چېلىيابىنسكى
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
1736-يىلى بۇ جايدا مۇھىم بىر قەلئە قۇرۇلغان. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى سىبىرىيىگە ئۆتىدىغان مۇھىم ئۆتەڭ ھەم ئاشلىق سودا مەركىزىگە ئايلانغان .
روسىيە فېدېراتسىيەسى ئارال رايونىدىكى ئىككىنچى چوڭ شەھىرى، ئەڭ چوڭ ئېغىر سانائەت مەركىزى، چېليابىنسكى ئوبلاستىنىڭ مەركىزىي شەھىرى.كۆلىمى:87900 كىۋادرات كىلومېتىر
نوپۇسى: 3 مىليون 603 يۈزمىڭ 339 (2002-يىل)
چېلىيابىنسكى ئاساسلىق سانائەت رايونى بۇلۇپ ئاساسلىقى ، رەڭلىك مېتال ، مېتاللورگىيە ( ماگنىتوگورسكى , چېليانىسكى , زلاتوئۇست ماشىنا ياساش ۋە مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپى ، كانچىلىق ۋە مېتالچىلىق ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ، مېخانىزم , تىراكتۇر , ئاپتوموبىل , ۋاگون تراللىبۇس ، تۆمۈريول ۋە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىشلەپچىقىرىش ، خىمىيە سانائىتى خىمىيىۋى ئوغۇت ئىشلەپچىقىرىش ، بىرىكمە سمول , سىر ، كانچىلىق، قارا ۋە رەڭلىك مېتال كان قېزىش ، ماگنېزىت , قوڭۇر كۆمۈر , مىنېرال بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ، يېنىك سانائەت , يېمەكلىك سانائىتى ۋە بىناكارلىق ماتېرىياللىرى ئىشلەپچىقىرىش . بۇنىڭ دىن سىرت , يەنە ئېلېكتر سانائىتى ، جەنۇبىي ئورال ، چېليابىنسكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى رايونلارنىڭ ئېلېكتر ئىستانسىلىرى ئۈسكۈنىلىرى ياساش ، قاتارلىق سانائەت ئۇرۇنلىرى بار ...شەھەرنىڭ سانائىتى، قاتناش-ترانسپورتى تەرەققىي قىلغان، شەھەردىن ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەرگە بارىدىغان تۆمۈريول، تاشيوللار، تيومىندىن باشلانغان گاز تۇرۇبىلىرى بار. سانائىتىدە پولات-تۆمۈر(يىلىغا 6 مىليون 500 مىڭ توننىدىن ئوشۇق پولات ئىشلەپچىقىرىدۇ) ، سېنك تاۋلاش، ماشىنىسازلىق، خىمىيە سانائەتلىرى تەرەققىي قىلغان. بۇ ئورۇن رۇسىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ مۇھىم پولات-تۆمۈر سانائەت مەركەزلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
چېلىيابىنسكى ئاساسلىقى يېزا ئىگىلىكى ئاشلىق زىرائەتلىرىنى ئاساس قىلىدۇ ، ھەم پائال راۋاجلاندۇرۇپ ، سۈت ، گۆش مەقسەت باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ . 1997-يىلىدىكى ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا ، مەزكۇر شىتاتنىڭ 6294دانە دېھقانچىلىق مەيدانى بار ، نوپۇسقا توغرا كېلىدىغان يەر كۆلىمى 59 مىڭ گېكتار . 1996 - ستاتىستىكىدا دېھقانچىلىق مەيدانلىرىغا سانى 6408 دانە .
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.