قارا سۆڭەكلىك توخۇ

قارا سۆڭەكلىك توخۇ

قارا سۆڭەكلىك توخۇ يەنە قارا ئەتلىك توخۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوزۇقلۇق قىممىتى جەھەتتەن قارىغاندا، قارا ئەتلىك توخۇ گۆشىنىڭ ئوزۇقلۇق قىممىتى ئادەتتىكى توخۇنىڭكىدىن كۆپ يۇقىرى، ئۇنىڭ دورىلىق ۋە يېمەكلىك ئارقىلىق داۋالاش رولىغا ئادەتتىكى توخۇنىڭكىگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ.

ئۇيغۇرچە نامى قارا سۆڭەكلىك توخۇ
سىنىپى قۇش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 黑骨鸡
باشقا نامى قارا ئەتلىك توخۇ

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قارا سۆڭەكلىك توخۇقارا سۆڭەكلىك توخۇ گۆشى تەركىبىدە ۋىتامىن B2، ۋىتامىن E، نىكوتىن كىسلاتاسى، شۇنىڭدەك تۆمۈر، فوسفور، كالتىسىي، ماگنىي، سىنىك، قاتارلىق مىنېرال ماددىلار بار.

قارا سۆڭەكلىك توخۇ تەركىبىدىكى تۆمۈرنىڭ مىقدارى پالەك تەركىبىدىكى تۆمۈر مىقدارىدىن تەخمىنەن 10ھەسسە يۇقىرى، سىنىك تەخمىنەن دادۇرنىڭكىدىن 3.3 ھەسسە يۇقىرى، ھەتتا تەركىبىدە سىنىك مىقدارى بىر قەدەر يۇقىرى دەپ قارىلىدىغان كالا جىگىرىنىڭكىدىن 1.2 ھەسسە يۇقىرى. 

قارا سۆڭەكلىك توخۇ گۆشى ئورگانىزىمنىڭ فىزئولوگىيىلىك ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قېرىشنى كېچىكتۈرىدۇ، مۇسكۇلى كۈچەيتىپ، سۆڭەكنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، سۆڭەك شالاڭلىشىش، راخىت كېسىلى، ئاياللاردىكى تۆمۈر يېتىشمەسلىك خاراكتېرلىك قان ئازلىق قاتارلىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-داۋالاشتا كۆرۈنەرلىك رولى بار.

قارا سۆڭەكلىك توخۇ گۆشى كېسەلدىن كېيىن، تۇغۇتتىن كېيىن قان ئازلىققا گىرىپتار بولغانلارغا قارىتا قاننى تولۇقلاش، ساقىيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە.

قارا ئەتلىك توخۇ گۆشىنىڭ مەنپىلىكنى كۈچەيتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش، ئۇرۇقنى تولۇقلاش، جىگەرگە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، قىززتىمىنى ياندۇرۇش، زەئىپلىكنى قۇۋۋەتلەندۈرۈش رولى بار بولۇپ، ئادەم بەدىنىنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ ۋە قېرىشقا قارشى تۇرىدۇ. 

قارا سۆڭەكلىك توخۇ گۆشىقارا سۆڭەكلىك توخۇ گۆشىنى سۆڭىكى بىلەن بىللە شورپا قايناتسا، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈش ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولىدۇ، ئۇنى دۈملەپ پىشۇرۇشتا ئەڭ ياخشىسى يۇقىرى بېسىملىق قازان ئىشلەتمەسلىك لازىم، قۇم پەس ئوتتا ئالدىرىماي قاينىتىپ دۈملىسە ئەڭ ياخشى بۇلىدۇ.

قارا ئەتلىك توخۇ گۆشى بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرىدىغان ئېسىل بۇيۇم بولسىمۇ، ئەمما كۆپ ئىستېمال قىلىنسا بەلغەم پەيدا قىلىپ، ئادەمنىڭ ئىسسىقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، ئىسسىق ھاسىل قىلىپ، يەلنى قوزغايدۇ، شۇڭا زۇكامداپ قىزىپ قالغانلار ياكى نەم ئىسسىقتىن بولغان ئىچكى دەرد تۈپەيلى تامىقى ئازىيىپ كەتكەنلەر، قورسىقى ئېسىلىدىغانلار قارا ئەتلىك توخۇ گۆشى ئىستېمال قىلماسلىقى لازىم.[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (2 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#