يەلتاشما

يەلتاشما

بىر خىل تېرە كېسىلى. بۇنىڭدا قىسمەن جاينىڭ تېرىسىدە توساتتىن قىزىل قاپارتقۇلار پەيدا بولۇپ، قىچىشىدۇ، يېنىشىمۇ ناھايىتى تېز بولىدۇ، ھېچقانداق ئىز قالمايدۇ. ئادەتتە پات-پات قوزغىلىپ تۇرىدۇ. دورا، پارازىت قۇرت، قان زەردابى، باكتېرىيەلەر بىلەن ياللۇغلىنىش، غىدىقلاش كۈچى كۈچلۈك بولغان ماددىلارغا، سوغۇققا ۋە ئىسسىققا يولۇقۇش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ خىل كېسەلنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ

غەرب تېبابىتى نامى يەلتاشما
كېسەللىك سەۋەبى دورىلار، پارازىت قۇرتلار، ئۆتكۈر پۇراق
تەۋە بۆلۈم تېرە بۆلۈمى
ئاساسلىق ئالامىتى بەدەن قاتتىق قىچىشىش، نەپەس قىيىنلىشىش
خەنزۇچە نامى 风疹

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

يەلتاشماسەۋەبى: بۇ كېسەللىك، ھەرخىل غىدىقلىغۇچى يېمەكلىكلەر، دورىلار، پارازىت قۇرتلار، ئۆتكۈر پۇراق، ھەرخىل ناباب تېمپېراتۇرا قاتارلىقلارنىڭ غىدىقلىشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

1) خىلىتلارنىڭ غەيرى تەبىئىي ئۆزگىرىشى-يەنى غەيرى تەبىئىي بەلغەم، قان سەپرا ۋە سەۋدا ۋە ئۇلاردىن ھاسىل بولغان يەللەردىن، ياكى قاننىڭ سەپراغا قوشۇلۇشىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

2) يېمەك ئىچمەك ماس كەلمەسلىك سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

3) ھەر خىل دورىلارنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولىدۇ.

4) ھەر خىل يۇقۇملىنىشىدىن پەيدا بولىدۇ.

5) روھىي ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

6) فىزىكا-خىمىيەلىك ئامىللارنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

7) ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈك ئامىللىرىنىڭ تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

8) باشقا ئامىللار تەسىرىدىن كېلىپ چىقىدۇ.[0]

ئالامىتى: ئۆتكۈرلىرى تۇيۇقسىز باشلىنىپ، بەدەن قاتتىق قىچىشىش، تېرە يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان ئاچ قىزىل رەڭلىك، چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان پارچە-پارچە ياپىلاق قاپارتقۇلار پەيدا بولۇش، بەزىلىرى ھەتتا ئالىقاندەك چوڭلۇقتا بولۇش، بەزىدە كونىلىرى يوقىلىپ، يېڭىلىرى پەيدا بولۇپ تۇرۇش، بەزىدە پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك بولۇش، بەزىلەردە قورساق ئاغرىش، يەڭگىل قىزىتىش، ئېغىرلىرىدا كانايلاردا سۇلۇق ئىششىق پەيدا بولۇپ، نەپەس قىيىنلىشىش، ئۆتكۈرلىرى ۋاقتىدا ساقايتىلمىسا سوزۇلما ھالەتكە ئۆزگىرىپ، كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

ئاددىي يەلتاشما تېرىنىڭ ھەر قانداق قىسىمدا، ھەتتا شىللىق پەردىلەردە ھەر خىل چوڭلۇقتا، سۇس قىزىل ، تاتارغان ياكى نورمال تىرە، رەُڭگىدىكى ئەسۋە پەيدا بولۇپ، چېگراسى ئېنىق، ئەتراپىدا قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ.

قاتتىق قىچىشىدۇ، ئېچىشىدۇ ۋە ئاغرىيدۇ. تېرىدىكى زەخمىلەر يېرىم سائەتتىن بىر نەچچە سائەتكىچە داۋاملاشقاندىن كىيىن ئۆزلۈكىدىن يوقىلىدۇ. ئىز قالمايدۇ. ئەمما بىر كۆتۈرلۈپ بىر پەسىيىپ بىر كۈندە بىر نەچچە قېتىم قوزغىلىدۇ، بەدەننىڭ ئوخشىمىغان ئورۇنلاردا كۆرىلىدۇ.

ئەگەر يەلتاشما سەپرادىن بولسا، ئەسۋە كىچىك، ساغۇچ بولۇپ قاتتىق قىچىشىدۇ ۋە ئېچىشىدۇ.

ئەگەر بەلغەمدىن بولسا ھېسسىي بەلگىلەر تىپىك بولماي بۆرتمە رەڭگى تاتارغان رەڭدە، ئەۋە ھەجىمى چوڭراق بولىدۇ.

دېمەك، يەلتاشما قايسى خىلىتتىن كېلىپ چىققان بولسا، بەدەندە شۇ خىل خىلىتقا دالالەت قىلىدىغان ئالامەتلەر بىرگە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر يەلتاشما ئىچكى ئەزالاردا بولۇپمۇ ھەزىم سىستېمىسىدا كۆرۈلسە كۆڭۈل ئېلىشىش قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قۇرساق ئاغرىش قاتارلىق ھەزىم سىستېمىسىغا ئائىت ئالامەتلەر كۆرىلىدۇ.

 ئەگەر كېكىردەك ۋە يۇتقۇنچاق  قىسىملىرىدا بولسا، يۇتقۇنچاق سۇلۇق ئىششىقى كۆتۈرلۈپ، نەپەس قىيىنلىشىش، دەم سىقىلىش، گال توسۇلۇش، ئېغىر بولغاندا تۇنجۇقۇپ قېلىشتەك ھاياتقا خەۋپ يىتىش ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.[0]

كىلىنىكىدا تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى

يەلتاشما1) جىددىي خاراكتېرلىك يەلتاشما.

2) قان تومۇر خاراكتېرلىك سۇلۇق ئىششىق.

3) سۈنئىي يەلتاشما

4) كۈن نۇرى خاراكتېرلىك يەلتاشما..

5) سوغۇق خاراكتېرلىك يەلتاشما.

6) خولىن ئېنېرگىيەسى خاراكتېرلىك يەلتاشما. 

1-رېتسېپ

تەركىبى: سېرىق ھېلىلە، كابۇل ھېلىلىسى، قارا ھېلىلە، بەلىلە پوستى، ئامىلە پوستى، ئەنگۈر شىپا، چۆپچىنى، ئۆشبە، سېرىق ئوت، شاھتەررە 30 گىرامدىن، زەرچىۋە، بىنەپشە، بىخسۇس، بابۇنە، بەدىيان، سەۋزە ئۇرۇقى، سۇزاپ ئۇرۇقى، شۇمشا، كاسىنە ئۇرۇقى، بادام يېغى، نېلۇپەر 15 گىرامدىن، ئەينۇلا، ئەنجۈر قېقى، چىلان 90 گىرامدىن، خىيارشەنبەر 60 گىرام، چۆپچىنى، مامرانچىنىلار 15 گىرامدىن، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ چىقىرىپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: ئىككى كۈندە بىر قېتىم يۇيۇنىلىدۇ.

2-رېتسېپ

تەركىبى: ئاچچىق ئەمەن، شاھتەررە، سامساق تەڭ مىقداردا، سۇ مۇۋاپىق مىقداردا.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى چالا سوقۇپ، سۇدا قاينىتىپ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ تەييارلىنىدۇ.

ئىشلىتىش مىقدارى: 2 ~ 3 كۈندە بىر قېتىم بەدەن يۇيۇلىدۇ.

3-رېتسېپ

يەلتاشماتەركىبى: شاھتەررە 105 گىرام، سېرىق ھېلىلە پوستى 90 گىرام، كابۇل ھېلىلىسى پوستى 60 گىرام، بەلىلە پوستى، ئامىلە 45 گىرامدىن، سانا 22 گىرام، قىزىلگۈل 15 گىرام، ۋاسالغۇ 75 گىرام، ھەسەل 1371 گىرام.

تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ، ئېرىتىلگەن ھەسەل بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەجۈن تەييارلىنىدۇ

ئىشلىتىش مىقدارى: كۈنىگە بىر قېتىم، ھەر قېتىمدا تۆت گىرامدىن ناشتىدا ئىستېمال قىلىنىدۇ. 

 (1) ئالدى بىلەن سەۋەبكە قارىتا چارە قىلىنىدۇ.
 (2) بىمارنىڭ مىزاجى ۋە كېسەللىك ماددىسىغا ئاساسەن مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بىرلىدۇ.
 (3) قان تازىلىغۇچى زىيادە سېزىمچانلىقنى تۆۋەنلەتكۈچى، زەھەر قايتۇرغۇچى، سۈيدۈك ھەيدىگۈچى دورىلار بىرلىدۇ.
 (4) سىرتىدىن: قىچىشىش ۋە ئېچىشىشنى پەسەيتكۈچى، تارقاتقۇچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ. سوۋۇتقۇچى ۋە ھۆللەشتۈرگۈچى دورىلار ئىشلىتىلىدۇ.
2-داۋالاش ئۇسۇلى: ماددىغا قارىتا مۇنزىچ ۋە مۇسھىل بېرىپ ماددا پىشقاندىن ۋە تازىلانغاندىن كىيىن ئەھۋالىغا قاراپ: ئانار شەربىتى، قارا ئۆرۈك سۈيى، مەتبۇخ شاھتەررە، سىركە غىبىىللەر، ئەرقى گۈل ئەرقى شوخلا، ئەرقى كاسىنە قاتارلىقلار بېرىلىدۇ.
سىرتىدىن: ئەرقى گۈل، سىركە ۋە گۈل ياغلىرى ئىشلىتىلىدۇ. ياكى سەندەلنى سىركە، كافۇلارنى ئېزىپ چېپىلىدۇ. قىچىشىشنى پەسەيتىش ئۈۈن شاھتەررە، موزا ئاق لەيلى، ئەمەن، بىنەپشە پوستى، قىزىل گۈل، كاۋاۋىچىن، نېلۇپەر، ئانار پوستى، يۇمغاقسۈت، قاتارلىقلارنى قاينىتىپ يۇيۇلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

تىببى دەستۇر تىبابەت تورىدىن ئېلىندى 

http://www.tibbidastur.com/?m=yazma_kurux&uid=138

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#