بىرما

ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 670 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى دۆتلەر ئىچىدە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. 

نامى بېرما فېدراتسىيە جۇمھۇريىتى
تەۋە رايون ئاسىيا قىتئەسى
نوپۇسى 36 مىليون 390 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985)
دۆلەت تىلى بېرما تىلى
پايتەختى رانگون
خەنزۇچە نامى 缅甸联邦共和国
يەر مەيدانى 670 مىڭ كۋادرات كىلومېتر
چەتئەلچە نامى Republic Of The Union Of Myanmar
قىسقىچە نامى بېرما
پۇلى كىيات

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

بىرمابېرمىنىڭ تولۇق ئاتىلشى بېرما فېدراتسىيەسى ،دۆلەتنىڭ ئىسمىنىڭ مەنىسى سانسىكىرىت تىلىدىكى ‹‹قەيسەر ،باتۇرلۇق ››دېگەن مەنىدە ،ئۇ يەنە ‹‹مۇنارىلار دۆلىتى ››دەپ ئاتىلىدۇ .

ئاسىيانىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان دۆلەت. يەر مەيدانى 670 مىڭ كۋادرات كىلومېتر بولۇپ، ھىندىچىنى يېرىم ئارىلىدىكى دۆتلەر ئىچىدە يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئاھالىسى 36 مىليون 390 مىڭدىن ئاشىدۇ (1985) ، بۇنىڭ ئىچىدە بېرما مىللىتى ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %65 نى تەشكىل قىلىدۇ. بۇلاردىن باشقا دەن، كىكەن، كىلون، دوكەي قاتارلىق 50 نەچچە مىللەت بار، يەنە جۇڭگولۇقلارمۇ بار. ئاھالىسىنىڭ %80 دى بۇددا دىنىغا، %8 ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، دۆلەت تىلى بېرما تىلى ھېسابلىنىدۇ.

بىرمابېرما دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قەدىمىي قوشنا دۆلەتلىرىدىن بىرى، مىلادى 9-ئەسىردىن باشلاپلا دۆلىتىمىز بىلەن بېرما ئوتتۇرىسىدا بىرىش-كېلىش باشلانغان. بېرما 19-ئەسىرگە كەلگەندە ئەنگلىيە بىلەن ئۈچ قېتىملىق ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولغان، 1879-يىلى ئەنگلىيىنىڭ بىر ئۆلكىسىگە ئايلانغان، 1937-يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، بىۋاسىتە ئەنگلىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەن. 1942-يىلدىن 1945-يىلغىچە ياپونىيىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1948-يىلى 1-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىلىككە ئېرىشكەن.

يەر شەكلى

 بېرما يەر شەكلى جەھەتتىن تاغلىق، نېگىز تەكشىلىكلەرنى ئاساس قىلىدۇ، ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شىمالىي ئېگىز بولۇپ، جەنۇبقا قاراپ پەسىيىپ بارىدۇ. ئۇنىڭ شەرقىي قىسمىدا كونا دەنباڭ ئېگىزلىكى بار. تاغلىق، ئېگىز تەكشىلىكلەرنى شىمالدىن جەنۇبقا قاراپ ئاققان دەرياللار نۇرغۇن دەريا ۋادىلىرىغا ئايرىپ تۇرىدۇ. بېرما ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، ئاھالىسى ئەڭ زىچ ئولتۇراقلاشقان دۆلەت.

ئىقلىمى

 بېرمىنىڭ ئىقلىمى تروپىك مۇسسونلۇق ئىقلىمىغا خاس بولۇپ، يازلىقى ئىسسىق، كۆپ يامغۇرلۇق بولىدۇ، ئۇنىڭ دېڭىز ئىېقىملىرىغا يۈزلەنگەن دەننا سالىن قىرغاقلىرى بىلەن ئاراكان تېغىنىڭ ھۆل-يېغىنى كۆپ بولۇپ، 3000 مىللىمتېردىن ئاشىدۇ. ئىچكى قىسمىدىكى ئىراۋادى دەريا قىرغاقلىرىدا 400-1000 مىللىمتېرغا يېتىدۇ. بېرمىنىڭ ھاۋاسى يىل بويى يىللىق، يامغۇرى كۆپ بولغانلىقتىن، دۆلەتنىڭ 

% 60 نى ئورمان قاپلاپ تۇرىدۇ، ئورمان مۇھىم ئېكسپورت ماتېرىيالى ھېسابلىنىدۇ.

بىرما بېرما يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان دۆلەت. ئاھالىنىڭ تەخمىنەن %70 ى يېزا ئىگىلىكى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. يېزا ئىگىلىكىدە ئاساسەن شال ئۆستۈرۈلىدۇ. شال ئۆستۈرۈلىدىغان يەر پۈتۈن تېرىلغۇ يېرىنىڭ %70 نى ئىگىلەيدۇ. بېرما تارىختىن بۇيان سىرتقا گۈرۈچ مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىش بىلەن داڭلىق، ئۇنىڭ گۈرۈچ ئېكسپورتى ھازىرمۇ پۈتۈن ئېكسپورتىنىڭ %40 - %50 نى ئىگىلەيدۇ. شالدىن باشقا خاسىڭ، كېۋەز، كۈنجۈت، شېكەر قۇمۇشى، پۇرچاق تىپىدىكى زىرائەتلەر ئۆستۈرۈلىدۇ. بېرمىنىڭ سانائىتى تەرەققىي قىلمىغان، گۈرۈچ ئاقلاش بىلەن ياغاچ ماتېرىياللىرى سانائىتىنى ئاساس قىلىدۇ. بۇلاردىن قالسا توقۇمىچىلىق، خىمىيىۋى ئوغۇت، پولات پروكاتلاش، شېكەر، ياغ چىقىرىش، كېمىسازلىق قاتارلىق سانائەتلىرى بار، بۇ خىل سانائەت ئورۇنلىرى دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىراۋدى ۋە چىتاڭ دەريا بويلىرىدىكى رانگون، ماندالاي، ماۋدەنميەن قاتارلىق شەھەرلەرگە مەركەزلەشكەن. 

دۆلەت گېربى 

دۆلەت گېربىگېربىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا چىشلىق چاقنىڭ رەسىمى بولۇپ ، رەسىمنىڭ ئوتتۇراسىغا بېرمىنىڭ خەرىتىسى ئورۇنلاشقان .بېرمىنىڭ دۆلەت چېگراسى ۋە چېگرا رايونلىرىنى ئىپادىلەيدۇ ،چىشلىق چاقنىڭ سىرتقى يان سىزىقلىرى بەخت ۋە خۇشاللىق ئىلكىدىكى تەڭرىقۇتنىڭ سىمۋولى ،شىر بىر مىنىڭ دۆلەتكە سىمۋوللۇق قىلىدىغان ھايۋىنى . 

بىرما كىشىلەر بېرمىندا ساياھەتكە كەلگىنىدە ، ئالدى بىلەن كۆزگە چېلىقىدىغىنى بۇددا مۇنازلىرى بولىدۇ . ئۇلار بىر بولسا قاردەك ئاق ، بىر بولسا ئالتۇندەك پارقىراق ، ئاق بۇلۇت كۆك ئاسمان ئاستىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ . بېرمىدا بۇددا مۇنازلىرى ئىنايىن كۆپ ، قەدىمىي پايتەخت ماندالايدا بۇددا مۇنارى مىڭدىن ئاشىدۇ . قەدىمكى مەدەنىيەتلىك شەھەر پاگاننىڭ نوپۇسى ئاران 30نەچچە مىڭ بولغان بىلەن بۇددا مۇنارىلار 5000دىن كۆپرەك . ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، پاگان خاندانلىقىنىڭ گۈللەنگەن مەزگىلىدە پاگار شەھەر ئەتراپىدىكى نەچچە ئون چاقىرىم دائىردىلا 4مىليون 400مىڭدىن ئارتۇق بۇددا مۇنارى بولۇپ ، « تۆت مىليون مۇنارلىق شەھەر » دەپ ئاتالغان . پاگان شەھىرى مۇشۇ سەۋەبلىك دۇنياغا مەشھۇر شەرقتىكى مەدەنىيەت خەزىنىلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان . مەلۇم بىر كىشىنىڭ مۆلچەرلىشىچە ، ئەگەر بېرمىدىكى مۇنارلارنى تىزىدىغان بولسا ، ئۇزۇنلۇقى 1567كىلومېتىر بولىدىكەن ، شۇڭا بېرما « مۇنارلار دۆلىتى » دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە .

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#