تېجىق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى
تېجىق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى چوڭ يۇلتۇزگۈلباغ يېزىسىنىڭ توشقانبۇلاق دىگەن جايىغا جايلاشقان. ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
تېجىق بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيەسى چوڭ يۇلتۇزگۈلباغ يېزىسىنىڭ توشقانبۇلاق دىگەن جايىغا جايلاشقان. ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىق ئورنى.
ئىبادەتخانا خارابىسىنىڭ تەكشى يۈزى چاسا شەكىلدە بولۇپ، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 45 مېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن 40 مېتىر. ھازىر قالدۇق ئىبادەتخانىسى بـار بۇلۇپ، قالدۇق ئېگىزلىكى 3.5 مېتىر ، ئۇلىنىڭ كەڭلىكى ئىككى مېتىر كېلىدۇ. ئىبادەتخانا ئىچىدە ئىككى ئورۇندا ساقلىنىپ قالغان ئۆي خارابىلىرى بولۇپ، كېسەك بىلەن قوپۇرۇلغان. ئۇنىڭ بىرى 10.2x5 مېتىر، قالدۇق ئېگىزلىكى 3 مېتىر. يەنە بىرى 12x4.6 مېتىر, قالدۇق ئېگىزلىكى 3 مېتىر كېاىدۇ. ئىشىكىنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر، كەڭلىكى 0.8 مېتىر. خارابىلىقتا شىمالىي قىسمىدىكى تاغ باغرىغا قېزىلغان بىر قانچە تاش غار بار، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ساقلىنىپ قالغان تام رەسىملىرى بار.
1928-يىلى خۇاڭ ۋېنبى خاربىلىكنى قېزىش ئېلىپ بارغاندا گۈللۈك چاقچۇق، ساپال قېلىپلار قاتارلىقلار تېپىلغان بۇلۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زور مىقداردا ساپال پارچىلىرى تېپىلغان.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.