ئۆتتە تاش كېسەللىكى

ئۆت تاش كېسەللىكى

ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولۇپ، كلىنىكىدا ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى سانجىلىپ ئاغرىش، توڭۇپ، تىترەش، يۇقىرى قىزىتما بولۇش، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك.

غەرب تېبابىتى نامى ئۆت تاش كېسەللىكى
تەۋە بۆلۈم ئىچكى بۆلۈم
يۇقۇملىنىش يولى يۇقمايدۇ
خەنزۇچە نامى 胆结石
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق ئەمەس

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ھەرخىل سەۋەبلەردىن ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولۇپ، كلىنىكىدا ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى سانجىلىپ ئاغرىش، توڭۇپ، تىترەش، يۇقىرى قىزىتما بولۇش، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلق ئالامەتلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان شەكىل بۇزۇلۇش خاراكتېرلىك كېسەللىك. ئۆت تاش كېسەللىكى ئۆت خالتا كېسەللىكى ئىچىدە %60 نى ئىگىلەيدۇ. ياشلار ۋە ئوتتۇرا ياشلاردا، ئەرلەرگە قارىغاندا ئاياللاردا ئوزۇقلىنىشى ياخشى بولغان، سېمىز كىشىلەردە كۆپىرەك ئۇچرايدۇ.

ئۆت تاش كېسەللىكى ئۇيغۇر تېبابىتى كلاسسىك ئەسەرلىرىدە «ھەسساسى مەرارە؛ ھەساسى مەدرىي» دەپ ئاتىلىدۇ.

سەپرا خىلىتى كۆپىيىپ كەتكەندە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشىمۇ كۆپىيىپ، تەدرىجىي ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ نورمال مىقدارى كۆپىيىپ ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ تەركىبىدىكى چۆكمىگە چۈشۈشكە مايىل بولغان ماددىلار توپلىشىپ ئۆت خالتىدا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تاشنى شەكىللەندۈرىدۇ.

 كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن

بۇ خىل غەيرىي تەبىئىي سەپرا خىلىتى سەپرا خىلىتىنىڭ ئاساسلىق تەركىبى بولغان ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭمۇ قويۇقلۇقىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى چۆكمىگە چۈشۈشكە مايىل بولغان ماددىلار ئاسانلا چۆكمىگە چۈشۈپ يىغىلىپ تەدرىجىي ئۆت خالتىسىدا چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولمىغان تاشنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئۆت خالتا ياللۇغى سەۋەبىدىن

ئۆت تاش كېسەللىكىئۆت خالتا ياللۇغىنىڭ ئۆت تاش كېسەللىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش مىخانىزمى تۆۋەندە بىرقانچە نۇقتا بويىچە شەرھىلىنىدۇ.

(1) ئۆت خالتا ياللۇغى بىلەن ئاغىرغان بىمارلاردا بولۇپمۇ ئۆت خالتا ياللۇغىغا ئاشقازان، ئۈچەي يوللىرى ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلگەن بىمارلاردا ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئۆت تۇزلىرىنىڭ سۈمۈرۈلۈشى تىزلىشىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولىستىرىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ. ئادەتتە ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ئۆت تۇزلىرى ۋە خولىسترولىنىڭ مىقدارى نورمال بولغاندا ئۆت تۇزلىرى بىلەن خولىستىرىن ئۆزئارا بىرىكىپ، مىكرو شىلىمشىق دانىچىلەرگە ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خولېستېرون ئاجرىلىپ چۆكمە ھاسىل قىلمايدۇ. ئەگەر يۇقىرىقى سەۋەبتىن ئۆت تۇزلىرىنىڭ مىقدارى ئازىيىپ كەتسە، خولىستىرىن تەدرىجىي ئازىيىپ ئاجرىلىپ، چۆكمە ھاسىل قىلىپ، ئاسانلا ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(2) ئۆت خالتا ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلاردا ئۆت خالتا دىۋارىدىكى تۆكۈلۈپ چۈشكەن شىللىق پەردە توقۇلمىلار چۆكمىگە چۈشۈپ، تەدرىجىي ئۇنىڭغا ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى ماددىلار يىپىشىپ نەتىجىدە ئۆت خالتىدا تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

(3) ئۆت خالتا ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىمارلاردا كۆپىنچە قىزىتما بولىدۇ. بەزىلەرنىڭ تەتقىقات قىلىشىچە، ℃37~38 دا ئۆت سۇيۇقلۇقىنى تىنچ قويغاندا ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىلىروبىن ئاجرىلىپ چۆكۈپ قالمىغانلىقى بايقالغان. ئۆت خالتا ياللۇغى بىلەن ئاغرىغان بىمارنىڭ بەزىلىرى بەدەن تېمپېراتۇرىسى ئۆرلەپ ℃38 دىن ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى بىلىرونىتلىق ماددىلار ئاسانلا ئاجرىلىپ چۆكمىگە چۈشىدۇ. نەتىجىدە تەدرىجىي ئۆت خالتىدا تاش پەيدا بو لۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 ئۆت كانىلى توسۇلۇش سەۋەبىدىن 

ئۆت كانىلى توسۇلغاندا ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئېقىشى راۋان بولماي، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئۆت خالتىسى ئىچىدە يىغىلىپ قىلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقى ئىچىدىكى خۇلېستروننىڭ مىقدارى نىسپىي ھالدا ئېشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خولېستېرون ئۆت خالتىدا چۆكمىگە چۈشۈپ تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 يىمەك-ئىچمەك ئادەتنىڭ توغرا بولماسلىقى سەۋەبىدىن

ئۆت تاش كېسەللىكىبۇنىڭدا ئەتىگەن ناشتا قىلماسلىق، ۋاقتىدا تاماق يېمەسلىك قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ. ئۆت خالتىسى قىسقىراپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنى ئۆت كانىلىغا چىقىرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر يۇقىرىدەك ئادەتلەر تۈپەيلىدىن ۋاقتىدا ناشتا قىلمىغاندا، ۋاقتىدا تاماق يېمىگەندە، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ خالتىسىدا ۋاقتىدا ئۇزىراپ، تەدرىجىي قويۇقلىشىپ، ئاخىرىدا چۆكمىگە چۈشۈپ، ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 مايلىق يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىش سەۋەبىدىن

بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا پۈتۈن بەدەندىكى خولىستىرىنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن گەرچە ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ سەرپىياتى ئاشسىمۇ، لېكىن ئۆت خالتىدىكى خولىسترىنىڭ مىقدارى ئۆت تۇزلىرىنىڭ مىقدارىدىن كۆپ بولغاچقا، خولىسترون ئاسانلا ئاجرىلىپ، ئۆت خالتىدا چۆكمىگە چۈشۈپ تەدرىجىي تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى تەسىرىدىن 

زىيادە ئاچچىقلىنىش، قايغۇرۇش، غەم-ئەندىشە قىلىش، ھاياجانلىنىش، ئىچ ئاغرىتىش قاتارلىق پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى بىر تەرەپتىن بەدەندىكى سەپرا خىلىتنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىۋېتىپ، ئۆت خالتىسىدا تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، يەنە بىر تەرەپتىن پاسسىپ روھىي كەيپىيات ئامىللىرى نېرۋىلارنىڭ سېزىمچانلىقىنى زىيادە ئاشۇرۇۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت خالتىسىنى قورىغۇچى مۇسكۇللار يىغىۋېلىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆت غول نەيچىسىگە ئېقىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. نەتىجىدە ئۆت سۇيۇقلۇقى تەدرىجىي يىغىلىپ، قويۇقلۇقى ئېشىپ، ئۆت تاش كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

قورساق ئىچكى بېسىمىنى ئاشۇرىدىغان ئامىللار سەۋەبىدىن

مەسىلەن: قەۋزىيەتلىك قورساققا سۇ چۈشۈش، ھامىلىدارلىق قاتارلىق ئامىللار قورساق ئىچكى بېسىمى يۇقىرىلىتىپ، ئۆت خالتىسىنىڭ نورمال رىتىملىق قىسقىرىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ ئۆت خالتىدا تۇرۇش ۋاقتىدا ئۇزىراپ تەدرىجىي قويۇقلىشىپ ئۆت خالتىدا تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

باشقا ئامىللار سەۋەبىدىن 

ھەرىكەنتىڭ زىيادە ئاز بولۇش، زىيادە سېمىزلىك قاتارلىقلار ئورگانىزمدا خولىستروننىڭ سەرپىياتىنى ئازايتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت سۇيۇقلۇقى تەركىبىدىكى خولىستىروننىڭ مىقدارى كۆپىيىپ، ئۆت تۇزلىرىنىڭ ئاجرىلىپ چۆكمىگە چۈشۈپ ئۆت خالتىدا تاش پەيدا بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۆت تاش كېسەللىكى40% بىمارلاردا دەسلەپتە تىپىك ئالامەتلەر بولمايدۇ، كېيىن تەدرىجى ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى يېقىمسىزلىنىدۇ، ئالامەتلەرنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكى تاشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، ئورنى، يۇقۇملىنىشنىڭ بار-يوقلۇقى، ئۆت كانىلى توسۇلۇش ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە ئۆت خالتىسى ئىقتىدرىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ.

1. ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ. يەنى كۆپىنچە بىمارلاردا تاماقتىن ئىلگىرى ياكى كېيىن بولۇپمۇ مايلىق تاماقلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن. ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى ئاغرىش، يېقىمسىزلىنىش، قورساق كۆپۈش، سېسىق كىرىش، ھىق تۇتۇش قاتارلىق ئاشقازان-ئۈچەي يوللىرى كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.

2. ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى ئاغرىيدۇ. ئاغرىق ئوڭ تەرەپ تارغاق ۋە مۈرە قىسىملىرىغىچە تارقىلىدۇ. تويۇنۇپ تاماق يېگەندىن كېيىن ياكى مايلىق تاماقلارنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ئۆت خالتىنىڭ قىسقىرىشىنى ياكى ياتقان ۋاقىتتا بەدەن ھالىتىنى ئۆزگەرتىش بىلەن ئۆت خالتىسى ئىچىدىكى تاش يۆتكىلىپ، ئۆت خالتىسى چۈگۈن قورسىقى ياكى ئۆت خالتا بوينىغا كەپلىشىپ، ئۆت سۇيۇقلۇقىنىڭ چىقىرىلىشىنى توسقۇنلۇققا ئۇچرىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۆت خالتا بېسىمى ئېشىپ، قىسقىرىش كۈچى كۈچىيىپ، كۈچلۈك ئاغرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا كۆڭلى ئېلىشىپ، قۇسۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

3. سېرىقلىق چۈشىدۇ. ئۆت خالتىسى چۆگۈن قورساق قىسمى ياكى ئۆت خالتا بويۇن قىسمىغا كەپلىشىپ قالغان تاش نىسبەتەن چوڭ بولسا، جىگەر غول كانىلىنى تارايتىپ، سېرىقلىق چۈشۈش بىلەن بىرگە ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆت كانىلى ياللۇغى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەگەر ئۆت خالتا ياللۇغى قوشۇلۇپ كەلگەن بولسا قىزىيدۇ، توڭۇپ تىترەيدۇ، قورساق قاتتىق ئاغرىيدۇ.

تىپىك كېسەللىك ئالامىتى ۋە كېسەللىك تارىخقا ئاساسەن

ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمى سانجىلىپ ئاغرىش، ئاغرىق مايلىق تاماقلارنى  يىگەندىن كېيىن كۈچىيىش، ئاغرىق ئوڭ تەرەپ تارغاق مۈرەقىسىملىرىغىچە تارقىلىش، قورساق كۆپۈش، مايلىق تاماقلاردىن سەسكىنىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش، قىزىش، توڭۇپ تىترەش، سېرىقلىق چۈشۈش قاتارلىق ئالامەتلەر بولۇش بىلەن بىرگە ئىلگىرى ئۆت خالتا ياللۇغى ۋە ئۆت خالتىسى توسۇلۇش كېسەللىكى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولىدۇ.

 قوشۇمچە تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسەن 

1) رېنتگېن تەكشۈرۈش: رېنتىگېندە سايلاندۇرۇپ، تەكشۈرگەندە ئۆت خالتىنىڭ چوڭايغانلىقىنى ۋە ئۆت خالتىدىكى تاشنىڭ سايىنى كۆرگىلى بولىدۇ.

2) B تىپلىق ئاۋازدىن تىز دولقۇن ئاپپاراتىدا تەكشۈرۈش، تەكشۈرگەندە تاشنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى، سانى، ئورنى قاتارلىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ.

3) قان تەكشۈرۈش: ئادەتتە نورمال بولىدۇ. ياللۇغلىنىش قوشۇلۇپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى كۆپىيىدۇ.

1. ئاشقازان، 12بارماق ئۈچەي يارىنىڭ تېشىلىشىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئاشقازان، 12بارماق ئۈچەي يارىنىڭ تېشىلىشىدىكى ئىلگىرى ئاشقازان 12بارماق ئۈچەي يارىسى بىلەن ئاغرىغانلىق تارىخى بولۇش، ئاغرىق ئۆت تاش كېسەللىكىگە قارىغاندا كەڭرەك ئورۇندا بولۇش، ئاغرىق ئاۋۋال ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساقتىن باشلىنىپ، قورساقنىڭ يۇقىرى قىسمىنى بويلاپ پۈتۈن قورساق قىسمىغا كېڭىيىش، قورساقنى تۇتۇپ، تەكشۈرگەندە قورساق مۇسكۇلىنىڭ جىددىيلىشىشى كۆرۈنەرلىك بولۇش، قورساق دىۋارى خۇددى تاختايتەك بولۇپ قىلىش، رېنتگېن تەكشۈرگەندە دىئافراگما ئاستى قورساق بولۇشقىنىڭ يۇقىرى قىسمىدا يېرىم ئاي شەكىللىك ھاۋا بولۇش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

2. ئۆتكۈر خاراكتېرلىك ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرىدۇ.

ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغىدىكى ئاغرىش قاتتىق بولۇش، ئاغرىق سەۋەبىدىن بىمار ھوشسىزلىنىش، ئاغرىق سول تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمىدا بولۇش، تەدرىجىي سول تەرەپ بەل ۋە تاغاق قىسىملىرىغىچە تارقىلىش، مايلىق ئىچى سۈرۈشنىڭ بولۇشى، قاننى لابوراتورىيىلىك تەكشۈرگەندە، قاندىكى كراخمال فېرمېنتى يۇقىرىلاش قاتارلىق ئلاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

3. ئۆتكۈر سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىن پەرقلەندۈرىدۇ

سازاڭسىمان ئۆسۈكچە ياللۇغىدىكى ئاغرىق دەسلەپتە يۇقىرى قورساق قىسمىدا بولۇپ، كېيىن تەدرىجىي سول تەرەپ تۈۋەنكى قورساق قىسمىغا مەركەزلىشىش، سول تەرەپ تۆۋەنكى قورساق قىسمىنى باسقاندا ۋە بېسىپ قويۇپ بەرگەندە ئاغرىش كۈچىيىش، قان تەكشۈرگەندە قاندىكى ئاق قان ھۈجەيرىلىرىنىڭ سانى نورمالدىكىدىن ئېشىپ كېتىش ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن پەرقلىنىدۇ.

4. ئۈچەي توسۇلۇشتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

ئۈچەي توسۇلۇشتىكى ئاغرىق ئورنى كۆپىنچە قورساقنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ۋە تۆۋەن قىسمىدا بولۇش، قورساق ئېسىلىش، قوسۇش ۋە چوڭ تەرەت كەلمەسلىك، ئاغرىق ئۆتتە سانجىقتەك كۈچلۈك بولماسلىق، قورساق دىۋارىنىڭ جىددىيلىشىشمۇ كۆرۈنەرلىك بولماسلىق، رېنتىگېن تەكشۈرگەندە ئۈچەي توسالغانلىقتەك ئىپادىسى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

5. بىرلەمچى جىگەر راكىدىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ

جىگەر راكىدا جىگەر رايونىدا ئېسىلىپ ياكى تېلىپ ئاغرىش بولۇش بىلەن بىرگە قولغا مونەك ئۇرۇنۇش، ئىلگىرىلەش خاراكتېرلىك ئۇرۇقلاش، ماغدۇرسىزلىق، جىگەر، تال چوڭىيىش، ئۆمۈچۈكسىمان مەڭ قاتارلىق بەلگىلەرگە ئاساسەن ھەم AFP نى تەكشۈرۈش ئارقىلىق پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

6. جىگەرنىڭ يىرىڭلىق ئىششىقتىن پەرقلەندۈرۈلىدۇ

جىگەرنىڭ سول تەرەپ تۆۋەنكى قىسمىدىكى يىرىڭلىق ئىششىق يىرىلغاندا يۈز بەرگەن ئالامەتلەر خۇددى ئۆت تاش كېسەلنىڭ ئالامىتى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. بۇنى پەرقلەندۈرۈشتە جىگەر يىرىڭلىق ئىششىقى يىېرىلغاندىكى پۈتۈن قورساق بوشلۇقىدا كەڭ دائىرىلىك قورساق پەردە ياللۇغى بولۇش، قىزىسا قورساق ئاغرىش، ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قورساق قىسمىدا مونەكچە قولغا ئۇرۇنۇش قاتارلىق ئالامەتلەرگە ئاساسەن پەرقلەندۈرۈلىدۇ.

بۇ كېسەلگە ۋاقتىدا ياخشى داۋالاش ئېلىپ بېرىلسا كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلىنىدۇ. ئەگەر ۋاقتىدا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئېلىپ بېرىلسە ئۆتكۈر ئۆت خالتا ياللۇغى، سوزۇلما ئۆت خالتا ياللۇغى، ئۆت خالتا تېشىلىش، ئۆت سول نەيچە تېشىلىش، ئۆتكۈر ئاشقازان ئاستى بېزى ياللۇغى، ئۆت خالتا راكى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

1. كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىل، ئۆت خالتىسىدىكى تاش تىپىك بولۇپ، دورا ئارقىلىق داۋالاش ئىمكانىيىتى بولسا، دورا ئارقىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ؛

1) خىلىتلىق مىزاج بۇزۇلۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل تازىلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2)باشقا كېسەللىكلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان بولسا، شۇ خىل كېسەللىككە قارىتا داۋالاش ئېلىپ بېرىپ سەۋەب يوقىتىلىدۇ.

3) توسالغۇلارنى ئىچىش، ئۆت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، تاشلارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش مەقسەتتە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

4) ھەزىمنى ياخشىلاش. ئىشتىھانى ئىچىش، جىگەر خىزمىتى ياخشىلاش مەقسەتتە دورا ئىشلىتىلىدۇ.

2. كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، ئۆت خالتىسىدىكى تاش بىرقەدەر چوڭ بولسا، دورا بىلەن داۋالىغاندا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمى كۆرۈلمىسە ئۆت خالتىسى ياللۇغلىنىپ، يىرىڭداپ، ئۆت خالتىسى تېشىلىش ئېھتىمالى كۆرۈلسە، ئوپېراتسىيە قىلىپ، ئۆت خالتىسى ئېلىۋېتىدۇ.

كېسەللىك ئەھۋالى يەڭگىل بولۇپ، ئۆت خالتىسىدىكى تاش كىچىكرەك بولسا، دورا ئارقىلىق داۋالاش ئىمكانىيىتى بولسا دورا بىلەن داۋالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

سەپرا خىلىتىنىڭ مىقدار جەھەتتىن كۆپىيىپ كېتىشىدىن كېلىپ چىققان بولسا، خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى. ئۆت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرغۇچى، ياللۇغى قايتۇرغۇچى دورىلاردىن كەرەپشە ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن، پىرسىياۋشان قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 7~5 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ ئۈچۈن بېرىلگەن دورىلارغا خاس سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈنىگە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ئارتۇق سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

كۈن سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى تەسىرىدىن كېلىپ چىققان بولسا، كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇنزىچ دورىلىرىغا توسالغۇلارنى ئاچقۇچى، ياللۇغ قايتۇرغۇچى دورىلاردىن كەرەپشە ئۇرۇقى، كاسىنە ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىق دلرىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا قوشۇپ مەتبۇخ تەييارلاپ، كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80~60 مىللىلىتىردىن 15~10 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، ماددا پىشقانلىقىغا ئالاقىدار ئالامەتلەر كۆرۈلگەندىن كېيىن، يۇقىرىقى مۇنزىچ ئۈچۈن بېرىلگەن دورىلارغا كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتىنىڭ مۇسھىل دورىلىرىنى قوشۇپ، مەتبۇخ تەييارلاپ كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 60 مىللىلىتىردىن 5~3 كۈن ئىچىشكە بېرىپ، كۈدە سۈيى رەڭلىك سەپرا خىلىتى بەدەندىن تازىلىنىدۇ.

توسالغۇلارنى ئىچىش، ئۆت يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، تاشلارنىڭ پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قىزىتما پەسەيتىش مەقسەتتە تۆۋەندىكى دورىلار كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى، ئوغرىتىكەن 15 گرامدىن، كاكىنەج، پىرسىياۋشەن 10 گرامدىن، كاسىنە ئۇرۇقى، كەرەپشە ئۇرۇقى، ئىتئۈزۈمى 15 گرامدىن ئېلىپ، بىر لىتىر سۇدا قاينىتىپ سۈزۈپ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق مىقداردا بادام يېغى تېمىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئوغرىتىكەن، پىرشياۋشان، قىزىلگۈل، كاكىنەچ، گاۋزىبان ئالتە گرامدىن، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى سەككىز گرام، سانا 20 گرام، تەرەنجىبىن 45 گرام، ئەفتىمۇن 30 گرام، بادام يېغىدىن 10 مىللىلىتىردىن ئېلىپ، بىر لىتىر سۇدا يېرىمى قالغۇچە قاينىتىپ، سۈزۈپ بادام يىغىنى تېمىتىپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن، ھەر قېتىمدا 30 مىللىلىتىردىن ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

بەدىيان، بەدىيان يىلتىزى پوستى، كەرەپشە ئۇرۇقى، دارچىن، ئوغرىتىكەن، قوغۇن ئۇرۇقى، تەرخەمەك ئۇرۇقى قاتارلىق دورىلاردىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ، چايلىق تەييارلاپ دەملەپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ئۈچ گرام ئۇدى سەلپىنى قاينىتىپ ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

ھەجرەليەھۇدنى تاشقا سۈرۈپ سۈيىنى كۈندە ئەتىگە ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

كۈندە ئەتىگەن تاماق بىلەن قوشۇپ ياكى ئايرىم 30 مىللىلىتىردىن زەيتۇن يېغى ئېچىپ بېرىلىدۇ.

بادىيان، تۇرۇپ ئۇرۇقى، ياۋا سەۋزە ئۇرۇقى، پەتىرغا سالىيون، بۆرە سويمىسى يىلتىزى پوستى، ئارپا بەدىيان يىلتىزى پوستى، جاۋشىر، ئاقلانغان تاتلىق بادام مېغىزى، ھەببۇلغار، ئىزخىر سۇمبۇل، دارچىن، ياۋا سامساق ئارامان ئۇرۇقى، بۇملارنى زىراۋەندى، جىنتىيانا، ئاسارون، قەردىمانە، سەكىپىنەچ، مۇقەل، ئاق بەزرۇلىبەنجى، پىلپىل، ئىگىر قاتارلىقلاردىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تاسقاپ، بادام يېغى بىلەن ياغلاپ، ئەرەپ يىلىمىنىڭ ئېرىتىلگەن سۈيى بىلەن ھەب قىلىپ،0.3 گرامتىن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن بۇرۇن ھەر قېتىمدا 7~5 داننى دانىنى سىقىلغان سۈيى بىلەن قوشۇپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، كاكىنەج 40 گرامدىن، ھەسەلدىن 640 گرام ئېلىپ، ئايرىم-ئايرىم سوقۇپ، تاسقاپ، چەككىلەنگەن ھەسەل بىلەن مەجۇن تەييارلاپ، كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 5~1 گرامدىن تۇرۇپنىڭ سىقىلغان سۈيى بىلەن ئىستېمال قىلىنىدۇ.

تەرخەمەك ئۇرۇقى، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى 34 گرامدىن، ئوردان 16 گرام، ئوغرىتىكەن 15 گرام، پىرسىياۋشەندىن سەككىز گرام ئېلىپ، قاتتىق بويىچە چايلىق تەييارلاپ، دەملەپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

بادرەنجى بۇيا، ئىتئۈزۈمى توققۇز گرامدىن، قەنتەرىيون يەتتە گرام، بابۇنە گۈلى، گاۋزىبان گۈلى، يۇمىلاق زىراۋەندى ئۈچ گرامدىن، ئەرقى شوخلا، ئوغرىتىكەن ئەرقى، يانتاق ئەرقىدىن 280 مىللىلىتىردىن ئېلىپ، دورىلارنى ئەرەقلەرگە چىلاپ، قاينىتىپ، ئۈچتىن بىر قىسمى قالغاندا سۈزۈپ ئېلىپ، ئانار شەربىتىدىن 12 مىللىلىتىر قوشۇپ بىراقلا ئىچىشكە بېرىلىدۇ.

تۆۋەنكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان دىنار شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، بۇزۇرى شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، تۆۋەنكى نۇسخا بويىچە تەييارلانغان مەجۇنى ھەجرەليەھۇر كۈندە ئىككى قېتىم تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 01 گرامدىن، ئەرقى شوخلا، كۈندە 3 قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى كاسىنە كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 100 مىللىلىتىردىن، ئەرقى بەدىيان كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 80 مىللىلىتىردىن، ئوغرىتىكەن شەربىتى كۈندە ئۈچ قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتىردىن، سىفوفى ھەجرەليەھۇد كۈندە 2 قېىتم 10گرامدىن، تال يوپۇرمىقى شەربىتى كۈندە 3 قېتىم، 80 مىللىلىتىردىن، ئوغرىتىكەن شەربىتى كۈندە 3 قېتىم، 80 مىللىلىتىردىن، بۇزۇرى شەربىتى كۈندە 3 قېتىم 80 مىللىلىتىردىن، كېسەللىك ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ ئسىتېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.

دىنار شەربىتى نۇسخىسى: كاسىنە يىلتىزى 50 گرام، بەدىيان يىلتىزى، كاسىنە دۇرۇچى قىزىلاگۈل 54 گرامدىن، بەدىيان، بىنەپشە، نېلۇپەر، گاۋزىبان، سېرىق ئوت، ئۈستىقۇددۇس، سېرىق ئوت ئۇرۇقى 12 گرامدىن ئېلىپ، بىستىيايەج، رەۋەن، تەرەنجىبىن 60 گرامدىن، سېرىق ھېلىلىدىن 30 گرام ئېلىپ، قائىدە بويىچە شەربەت تەييارلىنىدۇ.

مەجۈنى ھەجرەليەندە نۇسخىسى: قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، كاكىنەچ 20گرامدىن، ھەجرەليەھۇد 15گرام، ھەسەلدىن 3 ھەسسە ئېلىپ قاينىتىپ، قائىدە بويىچە مەجۈن تەييارلىنىدۇ.

قوغۇن ئۇرۇقى مېغىزى، تەرخەمەك ئۇرۇقى مېغىزى، تاۋۇز ئۇرۇقى مېغىزى 15 گرام، قاپاق ئۇرۇقى مېغىزى 10 گرام، نىشاستە، كەتىرا ئۈچ گرامدىن، شېكەردىن 50 گرام ئېلىپ قائىدە بويىچە سىفوف تەييارلىنىدۇ.

ھەزىمنى ياخشىلاش، ئىشتىھانى ئىچىش، جىگەر خىزمىتىنى ياخشىلاش مەقسەتتە ئامىلە نۆشدارى كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىم 10 گرامدىن، جاۋارىش ئامىلە كۈندە ئىككى قېتىم، تاماقتىن كېيىن ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن ئەھۋالغا قاراپ تاللاپ ئىستېمال قىلىشقا بېرىلىدۇ.[0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

ئۇيغۇر تېبابىتىگە ئائىت ئەسەرلەرنى ئىزدەش سۇپىسى 

http://uy.idrak.cn/HeripServlet?sandan=1&contentNameId=840

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#