كافۇر
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ياللۇغ قايتۇرۇش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، يۈرەك، مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشۇتۇش، ئارام بېرىش، تارتىشىشنى بوشۇتۇش، قوزغۇتۇش، تەرلىتىش، يەرلىك ئورننى مەس قىلىش، يەڭگىل دەرىجىدە چىرىشقا قارشى تۇرۇش، ئىچنى توختىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، زەھەر قايتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.
1. يەرلىك ئورۇنغا بولغان تەسىرى: كافۇرنى تىرىگە سۈرسە غىدىقلايدۇ ھەم چىرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. يەڭگىل سۈرسە مىتالغا ئوخشاش سالقىن سېزىم بېرىدۇ. يەرلىك ئورۇننى سەزمەس قىلىش تەسىرىگە ئىگە.
2. مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كافۇرنىڭ پۈتۈن بەدەنگە بولغان تەسىرى ئاساسلىقى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنى قوزغىتىدۇ. بولۇپمۇ ئالىي نېرۋا مەركىزىنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە قوزغىتىدۇ.
3. قان ئايلىنىش سىستېمىسىغا بولغان تەسىرى: كافۇر ياسالمىسى يۈرەكنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورا قىلىپ كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدۇ.
4. بەدەن ئىچىدىكى جەريانى، كافۇر شىللىق پەردىلەر، تېرە ئاستى مۇسكۇلىدىن ئۆتۈپ ئاسان شۈمۈرۈلىدۇ.
1. 125-500 مىللىگرام كافۇرنى سۈتتە ئېزىپ ئېرىتىپ ئىستېمال قىلسا سىل، كۆكرەك پەردە ياللۇغى، بۇرۇن قاناش قاتارلىقلارغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
2. 120 مىللىگرام كافۇرنى 30 مىللىگرام ئەپيۇن بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ كۇمۇلاچ قىلىپ ئۇخلاشتىن بۇرۇن يەپ ياتسا ئېھتىلام بولمايدۇ.
3. كافۇرنـى گـۇلاپ، ئاق سەنـدەل قاتارلىقـلار بىلـەن ئارىلاشتـۇرۇپ باشقا چاپسا ئىسستىقتىن بولغان باش ئاغرىقىنى ساقايتىدۇ. سەزگۈر نېرىپلارنى قۇۋۋەتلەيدۇ.
4. كافۇرنى قائىدە بويىچە گۈل يېغى ۋە سىركە بىلەن قوشۇپ پېشانىگە چاپسا سەپرا خاراكتېرلىك باشئاغرىقى، قىززىق تەپلەرگە ئوبدان تەسىر قىلىدۇ.
5. كافۇرنى يۇمغاقسۈن سۈيى، پاقا يوپۇرمىقى سۈيى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ باشقا چاپسا (باشنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چوڭقۇر جايىغا قويسا) بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ.
6. كافۇردىن ئارپا مىقداردا ئېلىپ بادۇرۇچ، سىركە، غورا سۈيى قاتارلىقلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ بۇرنىغا تىمىتسا ئىسسىق مىجەزلىكلەرنىڭ ئۇيقۇسىزلىقى ۋە مېڭە ئاجىزلىقىغا پايدا قىلىدۇ.
7. كافۇرنى يۇمغاقسۈت سۈيى بىلەن قۇلاققا تىمىتسا قۇلاق ئاغرىقى ۋە مېڭە مەنبەلىك بۇرۇن قاناشنى توختىتىدۇ.
8. كافۇرنى يۇمغاقسۈت ئۇرۇقى بىلەن سىپوپ قىلىپ چىشىغا باسسا قۇرت يېگەن چىشنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.
9. كافۇرنى ئىپار، ئەنبەر بىلەن قوشۇپ يېسە مېڭىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ھەر خىل زەھەرلىك ھايۋانلارنىڭ زەھىرىنى قايتۇرىدۇ.
10. كافۇرنى ئېزىپ يەرلىك ئۇرۇنغا سەپسە يىرىڭلىق جاراھەتلەرنىڭ قېنىنى توختىتىدۇ. ئاغرىقنى پەسەيتىدۇ.
يىغىش
9-، 12– ئايلارغىچە كونا دەرەخنىڭ يىلتىزى، غولى، شاخلىرىنى پارچىلاپ پار قازانغا سېلىپ پارلاندۇرسا كافۇر دەرىخىنىڭ تەركىبىدە تۇتقان كافۇر ۋە ئۇچۇچان ماددا سۇغا ئەگىشىپ تامچىلاپ چىقىدۇ. بۇ دەسلەپكى كافۇر بولىدۇ. دەسلەپكى كافۇرنى يەنە چەكللىسە ساپ كافۇر نوكچىسى شەكىللىنىدۇ.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.