توققۇز تارا بازىرى

توققۇز تارا بازىرى

توققۇز تارا بازىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى توققۇز تارا ناھىيەسىنىڭ مەركىزىگە، توققۇز تارا ناھىيەسىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان.

ئۇيغۇرچە نامى توققۇز تارا بازىرى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى بازار
يەر مەيدانى 29 كۋادرات كىلومېتىر
كىلىماتى مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
خەنزۇچە ئاتىلىشى 巩留镇
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى توققۇز تارا ناھىيەسى
نوپۇسى 27 مىڭ ئادەم
ماشىنا كودى يېڭى F

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

توققۇز تارا بازىرىتوققۇز تارا بازىرى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى توققۇز تارا ناھىيەسىنىڭ مەركىزىگە، توققۇز تارا ناھىيەسىنىڭ غەربىي قىسىمىدىكى تۈزلەڭلىككە جايلاشقان.

توققۇز تارا بازىرى ناھىيە بويىچە قاتناش مەركىزى، ئىلى يولۇچى توشۇش شىركەتنىڭ نۆۋەتچى ئاپتوبۇسىدىن باشقا، ناھىيەلىك تىرانسىپورت شىركىتىنىڭ ھەر كۈنىدىكى نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى غۇلجا شەھىرى، تېكەس ناھىيەسى ۋە ھەرقايسى يېزا، مەيدان ۋە ئاساسلىق ئاھالە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلار، توققۇز تارا ناھىيەسىگە بارىدۇ.

قەدىمدە ساكلار، ئۇيسۇن، دۈۋەنجۆ، ئۇيغۇر، موڭغۇل قاتارلىق چارۋىچى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ياشايدىغان جايى. خەن سۇلالىسىدا، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى باشقۇرۇشىدا بولغان. چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدە، موڭغۇللارنىڭ ئويرات يىڭىدىكى بەش بايراق كۆچمەن چارۋىچىلىق جايى بولغان، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسىگە بىۋاستە قارىغان. مىنگونىڭ 19-يىلى (1930-يىلى) توققۇز تارا ناھىيەسى تەسىس قىلىنغان، يەنىلا ئىلى ۋىلايىتى قاراشلىقىدا بولغان.

توققۇز تارا بازىرىتوققۇز تارا بازىرى شەرقتە كۈنەس بىلەن قوشنا، غەربىتە تېكەس، چاپچال بىلەن يانداش، شىمالدا نىلقا بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، جەنۇبى بالبۇك ئوتلىقى بىلەن تۇتاشقان.

 شەرقىي ئۇزۇنلۇق ′13°82، شىمالىي پاراللېل ′43°29، غەربتىن شەرىققە تەخمىنەن 3 كىلومېتىر، جەنۇبىتىن شىمالىغا تەخمىنەن 1.5 كىلومېتىر، بازارغا قاراشلىق رايونلارنىڭ كۆلىمى 29 كۋادرات كىلومېتىر، تېرىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى 3000 مو، تېرىلغان يەر كۆلىمى 2920 مو، ئېچىشقا بولىدىغان يەر كۆلىمى 80 مو.

توققۇز تارا بازىرىدا 5500 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 27 مىڭ ئادەم، ئاساسلىقى خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، شىبە، دەيزۇ، موڭغۇل، تاتار، ئۆزبېك، قىرغىز، تاجىك، روس، دۇڭشىياڭ، داغۇر، سالا، مەنزۇ قاتارلىق 17 مىللەت ئولتۇراقلاشقان.

توققۇز تارا بازىرى تەۋەلىكىدە قۇياش نۇرى ئىسسىقلىق مەنبەسى، سۇ مەنبەسى، مىنېرال بايلىقى، كىلىمات ئەھۋالى : يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى مول، سۇ مەنبەسىدىن: زەيكەش ئۆستىڭى، قارا سۇ يولى ئىككى تەبىئىي ئۆستىڭى قاتارلىقلار، قېزىلما بايلىق يوق، كىلىماتى شىمالىي مۆتىدىل بەلباغنىڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى يېرىم قۇرغاق كىلىماتىغا تەۋە، ئوتتۇرىچە كىلىماتى ℃7.4، ئەڭ يۇقىرى ھاۋا كىلىماتى ℃37، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃37-، قىروسىز مەزگىلى 142 كۈندىن 150 كۈنگىچە، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ، يىللىق ھۆل-يېغىن مىقدارى 250 مىللىمېتىردىن 300 مىللىمېتىرغىچە.

توققۇز تارا بازىرىتوققۇز تارا بىر گۈزەل جاي. ئاساسلىقى چېگرا بوستانلىقى، ھەيۋەتلىك كۆلدېنىڭ تەڭرىتاغ شەمشادى ئورمىنى، ئېگىز گوبەنباي چوققىسى، ياۋايى ھايۋانلار باغچىسى-سەرئاردا دەرياسى ئىچىدىكى ئارال، نېيترال ئۆسۈملۈك تەبىئەت باغچىسى-توققۇز تارا ياۋا ياڭاق تەبىئىي مۇھاپىزەت رايۇنى، توققۇز تارا قەدىمىي قەبرىستانلىقى، ساربۇچۇن قەدىمىي قەبرىستانلىقى، تېرىم تاش رەسىمى، سىمتاش قەدىمكى تېشى قاتارلىق مەشھۇر يادىكارلىقلار بار.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#