بەلۇجىلار

بەلۇجىلار

بەلۇجىلار پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ئىراننىڭ بەلۇجىستان دەپ ئاتىلىدىغان ئۆلكىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى ئومان يېرىم ئارىلىى بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان  غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىيا چېگرىلىنىدىغان سىتراتىگىيىلىك زىمىندا ياشىغۇچى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى.

ئۇيغۇرچە نامى بەلۇجىلار
ئىنگىلىزچە نامى Baloch human
يېزىقى ئەرەب يىزىقى ئاساسىدىكى بەلۇجى يىزىقى
ئىرقى ياۋرۇپا ئىرىقى ئىران تىپى
خەنزۇچە نامى 俾路支人
تىلى بەلۇجى تىلى
ئىتىقادى ئىسلام دىنى سۇننى مەزھىپى
نوپۇسى 8 مىليۇن

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بەلۇجىلاربەلۇجىلار پاكىستان، ئافغانىستان ۋە ئىراننىڭ بەلۇجىستان دەپ ئاتىلىدىغان ئۆلكىلىرىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئەرەپ يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى ئومان يېرىم ئارىلىى بىلەن ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق قارىشىپ تۇرىدىغان  غەربىي ئاسىيا ۋە جەنۇبى ئاسىيا چېگرىلىنىدىغان سىتراتىگىيىلىك زىمىندا ياشىغۇچى ئۇزاق تارىخقا ئىگە قەدىمىي مىللەتلەرنىڭ بىرى. بەلۇجىلار ئاھالىسىنىڭ 71 پىرسەنتى پاكىستاننىڭ بەلۇجىىستان ئۆلكىسىدە ياشايدۇ. دۇنيادىكى ئومۇمى نوپۇسى8مىليۇندىن ئاشىدۇ.ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدۇ.

تارقىلىشىبەلۇجىلار ئاھالىسىنىڭ 71 پىرسەنتى پاكىستاننىڭ بەلۇجىىستان ئۆلكىسىدە (3 مىليون 500 مىڭ نوپۇس بولۇپ ئۆلكە ئاھالىسنىڭ %37 نى ئىگەللەيدۇ )، 23 پىرسەنتى ئىراننىڭ شەرقى جەنۇبىدىكىپاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان شىستان بەلۇجىستان ۋە شۇنىڭغا چېگرىداش بەندەر ئابباس، جەنۇبى خۇراسان ئۆلكىلىرىگە  ئۆلكىسىدە (ئىككى مىلىيۇن 500 مىڭ نوپۇس بولۇپ شىستان بەلۇجىستان ئۆلكىسىدە ئۆلكە ئاھالىسىنىڭ %90 نى ئىگەللەيدۇ)، ئافغانىستاننىڭ ئىران ۋەپاكىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان نىمرۇز ئۆلكىسىگە(ئۆلكە ئاھالىسىنىڭ %58 نى ئىگەللەيدۇ) توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، بەلۇجىلار ئولتۇراقلاشقان يۇقارقى زىمىنلار بىرلەشتۈرۈلۈپ بۈيۈك بەلۇجىستان دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا يەنە  يەنە ئوماندا 400مىڭدىن كۆپرەك، ھىندىستان، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى ۋە تۈركمەنىستاندىمۇ ئاز ساندا بەلۇجىلار بار. بەلۇجىلارنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 8 مىليوندىن كۆپرەك. 

تىليىزىقى بەلۇجىلار ياۋرۇپا ئىرقىنىڭ ئىران تىپىغا كىرىدۇ، ھىندى - ياۋروپا تىللىرى سىستېمىسى ئىران تىللىرى گۇرۇپپىسى غەربى تىل تۈركۈمىگە تەۋە بەلۇجى تىلىنى قوللىنىدۇ (بەلۇجى تىلى كۇرد تىلى بىلەن ئەڭ يېقىن)، ھازىر پاكىستاندىكى بىر قىسم بەلۇجىلار سىندى ياكى پەنجاپ تىلىنى، ئىراندىكىلىرى پارىس تىلىنى قوللىنىشقا باشلىدى. ئەرەپ ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى پارىس يېزىقىنى قوللىنىدۇ. بەلۇجىلارنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىپىگە ئېتىقاد قىلىدۇ.

تۇرمۇشى بەلۇجىلار ئۆز ئىچىدىن راھشان، سارۋان، لاشېر، كېچ قاتارلىق بىر نەچچە چوڭ قەبىلىگە بۆلۈنگەن بولۇپ قەبىلىلەر ئارا تىل-شىۋە پەرقى خېلى چوڭ. بوستانلىقلاردا ئولتۇراقلاشقان بەلۇجىلار دېھقانچىلىقنى ئاساس، چارۋىچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ. چۆل - جەزىرە ۋە تاغلىق رايۇنلاردىكى بەلۇجىلار كۆچمەن چارۋىچىلىقنى ئاساس، دېھقانچىلىقنى قوشۇمچە قىلىدۇ، چارۋىچىلىقتا كالا، قوي ۋە تۆگە باقمىچىلىقى ئاساس قىلىنىدۇ؛ كارۋانچىلىق بەلۇجىلارنىڭ ئەنئەنىۋى داڭلىق كەسپى.

تارىخى بەلۇجىلارنىڭ ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندا ئىراننىڭ شىمالىدىكى كاسپى دېڭىزى ئەتراپى ۋە كىرمان، شىستان ئۆلكىسىنىڭ شىمالىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشاپ كەلگەن مېدىيانلار بولۇپ، كېيىن ئېفتالىتلار، سالجۇق تۈركلىرى ۋە مۇڭغۇللارنىڭ بېسىپ كىرىشى تۈپەيلىدىن Ⅹ -ⅩⅤ ئەسىرلەردە جەنۇب تەرەپكە سىلجىپ، خۇراسان ئارقىلىق بەلۇجىىستانغا كۆچۈپ كېلىپ ئولتۇراقلاشقان.بەلۇجىلار تارىختىن بۇيان ئەتراپتىكى مىللەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ئىشغالىيىتى ئاستىدا ياشىغانلىقتىن ئىجتىمائى تەرەققىياتى بەك ئارقىدا قالغان بولۇپ 19-ئەسىردىن بۇرۇن يازما ئەدەبىياتى بولمىغان.  

ئۆرۈپئادىتىبەلۇجىلارنىڭ  توي - تۆكۈن، ئۆلۈم - يېتىم قاتارلىق قائىدە - يوسۇن، ئۆرپ ئادىتى ئىسلام دىنىنىڭ سۈننى مەزھىبىنىڭ قائىدىلىرى بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئۆرپ - ئادەت جەھەتتە قۇملۇق رايوندىكى كۆچمەن چارۋىچى مىللەتلەر بىلەن ئوخشاپ كېتىدۇ. ئۇلار ئات مىنىشكە ماھىر، قەيسەر كېلىدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

1.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/108702.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#