- كىرپە (تىبابەتتىكى ئىشلىتىلىشى)
- كىرپە (سۈت ئەمگۈچى ھايۋان )
كىرپە
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئۈستۈنكى تېرە قەۋىتىدە ئاقسىل، ئاستىنقى تېرە قەۋىتىدە بولسا ماي، ئېلاستىكىلىق ئاقسىل قاتارلىقلار بار.
«تەبىئەت»نى، ھەزىم ئەزالىرىنى قۇۋۋەتلەش، قان كۆپەيتىش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش ۋە تارقىتىش، ئىششىق تارقىتىش، ئۈچەيگە يات ماددىلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى توسۇش.
باش ئاغرىقى، پالەچ، تەشەننەج، پىل پۇت كېسىلى، چاچ چۈشۈش، سىل، يېتىش، ھەر خىل ئىششىق، بويۇن بەز سىلى، يىرىڭلىق جاراھەت، ھەر خىل قان، ماخاۋ، داغ، سەپكۈن قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.
1.ئىچىپ بەرسە، چوڭ تەرەتتىن قان كېلىش ۋە بالىياتقۇ قاناشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. كىرپە تېرىسىنى سوقۇپ كۈنىگە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گرامدىن سۇ بىلەن ئىچىپ بەرسە، ئاشقازان ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
3. كىرپە تېرىسى بىلەن تۇخۇمەك غۇنچىسىنىڭ ھەر بىرىدىن 35 ەرامدىن ئېلىپ يۇمشاق سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن قايناق سۇ ئىچىپ بەرسە، بۇ بوۋاسىرغا شىپا بولىدۇ.
4. كىرپە تېرىسىنىئوتتا سارغىيىپ، 70 گرام ئېلىپ، سوقۇپ كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا سەككىز گرامدىن ئىچىپ بەرسە، كۆپ ئېھتىلام بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.