دۇنيادىكى تۇنجى قېتىملىق رادىيو ئاڭلىتىش

رادىيو

1906-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم سېمسىز رادىيو ئاڭلىتىلغان.

ئۇيغۇرچە نامى دۇنيادىكى تۇنجى قېتىملىق رادىيو ئاڭلىتىش
ئورنى ئامېرىكا ماسساچۇسېتس شتاتى بلۇنېت تېغى
ئېگىزلىكى 128 مېتىر
ئاڭلىتىلغان ۋاقتى 1906-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى
ئاڭلاتقۇچى رېگىناد فىسېندېن
ئىشلەپ چىقىرىلغان ئورۇن ئامىرېكا دۆلەتلىك ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

رادىيو1906-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم سېمسىز رادىيو ئاڭلىتىلغان. ئامېرىكا پېتىسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى رېگىناد فىسېندېن ماسساچۇسېتس شتاتى بلۇنېت تېغىدىكى ئامىرېكا دۆلەتلىك ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى شىركىتىنىڭ ئېگىزلىكى 128 مېتىر كېلىدىغان رادىئو مۇنارى ئارقىلىق تۇنجى قېتىم رادىئو پروگراممىلىرىنى تارقاتقان. رادىئو پروگراممىلىرى «ئىنجىل»دىكى «لۇكا سوسپېلى»دە سۆزلىنىدىغان روژدېستۋو قىسسىملىرى، ئىسكىرىپكا مۇزىكىسىقاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گېرمانىيە لىك مۇزىكانت خاندىر ئىشلىگەن مۇزىكا «مۇڭلۇق كۈي» ئاڭلىتىلغان.

كىشىلەر قىزىقارلىق رادىئو پروگراممىلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىتايىن ھەيرانلىق ھېس قىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى فىسېندېت 1900-يىلى بىر قېتىم رادىئو نۇتقى سۆزلىگەن بولسىمۇ، ئاۋازى ئېنىق بولمىغاچقا ھېچكىمنىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىمىغان.

1902-يىلى ئامېرىكىلىق نىسان سترېپوفىدمۇ كېنتۇككى شتاتنىڭ مۇرە شەھىرىدە سىناق تەرىقىسىدە رادىئو ئاڭلىتىشنى يولغا قويغان.

سترېپوفىد پەقەت باشلانغۇچ مەكتەپتىلا ئوقۇغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئېلىكتىر ئۈكۈنىلەرگە ئائىت بىلىملەرنى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولۇپ، كېيىچە كەشپىياتچىغا ئايلانغان.

1886-يىلى ئۇ ژورنالدىن گېرمانىيەلىك خېسنىڭ ئېلېكتر دولقۇنى ھەققىدىكى سۆھبىتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىلھاملىنىپ، ئېلېكتر دولقۇنىنى رادىئو ئاڭلىتىشىدا ئىشلىتىشىگە بەل باغلىغان. سىناق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇپ، باناد سترېپوفىد دۇنيا بويىچە تۇنجى رادىئو دېكتورى بولۇپ قالغان ھەمدە «رادىئو ئارتىسى» دەپ ئاتالغان. ھازىر كېنتۇككى شتاتىنىڭ مۇرە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇنىڭ خاتىرە مۇنارى بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#