپكا چېلىش، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇزىكا بولۇپ، تۇرمۇشتا خېلى يۇقىرى ئورۇندا ئىدى، ئۇنىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ. 18- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇزىكا تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، ئاۋاز كۈچى ئاجىز بولغان ئەينى چاغدا مۇزىكانتلار ئېھتىياجىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن بارا - بارا ئاۋاز مىقدارى چوڭ، پىئانىنو ئۇنىڭ ئورنىنى ئالغان. 

پىئانىنوپىئانىنو چالغۇ چوڭ جەمەتىنىڭ « پادىشاھ » ى دەپ ئاتالغان. ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە پەن - تېخنىكا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ ھۇسۇلى، پىئانىنونىڭ چالغۇ سۈپىتىدە بارلىققا كېلىشى، ئىنسانىيەت ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئېھتىياجى، پىئانىنو تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي مەنىۋى تۇرمۇشىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇش ھالىتىدە تۇرىدۇ. پىئانىنو ماددىي ئاساسى سۈپىتىدە، مۇزىكانتلار ئىجادىيىتى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بەردى، مۇزىكانتلار پىئانىنو ئارقىلىق مەدەنىيەت يارىتىپ، پىئانىنو قۇرۇلما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ پىشىپ يېتىلدى. بۇنىڭدىن : پىئانىنو مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، پىئانىنونى چۈشىنىش، پىئانىنونى بىلىش بولسا بىر مۇزىكانتنىڭ پىئانىنو مەدەنىيىتىنى تونۇش شەرت - شارائىتىنى ھازىرلايدۇ. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#