گنۇ

گنۇ بۆكەن كالىنىڭ بىر خىلى بولۇپ، ئافرىقىدىكى يايلاقتا ياشايدىغان بىر خىل چوڭ تىپتىكى كالا بۆكەن.

ئۇيغۇرچە نامى گنۇ
ئىنگلىزچە نامى Wildebeest
تەۋەلىكى ھايۋانلار دۇنياسى
سىنىپى سۈت ئەمگۈچىلەر سىنىپى
ئائىلىسى كالا ئائىلىسى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 角马
تارقالغان رايونلار ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە شەرقىي جەنۇبىي قىسمى
تىپى خوردىلىق ھايۋانلار تىپى
تۈركۈمى ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى
ئۇرۇقداشلىرى گنۇ ئۇرۇقدىشى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گنۇ بۆكەن كالىنىڭ بىر خىلى بولۇپ ئادەتتە كالا بۆكەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئافرىقىدىكى يايلاقتا ياشايدىغان بىر خىل چوڭ تىپتىكى كالا بۆكەن. جانلىقلارنى ئىلمىي جەھەتتە تۈرگە ئايرىغاندا ئۇ كالا ئائىلىسى بۇبالىس بۆكىنى كەنجى ئائىلىسىدىكى گنۇ ئۇرۇقدىشىغا تەۋە. گنۇ ئۇرۇقدىشى ئىككى خىل بولۇپ، ئاق قۇيرۇق گنۇ ۋە تاغىل گنۇ. 

گنۇگنۇ ئافرىقىدا ياشايدىغان يايلاقتىكى چوڭ بۆكەن، چىرايى كالا باشلىق، ئات يۈزلۈك، قوي ساقاللىق. بېشى يوغان، مۈرىسى كەڭ، سۇ كالىسىغا ناھايىتى ئوخشايدۇ. ئارقا قىسمى ئىنچىكە، ئاتقا بىر قەدەر ئوخشايدۇ، بوينى قارا، يايلى تۈكى بار.

پۈتۈن بەدىنىدە ئۇزۇن تۈكى بار، سىلىق ۋە قىسقا سىزىقلار بار. پۈتۈن بەدىنى كۆك كۈل رەڭ ۋە قارامتۇل قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، قارا يۈزى، قۇيرۇقى، ساقىلى ۋە داغلىرى بار، رەڭگى كەنجى تۈرى، جىنس ئايرىمىسى ۋە پەسىل ئوخشىماسلىقىغا قاراپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. چوڭراق گنۇنىڭ، بەدەن ئېغىرلىقى 270 كىلوگرام بولۇپ، ئادەتتە ئۆمرى 15 يىل ئەتراپىدا. ئاساسلىقى سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى ئافرىقىغا تارقالغان.

گنۇ بولسا چوڭ تىپتىكى ئوتخور ھايۋان. تېنى يوغان، تۆت ئەزاسى قوپال، مۈرىسى ساغرىسىدىن چوڭ ھەم ئېگىز، قۇيرۇقى قىسقا، تۇمشۇقى تۇمشۇقى ئىگىز ھەم ئەگرى، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1.8 مېتىر، يېتىلگەن ئەركەك گنۇنىڭ ئىككى مېتىردىن يۇقىرى. سىرتقى كۆرۈنۈشى كالىغا ئوخشاپ كېتىدۇ، ئورگانىزمنىڭ تۈزۈلىشى ئۆچكە ۋە بۆكەننىڭ ئارىلىقىدا بولۇپ مۇستەھكەم، ئادەتتە كالا بۆكەن دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇنىڭ تۈكىنىڭ رەڭگى ياش پەرىقى بويىچە ئوخشاش بولمايدۇ، ياشانغانلىرىنىڭ يەككە ئالتۇن رەڭدە، كىچىكلىرىنىڭ كۈلرەڭ قوڭۇر. ئاقۇچراق ياكى سارغۇچ ئاق رەڭلىك، دۈمبىسىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئومۇرتقىسى بولمايدۇ. تۇمشۇق قىسمى ۋە پۇتلىرى قارا رەڭلىك.

گنۇگنۇنىڭ ساڭگىلاپ قالغان ياللىسى، ئۇزۇن ھەم غۇژمەك قۇيرۇقى بار، ئەركەك، چىشى ئىككىلىسىنىڭ ئەگرى مۈڭگۈزى بار، بېشىدىن ئالدى تەرەپكە قاراپ ئىككى يانغا ئېگىلىپ، ئاندىن ئارقىغا قاراپ تولغانغان، ئەركىكىنىڭ مۈڭگۈز ئۇچى ئېچىگە ھەم كەڭ ھەم قېلىن، ئىنتايىن سىلىق، ئېڭەك ئاستى ۋە بويىنىدا ئۇزۇن بۇرۇت شەكىللىك ئۇزۇن تىك تۈكچىلىرى بولىدۇ.

يېتىلگەن ئەركەك گنۇنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 200 ~ 300 كىلوگرام، ئېگىزلىكى 125 ~ 145 سانتىمېتىر. چىشى گنۇنىڭ ئېغىرلىقى 168 ~ 233 كىلوگرام، ئىگىلىكى 115 ~ 142 سانتىمېتىر. مۈڭگۈزى توم ھەم ئىككى تەرەپكە ئېگىلگەن، ئەركەك گنۇنىڭ مۈڭگۈزىنىڭ ئۇزۇنلىقى 55 ~ 80 سانتىمېتىر، چىشى گنۇنىڭ مۈڭگۈزىنىڭ ئۇزۇنلىقى 45 ~ 63 سانتىمېتىر.

گنۇگنۇ ئۇرۇقدىشى ئىككى خىل بولۇپ، ئاق قۇيرۇق گنۇ ۋە تاغىل گنۇ قاتارلىقلار.

گنۇنىڭ كەنجى تۈرلىرىدىن ئاق قۇيرۇق گنۇ، نامى ئاتالغان گنۇ، شەرق گنۇسى، غەرب گنۇسى، نىياسا كۆك رەڭلىك گنۇ، ئانگولا گنۇسى، غەرب ئاق قۇيرۇقلۇق گنۇ قاتارلىقلار بار.

يىمەكلىكى

گنۇگنۇ يېمەكلىكلەرنى بەك تاللايدۇ، ئاساسلىقى ئوت-چۆپ، دەرەخ يوپۇرماقلىرى ۋە غۇنچىلەرنى ئوزۇق قىلىدۇ، پەقەت يۇمران كۆك يەم-خەشەكلەرگە ئالاھىدە ئىشتىياقى بار، ئادەتتە كۈندۈزى ھەرىكەت قىلىدۇ. گنۇنىڭ يىيىش پائالىيىتى چۈشتىن بۇرۇن ۋە كەچتە كۆپ كۆرۈلىدۇ، گۇگۇم مەزگىلىدە بىر قەدەر جانلىق.

ئۇلار يەيدىغان ئۆسۈملۈك تۈرلىرى كۆپ بولۇپ نەچچە يۈز خىلغا يىتىدۇ، شۇڭا كۆپ خىل ئوزۇقلۇققا ئىگە، يېگەن بەزى تەبىئىي ئۆسۈملۈك دورىلىرىنىڭ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش، پارازىت قۇرۇتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارى بار، كېسەللىكلەرگە تاقابىل تۇرالايدۇ.

گنۇ تاش تۇز يالاشنى ياخشى كۆرىدۇ، شورتۇز ياكى تۇز سۈيى ئىچىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ، ئورمانلاردىكى تۇز تەركىبى بىرقەدەر كۆپ ساقلانغان جايلار دائىم گنۇلارنىڭ توپى توپلاشقان جاي بولىدۇ.

ياشاش ئۇسۇلى

گنۇگنۇ توپلىشىپ ياشاشنى ياخشى كۆرىدۇ، توپ ئۇلارنىڭ تەبىئەت دۇنياسىدىكى ياشاش قائىدىسى. سۇ ۋە ئوت مول بولغان يامغۇر پەسلىدە، ئادەتتە ئۇلار 10 ~ 20 دانە ئەتراپىدا بىر ئائىلە توپى بولىدۇ، ئەركىن ياشاپ پەرزەنتلىك بولىدۇ. تويغۇدەك تاماق يېيەلمەيدىغان قۇرغاقچىلىق پەسلىدە، گنۇلار توپى ئاڭلىق ھالدا بىرىكىدۇ، ھەتتا نەچچە مىليونلۇق چوڭ توپ شەكىللەندۈرىدۇ، ئىتتىپاقلىشىپ ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ يېڭى ئوتلاق ئىزدەيدۇ.

گنۇنىڭ بۇرنى ئالاھىدە سەزگۈر بولىدۇ، شىر، قاپلان قاتارلىق كۈشەندىلەرنىڭ كەلگەنلىكىنى پۇراپلا بىلەلەيدۇ، يەنە يىراقتىكى يامغۇر سۈيى پۇرىقىنى پۇرىيالايدۇ، شۇ پۇراق بىلەن ياخشى ئوتلاق تاپالايدۇ. گنۇ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىدە ئىنتايىن كۈچلۈك بەرداشلىق بېرىش كۈچىنى نامايان قىلغان.

ياز ئادەتتە گنۇنىڭ كۈيلەش مەزگىلى بولۇپ، جورا تالىشىش ئۈچۈن، گىنو توپى ئىچىدە ئەركەك گنۇ جان تىكىپ ئېلىشىدۇ، زورلۇق ۋاستىسى بىلەن دەرىجە تەرتىپىنى بېكىتىدۇ، مەغلۇب بولغۇچى غەزەپلىنىپ توپتىن ئايرىلىپ يالغۇز ياشايدۇ.

گنۇگنۇ كوللېكتىپ كۆچۈش يولىدا چېتىشىدۇ، ھەر قېتىم چوڭ مۈڭگۈزلۈك گنۇ توختاپ، ئەركەك گنۇ چىشى گنۇنى قوغلاپ بىر يەرگە توپلايدۇ باشلىرىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ، ئۇلارنى ئايلىنىپ يۈگۈرەيدۇ، ھەمدە باشقا رىقابەتچى بولغان ئەركەك گنۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ. بۇنداق توپ پەقەت بىر نەچچە كۈنلا داۋاملىشىدۇ. چوڭ توپ يەنە بىر قېتىم ئالغا ئىلگىرلىگەن چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى تارقىلىپ كېتىدۇ. بالىسى چوقۇم يېمەكلىك يېتەرلىك بولغان يامغۇر پەسلىدە تۇغۇلىدۇ.

گنۇنىڭ بېشى يوغان بولۇپ، ھەتتا بالىلىرى تۇغۇلغاندىمۇ باشقىلارغا ئوخشىمايدۇ ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدۇ، بىر كىچىك گنۇ تۇغۇلۇپ 10 مىنۇتتىن كېيىن ئۆرە تۇرۇپ ئاستا ماڭالايدۇ.

گنۇگنۇ ئاساسلىقى ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي قىسمىدا ئىنتايىن كۆپ ئۇچرايدۇ. كۆپىنچىسى ئىسسىق بەلباغ كىلىماتى خاراكتېرلىك يايلاقلارغا جايلاشقان، مەسىلەن ئافرىقا تۈزلەڭلىكى، ماسايمارا قاتارلىقلار.

گنۇ دۇنيا تەبىئەتنى قوغداش ئىتتىپاقى قىزىل تىزىملىك قاتارى: (LC) خەۋپ يوقلار قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#