ئېۋگېن
ئېۋگېن 1915-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا چىكاكو شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئېۋگېنئېۋگېن 1915-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا چىكاگو شىتاتىدا دۇنياغا كەلگەن. چىكاگو شەھەر ئىنىستۇتى ۋە ئىللىنوئىس تېخنىك ئىنىستۇتىدا ئوقۇغان، ئەمما مەكتەپ پۈتتۈرمەيلا توختاپ قالغان. 1935-يىلى زېنىس ئېلكترون (Zenith Electronics) شىركىتىگە ياللىنىپ مال ساقلاش خىزمىتىنى قىلغان. كېيىن شىركەتنىڭ تېخنىك ئېنژىنېرى بولغان، ئاساسلىق تۆھپىسى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرىشىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرلىكىگە رادار لاھىيلەش ۋەزىپىسىگە قاتناشقان.
ئېۋگېن 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى چىكاگو شەھىرى ئەتراپىدىكى Advocate Good Samaritan دوختۇرخانىسدا كېسەل بىلەن 96 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
1955-يىلى، ئۇ«يالتراق ئاپتوماتلاشقان قۇرۇلما» غا سىمسىز تىزگىنەك كەشپ قىلغان، بۇ تىزگىنەك قول چىراغقا ئوخشايدىغان بولۇپ، تېلېۋىزورغا توغرىلاپ تۇرۇپ ئاچقىلى، ئېتىپ تاشلىغىلى ۋە قانال يۆتكىگىلى بولىدىغان نۇر تارقىتىدۇ. ئېۋگېن ھايات ۋاقتىدا ئۆزىنىڭ بۇ كەشپىياتىدىن ناھايىتى پەخىرلىنىدىغان بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى ئىپتىدائىي تىزگىنەكنى دائىم يېنىدا ئېلىپ يۈرەتتى.
بۇنىڭدىن سىرت، ئۇ يەنە ماشىنا سىمسىز رادىئو كونۇپكىسى ۋە VCD ئىچىدىكى تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ زېنىس ئېلكترون شىركىتىدە ئاساسلىقى مەھسۇلات ۋە تېخنىكا تەتقىقاتى خىزمىتى بىلەن شوغۇللانغان. ئەڭ ئاخىرى بۇ شىركەتنىڭ قۇرۇلۇش تارمىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسىغا ئايلانغان. 1982-يىلى شىركەتكە 47 يىل تۆھپە قوشقان ئېۋگېن پېنسىيەگە چىققان.
ئۇ پۈتكۈل ھاياتىدا ئامېرىكىنىڭ 18 تۈرلۈك كەشپىيات پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.
تېلېۋىزىيە سىمسىز تىزگىنىكى تەرەققىياتىغا باشلامچى بولغانلىقتىن، ئېۋگېن بىلەن تېلېۋىزىيە سىمسىز تىزگىنىكىنىڭ يەنە بىر كەشپىياتچىسى روبېرت ئادلېر (Robert Adler) تېخنولوگىيە قۇرۇلۇش ئەمىلىي مۇكاپاتى (Technology & Engineering Emmy Award) غا ئېرىشكەن.
2009-يىلى، ماشىنا ئېلىكترون قۇرۇلىشى جەمئىيىتى ئېۋگېنغا IEEE ئىستىمالچىلار ئېلىكترون مۇكاپاتى بېرىپ، ئۇنىڭ تېلېۋىزىيە ۋە باشقا ئېلكترون ئەسلىھەلىرىنىڭ سىمسىز تىزگىنەك تېخنىكىسىغا قوشقان تۆھپىسىنى تارتۇقلىغان.[1][0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.