دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى

قانۇن

بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئەسىنىقۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان.1997 – يىل 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان.

ئۇيغۇرچە نامى دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى
تۈرى قانۇن-تۈزۈم
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国国防法
يولغا قويۇلغان ۋاقتى 1997-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە قانۇنى-بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئەسىنىقۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان.1997–يىل 3 – ئاينىڭ 14 – كۈنى 8 – نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 5 – يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، شۇ كۈنى ئېلان قىلىنغان.

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ 

1 - ماددا بۇ قانۇن دۆلەت مۇداپىئەسىنىقۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلدى.

2 – ماددا بۇ قانۇن دۆلەتنىڭ تاجاۋۇزچىلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، قوراللىق ئاغدۇرمىچىلىقنى توسۇش، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش يولىدىكى ھەربىي پائالىيەتلىرىگە شۇنىڭدەك ھەربىي ئىشلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان سىياسىي، ئىقتىساد، دىپلوماتىيە، پەن – تېخنىكا ۋە مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى پائالىيەتلەرگە تەتبىقلىنىدۇ.

3 – ماددا دۆلەت مۇداپىئەسى – دۆلەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتى.

دۆلەت قوراللىق كۈچلەر قۇرۇلۇشىنى، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتىنى ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرىدۇ. ئومۇم خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرىدۇ، سەپەرۋەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، دۆلەت مۇداپىئەسىنى زامانىۋىلاشتۇرىدۇ.

4 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئاساسىدا قۇرىدۇ ۋە مۇستەھكەملەيدۇ، ئاكتىپ مۇداپىئە كۆرۈش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويىدۇ، ئومۇم خەلق قوغدىنىش پرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ.

دۆلەت كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىللە دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى تەكشى راۋاجلاندۇرىدۇ.

5 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.

6 – ماددا ۋەتەننى قوغداش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش – جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىر پۇقراسىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

7 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت ھەربىيلەرگە ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە ئېتىبار بېرىدۇ، ھەربىيلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ، تۈرلۈك شەكىلدىكى ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرىدۇ.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە جۇڭگو خەلق قورالىق ساقچى قىسىملىرى ھۆكۈمەتنى ھىمايە قىلىش، خەلقنى سۆيۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيە بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ، ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىدۇ.

8 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ھەربىي مۇناسىۋەتتە دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ، تاجاۋۇزچىلىق ۋە كېڭەيمىچىلىككە قارشى تۇرىدۇ.

9 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت دۆلەت مۇداپىئە پائالىيىتىدە تۆھپە قوشقان تەشكىلات ۋە شەخسلەرنى تۈرلۈك يوللار بىلەن تەقدىرلەيدۇ ۋە مۇكاپاتلايدۇ.

بۇ قانۇن ۋە ئالاقىدار قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتقانلار ياكى دۆلەت مۇداپىئە مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزگەنلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتۈرۈلىدۇ.

2 – باب دۆلەت ئاپپاراتلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھوقۇقى

10 – ماددا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۇرۇش ۋە تىنچلىق مەسىلىسىنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى باشقا ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ئۇرۇش ھالىتى ئېلان قىلىشنى، مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر ياكى قىسمەن سەپەرۋەر قىلىشنى بېكىتىدۇ ھەمدە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر باشقا ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ.

11 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ بېكىتمىسى ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بېكىتمىسىگە ئاساسەن، ئۇرۇش ھاىلتى ئېلان قىلىپ، سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىدۇ ھەمدە ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئەسىگە دائىر باشقا ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ.

12 – ماددا گوۋۇيۈەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشتا تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ:

1. دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلانىنى ۋە پىلانىنى تۈزۈش؛

2. دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى فاڭجېن – سىياسەت ۋە مەمۇرىي نىزاملارنى تۈزۈپ چىقىش؛

3. دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛

4. دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ۋە مۈلكىنى باشقۇرۇش؛

5. خەلق ئىگىلىكى سەپەرۋەرلىك خىزمىتىگە ۋە خەلق قوراللىق كۈچلىرى سەپەرۋەرلىكى، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئالاقىدار خىزمەتلەرگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛

6. ئارمىيىى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىگە ۋە رەسمىي قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش؛

7. دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش؛

8. جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىنىڭ، خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ۋە ئەسكەر ئېلىش، زاپاس ھەربىيلەر خىزمىتىگە شۇنىڭدەك چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىلەن بىرلكتە رەھبەرلىك قىلىش؛

9. قانۇندا بەلگىلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ئىشلىرىغا ئالاقىدار باشقا ھوقۇقلار.

13 – ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ، تۆۋەندىكى ھوقۇقلارنى يۈرگۈزىدۇ:

1. پۈتۈن مەملىكەتتىكى قوراللىق كۈچلەرگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىش؛

2. ھەربىي ئىستراتېگىيىنى ۋە قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئۇرۇش قىلىش فاڭجېنىنى بېكىتىش؛

3. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش، يىرىك پىلان ۋە پىلان تۈزۈمى ھەمدە ئۇنى يولغا قويۇش؛

4. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ياكى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا تەكلىپنامە قويۇش؛

5. ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا ئاساسەن ھەربىي نىزاملارنى تۈزۈش، بېكىتمە ۋە بۇيرۇق چىقىرىش؛

6. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ تۈزۈلمىسى ۋە شىتاتىنى بېكىتىش، باش شىتاب، ھەربىي رايونلار، ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەربىي رايون دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ۋە مەسئۇلىيىتىنى بەلگىلەش؛

7. قانۇن ۋە ھەربىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئەزالىرىنى تەيىنلەش – قالدۇرۇش، يېتىشتۈرۈش، تەكشۈرۈش، مۇكاپالەتلاش ۋە جازالاش؛

8. قوراللىق كۈچلەرنىڭ قورا – جابدۇق تۈزۈلمىسىنى ۋە قورا – ياراغ تەرەققىياتىنىڭ يىرىك پىلانىنى ۋە پىلانىنى تەستىقلاش، گوۋۇيۈەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەتقىقاتى ۋە ئىشلەپچىقىرىشىغا رەھبەرلىك قىلىشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشىغا ھەمكارلىشىش؛

9. گوۋۇيۈەن بىلەن بىرلىكتە دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ۋە مۈلكىنى باشقۇرۇش؛

10. قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا ھوقۇقلار.

14 – ماددا گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئەھۋالغا قاراپ ماسلاشتۇرۇش يىغىنى چاقىرسا بولىدۇ. يىغىندا كېلىشكەن ئىشلارنى گوۋويۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئۆز ھوقۇقى دائىرىسىدە يولغا قويىدۇ.

15 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى ئۆز مەمۇرىي رايونىدا دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئالاقىدار قانۇن، نىزاملارغا رىئايە قىلىش ۋە ئىجرا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى ئەسكەر ئېلىش، خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس ھەربىيلەر، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى، خەلق ئىگىلىكى سەپەرۋەرلىكى، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قوغداش، رەسمىي قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئارمىيىنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى باشقۇرىدۇ.

16 – ماددا يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئورگانلار ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە يىغىنىنى ئېھتىياجغا قاراپ ئېچىپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىدۇ.

ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە يىغىنىنى يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلى بىلەن شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئورگاننىڭ مەسئۇلى بىرلىكتە چاقىرىدۇ. ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلارنى يىغىن چاقىرغۇچى بەلگىلەيدۇ.

ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلەشمە يىغىنىدا كېلىشكەن ئىشلارنى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن شۇ جايدا تۇرۇشلۇق ھەربىي ئورگان ھوقۇق دائىرىسى بويىچە بېجىرىدۇ، مۇھىم ئىشلارنى ئايرىم – ئايرىم ھالدا يۇقىرىغا دوكلات قىلىدۇ.

3 – باب قوراللىق كۈچلەر

17 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى خەلققە مەنسۇپ. ئۇنىڭ ۋەزىپىسى – دۆلەت مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش، ۋەتەننى قوغداش، خەلقنىڭ تىنچ ئەمگەك قىلىشىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرىغا قاتنىشىش، خەلق ئۈچۈن جان – دىل بىلەن خىزمەت قىلىش.

18 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا رىئايە قىلىشى، ئارمىيىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشى شەرت.

19 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىك كۈچلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ. قوراللىق كۈچلەردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ تەشكىلاتلىرى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ نىزامنامىسى بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

20 – ماددا دۆلەت قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش ۋە مۇنتىزىملىشىش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، دۆلەت مۇداپىئە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.

21 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قورالىق كۈچلىرى ھازىرقى زامان ئۇرۇشىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىپ، ھەربىي تەلىمنى كۈچەيتىپ، سىياسىي خىزمەتنى قانات يايدۇرۇپ، كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، جەڭگىۋارلىقنى ئەتراپلىق ئاشۇرۇشى كېرەك.

22 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ رەسمىي قىسىملىرى ۋە زاپاس قىسىملىرى، جۇڭگو خەلق قورالىق ساقچى قىسىملىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرىدىن تەركىب تاپىدۇ.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ رەسمىي قىسىملىرى – دۆلەتنىڭ دائىمىي ئارمىيىسى بولۇپ، ئاساسلىقى مۇداپىئە ئۇرۇشى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا، قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ھەمكارلاشسا بولىدۇ؛ زاپاس قىسىملار ئادەتتە بەلگىلىمە بويىچە تەلىم ئالىدۇ زۆرۈر تېپىلغاندا قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ھەمكارلاشسا بولىدۇ، ئۇرۇش مەزگىلىدە دۆلەتنىڭ سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىغا ئاساسەن رەسمىي قىسىمغا ئۆزگەرتىلىدۇ.

جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىىسملىرى گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە قوماندانلىقىدا، دۆلەت تاپشۇرغان بىخەتەرلىك – قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلايدۇ.

خەلق ئەسكەرلىرى ھەربىي ئورگانلارنىڭ قوماندانلىقىدا، ئۇرۇش تەييارلىقى ۋەزىپىسىنى، مۇداپىئە ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ساقلاشقا ياردەملىشىدۇ.

23 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كۆلىمى دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە مەنپەئىتىنى قوغداش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك.

24 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەربىي مەجبۇرىيەت خىزمىتى رەسمىي ۋە زاپاس دەپ ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. رەسمىي ھەربىيلەر بىلەن زاپاس ھەربىيلەرنىڭ مەجبۇرىيەت ئۆتەش تۈزۈمى قانۇندا بەلگىلىنىدۇ.

دۆلەت قانۇندىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن رەسمىي ھەربىيلەر بىلەن زاپاس ھەربىيلەرگە ئۇنۋان – دەرىجە بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

25 – ماددا دۆلەت ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ قانۇنسىز قوراللىق تەشكىلات قۇرشنى مەنئى قىلىدۇ. قانۇنسىز قوراللىق ھەرىكەتلەرنى مەنئى قىلىدۇ، يالغاندىن رەسمىي ھەربىي ياكى قوراللىق كۈچلەر تەشكىلاتى بولىۋېلىشنى مەنئى قىلىدۇ.

4 – باب چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋەھاۋا مۇداپىئەسى

26 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇقلۇق، ئىچكى سۇ، دېڭىز ۋە ھاۋا تەۋەلىكى مۇقەددەس ۋە دەخلىسىزدۇر. دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئۈنۈملۈك مۇداپىئە قىلىش ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، قۇرۇقلۇق، ئىچكى سۇ، دېڭىز، ھاۋا تەۋەلىكىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ۋە دۆلەتنىڭ دېڭىز – ئوكيان ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

27 – ماددا مەركىزىي ھەربىي كومىتېت چېگرا مۇداپىئەسى دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسىدىكى مۇداپىئە خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلار دۆلەت بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە، چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇشقا ۋە مۇداپىئە خىزمىتىگە ئىش تەقسىم قىلىۋېلىپ مەسئۇل بولىدۇ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ.

28 – ماددا دۆلەت چېگرا مۇداپىئەسى، دېڭىز مۇداپىئەسى ۋە ھاۋا مۇداپىئەسنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇرۇش قىلىش، قوماندانلىق قىلىش، ئالاقىلىشىش، مۇداپىئەلىنىش، قاتناش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئەسلىھسى قاتارلىق دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرىدۇ. ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ھەربىي ئورگانلار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ.

5 - باب دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىشىۋە ھەربىي مال زاكاز

29 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائەت سىستېمىسىنى قۇرىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرىدۇ، قوراللىق كۈچلەرنى ئىلغار، سۈپىتى ئىشەنچىلىك، مۇكەممەل يۈرۈشلەشكەن، ئىشلىتىش ۋە رېمونت قىلىشقا قۇلايلىق قورال – جابدۇقلار ۋە باشقا ياراملىق ھەربىي ماددىي ئەشيالار بىلەن تەمىنلەپ، دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

30 – ماددا دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتىدە ھەربىي ئېھتىياج بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈش، تىنچلىق مەزگىلىدىكى ئېھتىياج بىلەن ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئېھتىياجنى بىرلەشتۈرۈش، ھەربىي بۇيۇملارنى ئالدىن ئىشلەش، خەلققە ئېھتىياجلىقلىرىنى ئىشلەش ئارقىلىق ھەربىينى قامداش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ.

دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا سانائىتى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، كۆلىمى لايىق، كەسپى يۈرۈشلەشكەن، جايلىشىشى مۇۋاپىق بولغان دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ساقلايدۇ.

31 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن – تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى – يېڭى تېخنىكا تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى – يېڭى تېخنىكىنىڭ قورال – جابدۇق تەرەققىياتىدىكى باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تېخنىكا زاپىسىنى ئاشۇرۇپ، يېڭى قورال – جابدۇقلارنى ئىشلەپچىقىرىدۇ.

32 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىشىغا بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇنى پىلانلايدۇ ۋە تەڭشەپ تىزگىنلەيدۇ.

دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنى زۆرۈر كاپالەت شارائىتى ۋە ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلارغا ياردەم ۋە مەدەت بېرىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى قورال – جابدۇقلارنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى شەرت. 

33 – ماددا دۆلەت زۆرۈر تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى پەن – تېخنىكا خادىملىرىنى تەربىيىلەيدۇ ۋە يېتىشتۈرىدۇ، پايدىلىق مۇھىت ۋە شارائىت ھازىرلاپ، ئۇلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئەسى پەن – تېخنكا خادىملىرىنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلىشى كېرەك. دۆلەت مۇداپىئەسى پەن – تېخنىكا خادىملىرىنىڭ تەمىناتىنى پەيدىنپەي ئۆستۈرىدۇ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

34 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنىڭ ئېھتىياجى ۋە سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەلىپى بويىچە ھەربىي مالنى دۆلەت زاكاز قىلىش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، قورال – جابدۇق ۋە باشقا ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى سېتىۋېلىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

6 – باب دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتى ۋە دۆلەتمۇداپىئە مۈلكى

35 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرىنىڭ زۆرۈر خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنىڭ ئېشىشى دۆلەت مۇداپىئە ئېھتىياجىغا ۋە خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ سەۋىيىسىگە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.

36 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە خىراجىتىنى مالىيىدىن بۇيرۇپ بېرىش تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

37 – ماددا دۆلەت قوراللىق كۈچلەر قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقاتى، ئىشلەپچىقىرىشى ۋە باشقا دۆلەت مۇداپىئەسى قۇرۇلۇشلىرىغا بىۋاسىتە سالغان مەبلەغ، ئىشلىتىشكە ئايرىپ بېرىلگەن يەر قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرى ۋە شۇنىڭدەك شەكىللەنگەن دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان قورال – جابدۇق ۋە ئۈسكۈنە – ئەسلىھەلەر، ماددىي ئەشيا، ماتېرىياللار، تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرى قاتارلىقلار دۆلەت مۇداپىئە مۈلكى ھېسابلىنىدۇ.

38 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىسادىي قۇتۇلۇشنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت مۇداپىئەسى مۈلكىنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى بېكىتىدۇ، دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى تەڭشەيدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى باشقۇرىدىغان ئاپپاراتلار ۋە ئىگىلىگەن، ئىشلىتىدىغان ئورۇنلار دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشى، دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنىڭ ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

39 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنىڭ دەخلى – تەرۇزگە ئۇچرىماسلىقىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكى، پۈتۈنلۈكى ۋە ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ھەرقانداق تەشكىلات ياكى شەخسنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى بۇزۇشى، زىيانغا ئۇچرىتىشى ۋە ئىگىلىۋېلىشى مەنئى قىلىنىدۇ، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ياكى گوۋويۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ھوقۇق بەرگەن ئاپپاراتنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىنى ئىگىلىگەن، ئىشلەتكەن ئورۇنلارنىڭ دۆلەت دۆلەت مۈلكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىلىشىنى ئۆزگەرتىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ. دۆلەت مۇداپىئە مۈلكىدىن دۆلەت مۇداپىئەسىگە ئىشلىتىلمەيدىغانلىقى تەستىقلانغانلىرى ئالاقىدار قانۇن، نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە باشقۇرۇلىدۇ.

7 – باب دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى

40 - ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، پۇقرالارنى دۆلەت مۇداپىئە قارىشىنى كۈچەيتىپ، دۆلەت مۇداپىئە بىلىملىرىنى ئىگىلەپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىش – پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى.

41 – ماددا دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىدە ئومۇم خەلق قاتنىشىش، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش فاڭجېنى ئېزچىللاشتۇرۇلۇپ، دائىملىق تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيىنى، ئومۇمىي تەربىيە بىلەن نۇقتىلىق تەربىيىنىى، نەزەريىۋى تەربىيە بىلەن ئەمەلىي تەربىيىنى بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى يولغا قويۇلىدۇ.

42 – ماددا گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار ھەربىي ئورگانلار تەدبىر قوللىنىپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىزمىتىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، پارتىيىلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ئۆز رايون، تارماق، ئورنىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

مەكتەپلەردىكى دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى – ئومۇم خەلق دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنىڭ ئاساسى. ھەر دەرىجىلىك ھەر خىل مەكتەپلەر دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى دەرسىنى مۇۋاپىق تەسىس قىلىشى ياكى ئالاقىدار دەرسلەردە دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىگە دائىر مەزمۇنلارنى كۆپەيتىشى كېرەك.

ھەربىي ئورگانلار مەكتەپلەرنىڭ دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى قانات يايدۇرۇشىغا ھەمكارلىشىشى كېرەك.

مائارىپ، مەدەنىيەت، ئاخبارات، نەشرىيات، رادىئو، كىنو، تېلېۋىزىيە قاتارلىق تارماقلار ۋە ئورۇنلار زىچ ماسلىشىپ، دۆلەت دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن قانات يايدۇرۇشى كېرەك.

43 – ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسىنى خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈپ، دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

8 – باب دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىكى ۋە ئۇرۇش ھالىتى

44 –ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىرلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە بىخەتەرلىكى تەھدىتكە ئۇچرىغاندا، دۆلەت ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ئومۇمىي سەپەرۋەر ياكى قسىمەن سەپەرۋەر قىلىدۇ.

45 – ماددا دۆلەت تىنچ مەزگىلدە سەپەرۋەرلىك تەييارلىقى قىلىدۇ، خەلق قوراللىق كۈچلىرى سەپەرۋەرلىكى، خەلق ئىگىلىكى سەپەرۋەرلىكى، خەلق ھاۋا مۇداپىئەسى، دۆلەت مۇداپىئە قاتنىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى سەپەرۋەرلىك تەييارلىقلىرىنى دۆلەتنىڭ ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا ۋە پىلانىغا كىرگۈزىدۇ، سەپەرۋەلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، سەپەرۋەرلىكنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى ئاشۇرۇپ، سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ.

46 – ماددا دۆلەت ئىستراتېگىيىلىك ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ، ئىستراتېگىيىلىك ماددىي ئەشيالار زاپىسىنىڭ كۆلىمى مۇۋاپىق ساقلىنىشى بىخەتەر، يۆتكەپ ئىشلىتىلىشى قۇلايلىق بولۇشى، ئۇ قەرەللىك ئالماشتۇرۇپ تۇرۇلۇشى، ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلىنىشى كېرەك.

47 – ماددا گوۋۇيۈەن بىلەن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سەپەرۋەرلىك تەييارلىقى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش خىزمىتىگە بىرلىكتە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

بارلىق دۆلەت ئورگانلىرى ۋە قوراللىق كۈچلەر، ھەرقايسى پارتىيىلەر ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا – كەسپىي ئورۇنلار ۋە پۇقرالار تىنچ مەزگىلدە قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، سەپەرۋەرلىك تەييارلىقى خىزمىتىنى ئورۇندىشى لازىم؛ دۆلەت سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، بەلگىلەنگەن سەپەرۋەرلىك ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى شەرت.

48 – ماددا دۆلەت سەپەرۋەرلىك ئېھتىياجىغا قاراپ، تەشكىلاتلارنىڭ ۋە شەخسلەرنىڭ ئۈسكۈنە – ئەسلىھەلىرى، قاتناش قوراللىرى ۋە باشقا ماددىي ئەشيالىرىنى قانۇن بويىچە ئېلىپ ئىشلەتسە بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئىشلىتىشكە بەرگۈچىلەرنىڭ ئېلىپ ئىشلىتىش داۋامىدا كېلىپ چىققان بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيىنىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە مۇۋاپىق تۆلەپ بېرىدۇ.

49 – ماددا دۆلەت ئاساسىي قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە، ئۇرۇش ھالىتى ئېلان قىلىدۇ، ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچ ۋە مالىيە كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، بارلىق پۇقرالارنىڭ ۋەتەننى قوغداپ، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ.

9 – باب پۇقرالار، تەشكىلاتلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇقى

50 – ماددا قانۇنغا ئاساسەن ھەربىي مەجبۇرىيەت ۋە خەلق ئەسكەرلىرى تەشكىلاتىغا قاتنىشىش – جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقرالىرىنىڭ شەرەپلىك بۇرچى.

ھەر دەرىجىلىك ھەربىي مەجبۇرىيەت ئورگانىرى ۋە ئاساسىي قاتلام خەلق قوراللىق ئاپپاراتلىرى ھەربىي مەجبۇرىيەت خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلىشى، گوۋۇيۈەن ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، ئەسكەر قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشى، ئەسكەرلەرنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. باشقا ئالاقىدار دۆلەت ئورگانلىرى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، كارخانا ۋە كەسپىي ئورۇنلار خەلق ئەسكەرلىرى خىزمىتى ۋە زاپاس ھەربىيلەر خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئورۇندىشى، ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەش ئورگانلىرىنىڭ ئەسكەر ئېلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك.

51 – ماددا كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەتنىڭ تەلىپى بويىچە دۆلەت مۇداپىئە پەن تەتقىقات، ئىشلەپچىقىرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىشى، دۆلەتنىڭ ھەربىي مال زاكازىنى قوبۇل قىلىشى، سۈپەت ئۆلچىمىگە لايىق كېلىدىغان قورال – جابدۇق ياكى ھەربىي مال زاكازىنى قوبۇل قىلىشى، سۈپەت ئۆلچىمىگە لايىق كېلىدىغان قورال – جابدۇق ياكى ھەربىي ماددىي ئەشيالارنى بېرىشى كېرەك.

كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، قاتناش قۇرۇلۇشىدا دۆلەت مۇداپىئە تەلەپلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى كېركە. بېكەت – ۋوگزال، پورت، ئايرودروم، يول قاتارلىق قاتناش ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرىدىغان ئورۇنلار رەسمىي ھەربىيلەر ۋە ھەربىيلەر ۋە ھەربىي ماشىنا – كېمىلەرنىڭ قاتنىشى ئۈچۈن ئاۋۋال خىزمەت قىلىشى، ئۇلارغا بەلگىلىمە بويىچە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

52 – ماددا پۇقرالار دۆلەت مۇداپىئە تەربىيىسى ئېلىشى كېرەك.

پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى ئاسرىشى كېرەك. دۆلەت مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىقا ۋە زىيان سېلىشقا يول قويۇلمايدۇ. 

پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار مەخپىيەتلىكنى ساقلاش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەرگە رىئايە قىلىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى مەخپىيىتىنى ئاشكارىلاشقا، دۆلەت مۇداپىئەسى جەھەتتىكى مەخپىي ھۆججەتلەرنى، ماتېرىياللارنى ۋە باشقا مەخپىي بۇيۇملارنى قانۇنسىز تۇتۇپ تۇرۇشقا قويۇلمايدۇ.

53 – ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى قوللىشى، قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەربىي تەلىمى، ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتى، مۇداپىئە ئۇرۇشى قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە قۇلايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى ياكى باشقا ياردەملەرنى بېرىشى كېرەك.

54 – ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلار دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا تەكلىپ بېرىشكە ھوقۇقلۇق، دۆلەت مۇداپىئەسىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارنى توسۇش ياكى پاش قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

55 – ماددا پۇقرالار ۋە تەشكىلاتلاردىن دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى ۋە ھەربىي پائالىيەت تۈپەيلىدىن ئىقتىسادىي جەھەتتە بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىغانلىرى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تۆلەم ئالسا بولىدۇ.

10 – باب ھەربىيلەرنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتى

56 – ماددا رەسمىي ھەربىيلەر ۋەتەنگە سادىق بولۇشى، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى، باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىشى، قۇربان بولۇشتىن قورقماسلىقى، ۋەتەننىڭ بىخەتەرلىكىنى، شان – شەرىپىنى ۋە مەنپەئىتىنى قوغدىشى شەرت.

57 – ماددا رەسمىي ھەربىيلەر ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارغا نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، ھەربىي نىزاملارغا رىئايە قىلىشى، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشى، ئىنتىزامغا قاتتىق رىئايە قىلىشى شەرت.

58 – ماددا رەسمىي ھەربىيلەر خەلق ئارمىيىسىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىنى جارى قىلدۇرۇشى، خەلقنى سۆيۈشى، خەلقنى قوغدىشى، سوتسىيالىستىك ماددىي مەدەنىيەت ۋە مەنىۋى مەدنەىيەت قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىشى، خەۋپتىن ۋە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىشى كېرەك.

59 – ماددا ھەربىيلەر پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.

دۆلەت ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ شان – شۆھرىتىنى، كىشىلىك ئىززەت – ھۆرمىتىنى قوغدايدۇ، رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ نىكاھ ئىشىنى ئالاھىدە قوغدايدۇ.

رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىدۇ.

60 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت رەسمىي ھەربىيلەرگە ئېتىبار بېرىدۇ.

دۆلەت رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا مۇناسىپ تۇرمۇش پاراۋانلىق تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، شارائىتى جاپالىق چېگرا مۇداپىئە، دېڭىز مۇداپىئە رايونلىرىدا ياكى خىزمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان رەسمىي ھەربىيلەرگە تۇرمۇش پاراۋانلىقى قاتارلىق جەھەتتە ئېتىبار بېرىدۇ.

دۆلەت ھەربىيلەر سۇغۇرتا تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

61 – ماددا دۆلەت رەسمىي قىسىمدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ، كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەرنى زۆرۈر كەسپىي تەربىيىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ، دەم ئېلىشقا ۋە پېنسىيىگە چىققان ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇش پاراۋانلىق تەمىناتىن كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، ئۇلارنى ئارمىيىدىكى ۋەزىپە دەرىجىسى، تۆھپىسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە قاراپ خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.

كەسىپ ئالماشتۇرغان ھەربىيلەرنى قوبۇل قىلغان ئورۇنلار ئۇلارغا دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە تۇرمۇش پاراۋانلىق تەمىناتى، تەربىيە كۆرۈش، تۇرالغۇ ئۆي قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىشى كېرەك.

62 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت مېيىپ ھەربىيلەرگە نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىدۇ، مېيىپ ھەربىيلەرنىڭ تۇرمۇشىنى ۋە داۋالىنىشىنى قانۇن بويىچە ئالاھىدە كاپالەتلەندۈرىدۇ.

ئۇرۇشتا، خىزمەتتە مېيىپ بولغان ھەربىيلەر ياكى كېسەل بولغان مېيىپ ھەربىيلەر رەسمىي قىسىمدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۇلارنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇشى ھەم ئۇلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ شۇ جاينىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقىنى كاپالەلەندۈرۈشى كېرەك.

63 – ماددا دۆلەت ۋە جەمئىيەت رەسمىي ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىدۇ، قۇربان بولغانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە ۋە خىزمەت ئۈستىدە قۇربان بولغان، كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن ھەربىيلەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، تۇرالغۇ ئۆي، مەجبۇرىي مائارىپ قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبرا بېرىدۇ.

64 – ماددا خەلق ئەسكەرلىرى، زاپاس مەجبۇرىيەتتىكىلەر ۋە باشقا خادىملار قانۇن بويىچە ھەربىي تەلىمىگە قاتناشقاندا، ئۇرۇش تەييارلىقى خىزمىتى، مۇداپىئە ئۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغاندا، ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك؛ دۆلەت ۋە جەمئىيەت ئۇلارنىڭ مۇناسىپ تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرىدۇ، ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر بويىچە نەپىقە ۋە ئېتىبار بېرىدۇ.

11 – باب تاشقى ھەربىي مۇناسىۋەت

65 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق، بىر – بىرىنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىق،، باراۋەرلىك ئاساستا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت بەش پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل ئۆزىگە – ئۆزى خوجا بولۇش ئاساسىدا تاشقى ھەربىي مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەربىي ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يولغا قويىدۇ.

66 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دۇنيانىڭ ۋە رايونلارنىڭ تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق ھەربىي ئىشلارغا ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى قوللايدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ خەلقئارا نىزاملارنى ئادىل، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ۋە قىسقارتىش يولىدىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.

67 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تاشقى ھەربىي مۇناسىۋەتتە چەت ئەل بىلەن تۈزگەن ياكى قاتناشقان، قوبۇل قىلغان ئالاقىدار شەرتنامە ۋە كېلىشىملەرگە رىئايە قىلىدۇ.

12 – باب قوشۇمچە پرىنسىپ

68 – ماددا بۇ قانۇندىكى ھەربىيلەرگە دائىر بەلگىلىمە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىملىرىغا تەتبىقلىنىدۇ.

69 – ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ مۇداپىئە ئىشلىرى ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ نېگىزلىك قانۇنى ۋە ئالاقىدار قانۇنلاردا بەلگىلىنىدۇ.

70 – ماددا بۇ قانۇن ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.[1][0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#