ماركس

ماركس-ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ بەرپاچىسى. ئۇ 1818-يىلى پرۇسسىيىنىڭ رېيىن ئۆلكىسى ترىر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئاۋوكات ئىدى. ئۇ 17 يېشىدا بۇنن داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. كېيىن بېرلىن داشۆسىگە ئوقۇشقا يۆتكىلىدۇ. 

ئۇيغۇرچە ئىسمى ماركس
باشقا نامى Karl Heinrich Marx
تۇغۇلغان ۋاقتى 1818-يىلى
كەسپى سىياسىيون ،پەيلاسوپ ،ئىنقىلابچى
خەنزۇچە ئىسمى 卡尔·海因里希·马克思
يۇرتى پرۇسسىيىنىڭ رېيىن ئۆلكىسى ترىر شەھىرى
ۋاپات بولغان ۋاقتى 1883-يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ماركسماركس-ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ بەرپاچىسى. ئۇ 1818-يىلى پرۇسسىيىنىڭ رېيىن ئۆلكىسى ترىر شەھىرىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى ئاۋوكات ئىدى. ئۇ 17 يېشىدا بۇنن داشۆسىگە ئوقۇشقا كىرىپ، قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدۇ. كېيىن بېرلىن داشۆسىگە ئوقۇشقا يۆتكىلىدۇ. 1841-يىلى 4-ئايدا، ئۇ يېنا داشۆسىدە پەلسەپە پەنلىرى بويىچە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. 

كېيىن ئۇ ئاخبارات ساھەسىگە يۈزلىنىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي كيولىندىكى «رېين گېزىتى» نىڭ باش مۇھەررىرى بولىدۇ. ۋەھالەنكى، ئۇنىڭ رادىكال ئىنقىلابىي نۇقتىئىنەزەرلىرى ئۇنىڭغا نۇرغۇنلىغان ئاۋارىچىلىكلەر كەلتۈرۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ پارىژغا كۆچۈپ كېتىشىگە، ئۇ يەردە ئىنگېلس بىلەن تونۇشۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ؛ ئۇلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە يېقىن دوستانە مۇناسىۋەتتە ئۆتۈپ كېلىدۇ. 

ئۇزۇن ئۆتمەي، ماركس فرانسىيىدىن قوغلىنىپ بريۇسسېلگە كۆچۈپ كېلىدۇ. ئۇ يەردە ئۆزىنىڭ تۇنجى مۇھىم ئەسىرى «پەلسەپە نامراتچىلىقى» نى ئېلان قىلىدۇ. ئىككىنچى يىلى، ئۇ كوممۇنىزمچىلار ئىتتىپاقىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە، ئىنگېلس بىلەن بىرلىكتە «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتابنامىسى» نى يېزىپ چىقىدۇ؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان بىر ئەسىرى ئىدى. شۇ يىلى يىل ئاخىرىدا، ماركس كيولىنغا قايتىپ بارىدۇ، بىراق نەچچە ئايدىن كېيىن، يەنە ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ. كېيىن ئۇ لوندونغا بېرىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ يەردە تۇرۇپ قالىدۇ. 

گەرچە، ماركس تۇرمۇشنى ماقالە يېزىش بىلەن قامدىغان بولسىمۇ، بىراق، ئۇ لوندوندا تۇرغان مەزگىلىدىكى ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىقتىسادقا ئائىت كىتابلارنى تەتقىق قىلىشقا ۋە يېزىشقا سەرپ قىلغانىدى. 

ئەينى يىللاردا، ماركسنىڭ يېقىن دوستى ئىنگلېس ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش ئۈچۈن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلىپ كەلدى. 1867-يىلى، ئۇنىڭ مۇھىم ئەسىرى «كاپىتال» نىڭ بىرىنچى تومى دۇنياغا كەلدى. ماركس ۋاپات بولغاندا، «كاپىتال» نىڭ كېيىنكى ئىككى تومى تېخى يېزىلىپ بولۇنمىغانىدى. كېيىن ئىنگېلىس بۇ ئىككى تومنى داۋاملاشتۇرۇپ يېزىپ پۈتتۈرىدۇ.

ماركسنىڭ ئەسەرلىرى كوممۇنىزمنىڭ ئاساسىي نەزەرىيىسىنى شەكىللەندۈردى. 20-ئەسىردە كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ مۇھىملىقى بارغانسېرى ئېشىپ بارغانلىقىنى نەزەردە تۇتقاندا، ماركس بۇ كىتابتا ئالاھىدە ئورۇننى ئىگىلىشىگە گەپ سىغمايدۇ. 

ماركس ۋاپات بولۇپ بىر ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، ماركسقا ئېتىقاد قىلىدىغانلار بىر مىليون 300 مىليون كىشىدىن ئېشىپ كەتتى. بۇ سان ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقاندق ئىدېئولوگىيىگە ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىدىن كۆپ ئارتۇق تۇرىدۇ؛ بۇ سان كومپارتىيە ئەزاسى بولمىغان بىر قىسىم يازغۇچىلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەت ماركسىزمنىڭ ھەل قىلغۇچ غەلىبىگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.

ماركس ھازىرقى كوممۇنىزم تەلىماتىنى مۇنداق تۆت ئاساسىي نۇقتىغا مۇجەسسەملىگىلى بولىدۇ؛ 

1. دۇنيادا ئاز ساندىكى بايلار راھەت-پاراغەت ئىچىدە ياشىماقتا، قالغان ئەمگەكچى خەلق بولسا نامراتلىق ئىچىدە ياشىماقتا. 

2. سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئورنىتىش، يەنى ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرى شەخسكە ئەمەس، بەلكى خەلققە مەنسۇپ بولغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنى ئورنىتىش-بۇنداق ئادالەتسىزلىكنى ئۆزگەرتىش چارىسىدۇر. 

3. كۆپ ھاللاردا، بۇنداق تۈزۈمنى ھەقىقىي رەۋىشتە ئورنىتىشنىڭ بىردىنبىر ئىلمىي چارىسى سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىشتۇر.

4. بۇ خىل سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خېلى ئۇزۇن بىر مەزگىلگىچە ئىشچىلار سىنىپى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش لازىم.

پەيلاسوپلارنىڭ مۇھىملىقى ئۇلارنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسىدە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنىڭ تەسىر كۆرسەتكەن-كۆرسەتمىگەنلىكىدە ھەمدە كىشىلەرنىڭ بۇ ئىدىيە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولغان-بولالمىغانلىقىدا. ئەگەر بىز ماركسقا بۇ جەھەتتە باھا بېرىدىغان بولساق، ئۇنداقتا بىز ئۇنىڭ غايەت زور مۇھىم رولىغا ئىگە كىشى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#