كاتيۇشا

كاتيۇشا

چوڭ قىسىم ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، كاتيۇشا ئارقىلىق يول ئاچىدۇ. كاتيۇشا دۈشمەن تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى باستۇرىدىغان ۋە ئۆز تەرىپىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملىشىپ كەڭ دائىرىلىك ئوققا تۇتىدىغان ياراغ.

ئۇيغۇرچە نامى كاتيۇشا
باشقا نامى ئالۋاستى زەمبىرەك
خەنزۇچە نامى 卡秋莎

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

چوڭ قىسىم ھۇجۇمغا ئۆتۈشتىن ئىلگىرى، كاتيۇشا ئارقىلىق يول ئاچىدۇ. كاتيۇشا دۈشمەن تەرەپنىڭ ھۇجۇمىنى باستۇرىدىغان ۋە ئۆز تەرىپىنىڭ ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملىشىپ كەڭ دائىرىلىك ئوققا تۇتىدىغان ياراغ بولۇپ، ئاشكارىلانغان توپ نىشانلارغا تاقابىل تۇرۇشتا ئۈنۈملۈك ئوت كۈچىگە ئىگە. جەڭدە ئۇ دۈشمەنگە تېز، توساتتىن، شىددەتلىك زەربە بېرىدۇ.

 كاتيۇشا ھەيۋىتى چەكسىز راكېنا زەمبىرىكىدۇر . كاتيۇشانىڭ « بوي -بەستى » كىچىك ،ئىستوۋولى ناھايىتى نېپىز ،لېكىن ئوت كۈچى ئىنتايىن شىددەتلىك . ھازىرقى زامان راكېتا زەمبىرىكى بىر نەچچە ئىستوۋولنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىدىن ياسالغان ،ئۇ قويۇپ بەرگەن راكېتا يانار تاغدىن ئېتىلىپ چىققان ماگمىغا ئوخشاش دۈشمەننى ئىنتايىن ئالاقزادە قىلىۋېتىدۇ . 

كاتيۇشانىڭ نۇرغۇن ئېتىش ئىستوۋۇللىرى بولۇپ، قاتار تىزغاندا 10 نەچچە ياكى نەچچە 10 زەمبىرەك ئىستوۋۇلىنى بىللە باغلاپ قويغانغا ئوخشايدۇ، ئۇ ئاپتوموبىل ياكى چاققا بېكىتىلگەن بولغاچقا، بىمالال ھەرىكەت قىلىدىغان ئۇششاق كاتيۇشا توپىغا ئايلىنىدۇ.

كاتيۇشانىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى ئۇزۇن، ئوت كۈچى شىددەتلىك، ھەرىكەتچانلىقلىقى ياخشى، ئىنېرتسىيىسى كىچىك، قۇرۇلمىسى ئاددىي، باشقۇرۇلۇشى ئاسان. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا، سوۋېت ئىتتىپاقى ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ تېز ھۇجۇم قىلىۋاتقان ماشىنىلاشقان قىسمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، 1941-يىلى كۆپ يوللۇق ئۆزى يۈرىدىغان كاتيۇشانى لايىھىلەپ ياسىغان، ئۇنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئېتىلىش مۇساپىسى 5.8 كىلومېتىر بولۇپ، بىر قېتىمدىلا 132 مىللىمېتىرلىق كاتيۇشا ئوقىدىن 16 نى قويۇپ بېرىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى داد-پەرياد ئېيتقۇزغان بولغاچقا، «ئالۋاستى زەمبىرەك» دەپ ئاتالغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كاتيۇشانىڭ نامى ئالەمگە تارالغان. 

كاتيۇشا نىشان بەلگىلەش سىستېمىسى، قارىغا ئېلىش سىستېمىسى، ئوت ئېچىش سىستېمىسى ۋە تىرەك سىستېمىسى قاتارلىق تۆت قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ. نىشان بەلگىلەش سىستېمىسىدىكى نىشان بەلگىلىگۈچ كاتيۇشانىڭ ئاساسىي زاپچاسلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئوق ئۇنىڭ نىشان بېكىتىشى بىلەن نىشانغا ئۇچىدۇ. كاتيۇشادىن ئېتىلىپ چىقىدىغىنى تىزگىنلەش قۇرۇلمىسى يوق سىنارەد بولۇپ، سىنارەدنىڭ قۇيرۇق قانىتى ئوقنىڭ مۇقىم ئۇچۇپ، موللاق ئېتىپ كەتمەسلىككە كاپالەتلىك قىلىدۇ. 

ھازىر، دۇنيادىكى ھەرقايسى ئەللەردە نۇرغۇن يېڭى تىپتىكى كاتيۇشالار ياسالدى. ئامېرىكا 1971-يىلىدىن ئېتىبارەن، كۆپ ئىستوۋۇللۇق  

كاتيۇشانى ئىشلەپچىقاردى، ئۇنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى 30 كىلومېتىردىن ئاشىدۇ؛ 12 ئىستوۋۇلدىن بىرلا ۋاقىتتا ئېتىلسا، 28 زەمبىرەكنىڭ بىر قېتىم ئوق ئېتىلغان چاغدىكى قۇدرىتى ھاسىل بولىدۇ.

كاتيۇشا ئادەتتە جەڭ ئاپتوموبىللىرىغا قۇراشتۇرۇلىدۇ، ئايروپىلان ۋە پاراخوتلارغا قۇراشتۇرۇپ ئېتىشقىمۇ بولىدۇ، كاتيۇشادىن پايدىلىنىپ يەرگە مىنا چېچىپ تانكىغا زەربە بېرىشكىمۇ ياكى ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ پارتلاتقۇچ دورىلارنى چېچىپ مىنا تازىلاپ، تانكىلارغا مىنا رايونىدا يول ئېچىپ بېرىشكىمۇ بولىدۇ. 

1941-يىلى ،موسكوۋادىكى ئارمىيە ۋە خەلق ناتىستلار گېرمانىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە يېڭىدىن تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقلغان « كاتيۇشا» مۇ جەڭگە قاتناشتۇرۇلغان ، ئۇنىڭ كارامىتى قالتىس بولۇپ ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان . ئالدىنقى سەپتكى سوۋېت ئارمىيىسى ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن ، پەقەت زەمبىرەك ئۈستىگە يېزلغان «k» ھەرىپىنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭغا « كاتيۇشا» دەپ چىرايلىق ئىسىم قويۇپ قويغان .


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (4 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#