تۈتۈ مەددە كېسەللىكى

تۈتۈ مەددە كېسەللىكى

بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق ۋە باشقا ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ يۇقۇملانغۇچىنىڭ مەقئەت ئەتراپىنى قىچىشتۇرۇپ، بىئارام قىلىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، بالىلار كېچىسى كۆپ يىغلاش، مەقئەت ئەتراپىنى كۆپ قاشلاش، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدىغان كېسەللىكتۇر. 

غەرب تېبابىتى نامى تۈتۈ مەددە كېسەللىكى
كېسەللىك سەۋەبى تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق
كۆپ كۆرۈلىدىغانلار بالىلار
كېسەللىك ئورنى مەقئەت ئەتراپى
ئاساسلىق ئالامىتى ئىشتىھا تۇتۇلۇش،ئىچى سۈرۈش
خەنزۇچە نامى 蛲虫病
تەۋە بۆلۈم يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلۈمى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

تۈتۈ مەددە كېسەللىكىسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، تازىلىققا رىئايە قىلماسلىق ۋە باشقا ھەرخىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئالامىتى: يۇقۇملانغۇچىنىڭ مەقئەت ئەتراپىنى قىچىشتۇرۇپ، بىئارام قىلىش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش، بالىلار كېچىسى كۆپ يىغلاش، مەقئەت ئەتراپىنى كۆپ قاشلاش، ئىچى سۈرۈش، تەرىتىدە مەددە بولۇش، بەزىدە تەرەت قىلمىغاندىمۇ مەددە سىرتقا چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

1-رېتسېپ

تەركىبى: خام كاۋا ئۇرۇقى 500 گىرام، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: خام كاۋا ئۇرۇقىنى سوقۇپ، تالقان قىلىپ، قاينىتىلغان سۇ بىلەن تەڭشەپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بەش گىرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

2-رېتسېپ

تۈتۈ مەددە كېسەللىكىتەركىبى: قۇرۇق تاماكا يوپۇرمىقى 10 گىرام، ئاچچىقسۇ 200 مىللىلىتىر.

تەييارلاش ئۇسۇلى: تاماكا يوپۇرمىقىنى داسقا سېلىپ، ئۈستىگە ئاچچىقسۇنى قۇيۇپ، قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، مەقئەت سىرتتىن يۇيۇلىدۇ.

3-رېتسېپ

تەركىبى: سۆگەت يىلتىزى 30 گىرام، سۇ بىر لىتىر، شېكەر مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: سۆگەت يىلتىزىنى سۇغا سېلىپ، سۈيىنىڭ يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، ئۈستىگە شېكەرنى سېلىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، تەييارلانغان دورا ئاچ قورساققا بىراقلا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#