خەلقئارا سودا ماشىنىلىرى شىركىتى قىسقارتىلىپ IBM دېيىلدۇ، باش شىركىتى نيۇ يورك شەھرىدە، 1924-يىلى توماس ۋاتسون ئامېرىكىدا قۇرغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە كەسپىي لايىھەلەش شىركىتى.

خەنزۇچە ئاتىلىشى 国际商业机器公司
قۇرغۇچىسى توماس ۋاتسون
شىركەت نامى IBM
باش شىتابى
نيۇيورك
قۇرۇلغان ۋاقتى 1924-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

IBMخەلقئارا سودا ماشىنىلىرى شىركىتى قىسقارتىلىپ IBM دېيىلدۇ، باش شىركىتى نيۇ يورك شەھرىدە، 1924-يىلى توماس ۋاتسون ئامېرىكىدا قۇرغان، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ بولغان ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە كەسپىي لايىھەلەش شىركىتى، 300 مىڭدىن ئارتۇق ياللانما خادىم، كەسىپى خادىم بولۇپ 160 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا تارقالغان. مەزكۇر شىركەت دەسلەپ قۇرۇلغاندا سودا خاراكتېرىدىكى خەت ئورۇش ماشىنىسى تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، كېيىن يېزىق بىر تەرەپ قىلىش ئۈسكۈنىسى تىجارىتىگە، ئاندىن كومپيۇتېر ۋە كومپيۇتېرغا ئالاقىدار باشقا نۇرغۇن مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان. نۆۋەتتە، مەزكۇر شىركەت دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە مۇلازىمەت خاراكتېرىدىكى شىركەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

IBMIBM  شىركىتى كومپيۇتېر ساھەسىدە ئۇزاق مەزگىللىك « رەھبەر » بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوڭ-كىچىك تىپتىكى شۇنداقلا لەپتوپ ( مەسىلەن، Thinkpad) قاتارلىق جەھەتلەردىكى نەتىجىسى كۆزگە كۆرۈنەرلىك. مەزكۇر شىركەت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان شەخسىي كومپيۇتېر (PC) ئۆلچىمى ھازىرغا قەدەر قوللىنىپ ۋە داۋاملاشتۇرۇلۇپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، IBM  شىركىتى چوڭ تىپتىكى كومپيۇتېر، دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر (مەسىلەن، Watson) ،UNIX، مۇلازىمىتېر)  قاتارلىق ساھەلەردىمۇ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

يۇمشاق دېتال ساھەسىدە، IBM  نىڭ يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسى (Software Group) Lotus ،WebSphereIODRational ،Tivoli)  قاتارلىق بەش چوڭ يۇمشاق دېتال ماركىسىنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان بولۇپ، مۇشۇ بەش ماركىنىڭ ئۆزىدىكى ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن IBM  ئۆزلىرىنىڭ كۈچلۈك بولغان يۇمشاق دېتالچىلىق ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيادا خېلى كۆرۈنەرلىك ياكى كۈچلۈك بولغان يۇمشاق دېتال شىركىتىگە ئايلانغان. تاكى 1999-يىلىغا كەلگەندە، مىكروسوفتنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىكى كۆلىمىIBM  نىڭ يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسى (Software Group) دىن ئاران-ئاران ئېشىپ چۈشكەن. شۇنداقتىمۇ، نۆۋەتتە IBM نىڭ يۇمشاق دېتال گۇرۇپپىسى(Software Group) دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ يۇمشاق دېتال بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

IBM1. يۇمشاق دېتالچىلىق

IBM شىركىتىگە قاراشلىق Information Management،Lotus،Rational،Tivoli،WebSphere  قاتارلىق بەش چوڭ جەمەتنىڭ ئۆزىگە خاس تەسىرگە ئىگە ھەر ساھەدىكى يۇمشاق دېتاللىرى بار. مەسىلەن، Information Management نىڭ  ساندان باشقۇرۇش سىستېمىسى، كارخانا باشقۇرۇش سىستېمىسى، Cognos  سودا ئەقلىي ئىقتىدارى ۋە تۆھپە باشقۇرۇش سىستېمىسى ، ئۇچۇر بىرلەشتۈرۈش، 

سانلىق مەلۇمات ئامبىرى، سانلىق مەلۇماتلارنى قېزىپ چىقىرىش قوراللىرى قاتارلىق ساھەدە؛ Lotus نىڭ ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى قاتارلىق ياردەمچى قوراللار، ئالاقە تور بېكەتلىرى ۋە Mashup، ئىشخانا قوراللىرى، يۆتكەلمە ۋە سىمسىز ئالاقە، ئېلېكتىرونلۇق جەدۋەل ۋە Web مەزمۇن باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە؛ Rational نىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش جەريانىنى باشقۇرۇش، يۇمشاق دېتال سىناش، سۈپىتىنى باشقۇرۇش، كارخانا قۇرۇلمىسىنى باشقۇرۇش، يۇمشاق دېتال تۈرىنى باشقۇرۇش، كارخانىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، Web بېكەتلىرىنىڭ بويسۇنۇشچانلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە؛ Tivoli نىڭ مۇلازىمەت باشقۇرۇش، قازناق باشقۇرۇش، مەبلەغ باشقۇرۇش، بىخەتەرلىك باشقۇرۇش، بۇلۇت ھېسابلاش، ئۈنۈم باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە؛ WebSphere نىڭ بولسا قوللىنىشچان مۇلازىمىتېر، كارخانا ئۇنىۋېرسال بېكەتلىرى، ئېلېكتىرونلۇق سودا، قوللانچىلارنى بىرلەشتۈرۈش، كەسىپ تەرتىپىنى باشقۇرۇش، كەسىپ تۈزۈمىنى باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىگە خاس ھەمدە مۇقىم بازىرى بولغان يۇمشاق دېتاللىرى بار.

IBM2. مۇلازىمىتېر مەھسۇلاتى

IBM شىركىتىنىڭ يەنە بىر بازارلىق مەھسۇلاتى مۇلازىمىتېر بولسا كېرەك. IBM نىڭ داڭلىق مۇلازىمىتېرلىرىدىن Intel  قۇرۇلمىسىدىكى xSeries مۇلازىمىتېرى، AMD  قۇرۇلمىسىدىكى تۈرلۈك مۇلازىمىتېرلىرى، BladeCenter  مۇلازىمىتېرى، UNIX  مۇھىتىدىكى pSeries  مۇلازىمىتېرى، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانا دەرىجىلىك مۇلازىمىتېر iSeries ۋە چوڭ تىپتىكى مۇلازىمىتېر zSeries  قاتارلىقلار بار.

يۇقىرىقىلاردىن باشقا IBM شىركىتىنىڭ يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى ئېكرانلىرى، سۈپەتلىك قاتتىق دىسكىلىرى (يان دىسكىلارمۇ بار)، تور دىسكىلىرى، پۇل ئېلىش ماشىنىسى،POS يۇمشاق دېتاللىرى بار.

 

 

 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/item/IBM/9190

2.

كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ژورنىلىنىڭ 2012-يىلى 1-سانى

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    66.7%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    33.3%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#