بوكس بىر تۈرلۈك قارشىلىشىشچانلىقى كۈچلۈك تەنتەربىيە تۈرى. تەنھەرىكەتچىلەر ئىككى قولىغا خۇرۇم قولقاپ كىيىپ، بىرگە بىر ھالەتتە بىر-بىرىنىڭ باش-كۆز، قۇلاقتىن تۆۋەنكى يۈز قىسمى ۋە بەدەننىڭ كىندىكىدىن يۇقىرى، كۆكرىكىدىن تۆۋەن قىسىملىرىغا ئۇرۇپ، قارشى تەرەپنى يىقىتىشنى نىشان قىلىدۇ.

ئۇيغۇرچە ئىسمى بوكس
باشقا نامى boxing;pugilism
خەنزۇچە ئىسمى 拳击

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بوكسبوكس بىر تۈرلۈك قارشىلىشىشچانلىقى كۈچلۈك تەنتەربىيە تۈرى. تەنھەرىكەتچىلەر ئىككى قولىغا خۇرۇم قولقاپ كىيىپ، بىرگە بىر ھالەتتە بىر-بىرىنىڭ باش-كۆز، قۇلاقتىن تۆۋەنكى يۈز قىسمى ۋە بەدەننىڭ كىندىكىدىن يۇقىرى، كۆكرىكىدىن تۆۋەن قىسىملىرىغا ئۇرۇپ، قارشى تەرەپنى يىقىتىشنى نىشان قىلىدۇ. ئەگەر ئۇرۇپ يىقىتقان تەرەپ رېپىر سانىغان 10 سېكۇنتتا ئورنىدىن تۇرالمىسا، يېڭىلدى دەپ ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئەگەر ئىككىلا تەرەپ يىقىلمىغان بولسا، ئۈنۈملۈك ئۇرۇپ تەگكۈزگەن قېتىم سانى ياكى مۇداپىئە تېخنىكىسى، ئاكتىپ ھەرىكەت ئىشلەش دەرىجىسىگە قاراپ نومۇر بېرىلىپ، يېڭىش-يېڭىلىشى بەلگىلىنىدۇ.

بوكس 5000 يىلدىن ئوشۇق تارىخقا ئىگە. مىسىرنىڭ مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 40-ئەسىردىكى تەسۋىرىي يېزىقلىرىدا مۇشتلىشىشتا ئىشلىتىلىدىغان قوغدانغۇچلارغا مۇناسىۋەتلىك «تېرە تاسما» خاتىرىلەنگەن. ئۇنىڭدىن باشقا، ئارخېئولوگلار يەنە باغدادقا يېقىن جايدىن نۇرغۇنلىغان مۇشتلىشىش كۆرۈنۈشى بار تام رەسىملىرى ۋە تاش ئويمىلارنى قېزىۋالغان.

بوكس 1904-يىلى 3-نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدا رەسمىي مۇسابىقە تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 1924-يىلى خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى بوكس بىرلەشمىسى قۇرۇلغان، ھازىر ئەزا دۆلەتلەردىن 130 ى بار، باش ئورگىنى ئامېرىكىدا. خەلقئارا بوكس بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسلىق مۇسابىقىلىرىدىن ئولىمپىك بوكس مۇسابىقىسى، چوڭلار ۋە ياشلار دۇنيا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ھەمدە دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسى قاتارلىقلار بار. ئولىمپىك بوكس مۇسابىقىسى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى دەرىجە ئايرىمىسى، يەنى 48، 51، 54، 57، 60، 5.63، 67، 71، 75، 81، 91 كىلوگراملىقلار ۋە 91 كىلوگراملىقلاردىن يۇقىرى دەرىجە بولۇپ، جەمئىي 12 دەرىجە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. 

بوكس مۇسابىقىسى ئىشتىن سىرتقى بوكس مۇسابىقىسى ۋە كەسپىي بوكس مۇسابىقىسىگە بۆلۈنىدۇ. ئىشتىن سىرتقى بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ يېشى چوقۇم 18 گە تولغان، ئائىلە باشلىقى قوشۇلغان بولۇشى ھەمدە قولىدا ياخشى مەشىقلەنگەنلىكىگە ئائىت ترېنېرنىڭ ئىسپاتى ۋە ساغلاملىقىغا بېرىلگەن دوختۇرنىڭ ئىسپاتى بولۇشى لازىم. كەسپىي بوكس تەنھەرىكەتچىلىرى 21 ياشقا تولغان بولۇشى لازىم (ھازىر بەزى دۆلەتلەردە 18 ياشقىچە كېڭەيتىلگەن) . خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى بوكس بىرلەشمىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، كەسپىي بوكس تەنھەرىكەتچىلىرى ئىشتىن سىرتقى بوكس مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇلمايدۇ. 

بوكسھازىر بوكس ھەرىكىتىدە، دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيىسىدە تۇرۇۋاتقانلاردىن ئامېرىكا، روسىيە، كۇبا، پولشا، كورېيىلەر بار. ئېلىمىزدە 1946-يىلى شاڭخەي خرىستىئان دىنى ياشلار ئۇيۇشمىسى ئۆتكۈزگەن خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى بوكس مۇسابىقىسىدە، جۇ شۇلىن، گو بەيلىنلار يېنىك ئوتتۇرا ئېغىرلىق دەرىجىسى ۋە ئوتتۇرا ئېغىرلىق دەرىجىسى بويىچە چېمپىيون بولغان. بۇ، جۇڭگو بوكسچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشىدۇر. 1987-يىلى ئېلىمىز خەلقئارا ئىشتىن سىرتقى بوكس بىرلەشمىسىگە ئەزا بولدى. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#