گاۋس

گاۋس-چوڭ ماتېماتىك، فىزىك ۋە ئاسترونوم. ئۇ 1777-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيەنىڭ برۇينسۋىك شەھىرىدە تۇغۇلغان.

ئۇيغۇرچە ئىسمى گاۋس
باشقا نامى 卡尔·弗里德里希·高斯
مىللىتى يەھۇدى
تۇغۇلغان ۋاقتى 1777-يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنى
كەسپى ماتېماتىك، فىزىكا ۋە ئاسترونوم
خەنزۇچە ئاتىلىشى 高斯
دۆلەت تەۋەلىكى گېرمانىيە
يۇرتى برۇينسۋىك
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1855-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى
پۈتتۈرگەن مەكتىپى برۇنسۋىك سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتى، گوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

گاۋس-چوڭ ماتېماتىك، فىزىك ۋە ئاسترونوم. ئۇ 1777-يىل 4-ئاينىڭ 30-كۈنى گېرمانىيەنىڭ برۇينسۋىك شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى باغۋەن ئىدى. شۇنداقلا قارا ئىشچى بولغان. ئانىسى تاشچىنىڭ قىزى ئىدى. گاۋسنىڭ ئائىلە تۇرمۇشى نامراتچىلىقتا ئۆتكەن. بالىلىق دەۋىرىدە تاغىسىنىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىغان. ئۇنىڭ تاغىسى بىلىملىك ئادەم بولۇپ، ئۇ بۇ كىچىك جىيەنىنى ناھايىتى زور ئۈمىدتە سەۋىرچانلىق بىلەن تەربىيلىگەن.

تېخى 3 ياشقا تولمىغان گاۋس، بىر قېتىم دادىسىنىڭ قىلغان ھېساباتىدىن خاتالىق تاپقان. بۇ، تەبئىيكى، ئۇنىڭ ئىنتايىن زېرەك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. گاۋس باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن بىردىن-يۈزگىچە بولغان ساننى بىر-بىرىگە قوشقاندا يىغىندىسى قانچە بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، گاۋس ئوقۇتقۇچىنىڭ سۆزى تۈگەش بىلەنلا تاش دوسكىغا 5050 بولىدۇ دەپ يازغان. ئۇ نېمە ئۈچۈن موشۇنداق تېز ئىشلىيەلىگەن؟ چۈنكى ئۇ: باش ئەزاسى بىلەن ئاخىرقى ئەزاسىنى قوشۇپ ئەزالار سانىغا كۆپەيتىپ، ئۇنى 2 گە بۆلگەندىن كېيىنكى نەتىجە يىغىندا بولىدۇ، دېگەن قانۇنىيەتنى تېپىۋالغان. كېيىن، ئوقۇتقۇچى ئۆزىنىڭ گاۋسقا دەرس بېرەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر ماتېماتىكا كىتابىنى سېتىۋېلىپ تەقدىم قىلغان. گاۋس ئىنتايىن تىرىشچانلىق بىلەن ئۆگىنىپ، 11 ياش ۋاقتىدا ئىككى ئەزالىقلار تېئورمىسىنى تاپقان.

ئۇنىڭ ئائىلىسى نامرات بولۇپ، چىراق يورۇقىدا كىتاپ ئوقۇشقا چىراق يېغى ئالىدىغان پۇل بولمىغاچقا، قىش كۈنلىرى كەچلىك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىنلا دادىسى ئۇنى ئۇخلاشقا قىستىسا، گاۋس بۇنىڭغا مۇنداق بىر ئامال تاپقان: بىر تال قىچا غولىنىڭ ئىچىدىكى پاختىسىنى كولاپ چىقىرىۋېتىپ، پاختىدىن پىلىك ئېشىپ ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن مايغا چىلاپ چىراق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن چىراق مەسىلىسى ھەل بولغان. ئۇ ھەمىشە موشۇنداق غۇۋا چىراق يورۇقىدا يېرىم كېچىگىچە ئۆگىنىش قىلىپ ئاندىن ئۇخلايتتى. بىر قېتىم گاۋس مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتقاندا، يول بويى پۈتۈن دىققىتى بىلەن كىتاپ كۆرۈپ كېلىۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھالدا بىر كېنەزنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ قالىدۇ. كېنەزنىڭ رەپىقىسى بۇ بالىنىڭ كىتاپ ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىدۇ. پاراڭ ئىچىدە كېنەزنىڭ رەپىقىسى گاۋسنىڭ كىتاپتىكى سىرلىق مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي چۈشىنىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. گاۋس 15 ياشقا كىرگەندە، كېنەز فېردىنادنىڭ ياردىمى بىلەن بىر مەشھۇر ئىنىستىتۇتقا كىرىپ قەدىمكى زامان ۋە ھازىرقى زامان تىلىنى ئۆگىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئالىي ماتېماتىكا بويىچە بىلىم ئاشۇرىدۇ. بۇ چاغدا ئۇ ماتېماتىك نيۇتون، لاگرانژېلارنىڭ داڭلىق ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ. ئۇ نيۇتوننىڭ دېفرىنىسىيال-ئىنتېگرال نەزىرىيىسىنى تېزلا ئىگەللىۋالىدۇ.

1795-يىل 10-ئايدا، گاۋس يۇرتىدىن ئايرىلىپ گوتتىنگېن ئۇنىۋېرسىتېتىغا كىرىپ ئوقۇيدۇ، بۇ گېرمانىيە بويىچە مەشھۇر ئۇنىۋېرسىتېت ئىدى. گاۋس بۇ يەردە تەشنالىق بىلەن نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇيدۇ. 1796-يىل 3-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئۇ سىركول ۋە سىزغۇچ بىلەن مۇنتىزىم 17 تەرەپلىكنى ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلىپ، 2 مىڭ يىلدىن بېرى ھەل قىلىنماي كەلگەن گېئومېتىرىيىلىك قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. بۇ چاغدا گاۋس تېخى 18 ياشقا تولمىغان ئىدى.1799-يىلى ئۇ دوكتۇرلۇق ئىلمىي ئۇنۋانىغا ئىگە بولىدۇ. گاۋس 24 يېشىدا يەنە پۈتۈن زېھىنى قويۇپ ئاسترونومىيىنى تەتقىق قىلىشقا باشلايدۇ. دەسلەپتە ئۇ ئاينىڭ ئايلىنىش قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدۇ، كېيىن پىلانىتلارنىڭ ئوربىتىسى مەسىلىسىگە قىزىقىپ قالىدۇ. گاۋس پىلانىتلارنىڭ ئېللىپىس ئوربىتىسىنى ھېساپلاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئالدىغا ئىجاد قىلىپ، سەييارىلەرنىڭ ئورنىنى ئىنتايىن توغرا مۆلچەرلەيدۇ. كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ، گۇشىن يۇلتۇزىنىڭ ئورنىنى تاپقان. 1802-يىلى يەنە تاپقۇر يۇلتۇزىنىڭ ئورنىنى تاپقان. كىشىلەر يەنە ئۇنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق بىر-ئىككى سائەت ئىچىدىلا قۇيرۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ ئوربىتىسىنى ھېساپلاپ چىقالىغان. ئەگەر كونا ئۇسۇل بويىچە ھېساپلىغاندا، 3-4 كۈن ئىچىدە ئاران ھېساپلاپ چىققىلى بولاتتى. شۇنىڭ بىلەن گاۋسنىڭ داڭقى چىقىپ كېتىدۇ. ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە جەھەتتىكى تالانتتا، شۇ چاغدا ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتىدىغان ئادەم بولمىغان. 1807-يىلى گاۋس گوتىڭئېن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولىدۇ. مەكتەپ ئۇنىڭ تەتقىق خىزمىتىگە قولايلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا بىر رەسەتخانا قۇرۇپ بېرىدۇ، كېيىن ئۇ «ئاسمان جىسىملىرى ھەرىكىتى نەزىرىيىسى» دېگەن كىتاپنى ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭدا پىلانىتلارنىڭ تارتىشىش ھەرىكىتى نەزىرىيىسىنى شەرھلەپ بېرىدۇ.

1820-يىلدىن 1830-يىلغىچە، گاۋس ھافنوخ باغچىسىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن، ئۆلچەش خىزمىتىنى تەتقىق قىلىدۇ. يەر ئۆلچەش ئىلمى ھەققىدە كىتاپ يازىدۇ. «كۈنگە قاراپ ئۆلچەش ئەسۋابى» نى كەشىپ قىلىدۇ. يەر شارىنىڭ يۈزىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن، 1827-يىلى «ئەگرە يۈز ھەققىدە ئومۇمى مۇھاكىمە» دېگەن كىتاپنى يېزىپ چىقىدۇ. يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ كۈچىنىشىنى ئۆلچەش ئۈچۈن، ماگنىت كۈچىنىشىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى كەشىپ قىلىدۇ. 1826-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، ئەڭ كىچىك كۋادراتلار كۆپەيتمىسى توغرىسىدا ئارقىمۇ-ئارقا ئۈچ ئەسەر ئېلان قىلىدۇ. 1830-يىلغىچە، ئۇ فىزىكا ئالىمى ۋېب بىلەن بىرلىشىپ، ئېلېكتىر ماگنىتلىق تېلېگرامما ئاپپاراتىنى تۇنجى قېتىم كەشىپ قىلىدۇ. ئۇ يەنە يەر ماگنىتى ھەققىدىكى ئومۇمىي نەزىرىيىسىنى ئېلان قىلىپ، يەر شارى ماگنىت مەيدانىنىڭ دۇنيا بويىچە تۇنجى خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىدۇ. ماگنىتنىڭ جەنۇبى قۇتۇبى بىلەن شىمالىي قۇتۇبىنىڭ ئورنىنى بەلگىلەپ چىقىدۇ. گاۋسنىڭ پۈتۈن ھاياتىدا يازغان ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، 12 تومغا يېتىدۇ. ئۇ شۇنچە نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، قىلچە مەغرۇرلانمىغان. ئۇ: « ئاز ئېلان قىلىشقا رازىمەنكى، پىشمىغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارمايمەن» دېگەن.

گاۋسئۇ 1855-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن. گوتىڭئېن ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇنىڭ ماتېماتىكا جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى خاتىرلەش ئۈچۈن، مەكتەپ قوراسىغا مۇنتىزىم 17 تەرەپلىك سۇپا ياسىتىپ ئۇنىڭ خاتىرە سۈرىتىنى ئورناتقان.

گاۋسنىڭ ئىلمى تەتقىقات روھى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان. بىر قېتىم ئۇنىڭ ئايالى قاتتىق كېسەل بولۇپ قالىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ چوڭقۇر بىر مەسىلىنى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆيىدىن ئادەم كېلىپ ئايالىنىڭ كېسىلىنىڭ ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا، گاۋس ئاڭلاپ قويۇپلا ئىشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۆيىدىن يەنە ئادەم كېلىپ: «ئايالىڭىزنىڭ كېسىلى بەك ئېغىر، سىزنى دەرھال قايتىپ كەلسۇن!» دەپ خەۋەر قىلغاندا، گاۋس: «ھازىر بارىمەن!» دەپ جاۋاب بېرىدۇ، ئەمما ئىشىنى داۋاملاشتۇرىۋېرىدۇ. ئۆيىدىن ئۈچىنچى قېتىم ئادەم كېلىپ: «ئايالىڭىز جان ئۈزەي دەپ قالدى!» دېگەندە، گاۋس بېشىنى كۆتۈرۈپ: «ئۇ بىر ئاز كۈتۈپ تۇرسۇن، مەن جەزمەن بارىمەن!» دەيدۇ. گاۋس ئۆمۈر بويى جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلغان. [1][0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#