كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى

كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى

" جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى " جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە كارخانا ۋە كىرىم قىلىدىغان باشقا تەشكىلاتلارنىڭ كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىشى ئۈچۈن تۈزگەن  قانۇن . 


ئۇيغۇرچە نامى كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى
خەنزۇچە نامى 中华人民共和国企业所得税法

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1-باب ئومۇمىي پرىنسىپ

كارخانا تاپاۋەت بېجى قانۇنى1-ماددا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرىسى ئىچىدە كارخانا ۋە كىرىم قىلىدىغان باشقا تەشكىلاتلار(تۆۋەندە بىردەك كارخانا دېيىلىدۇ) كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرغۇچى بولۇپ، مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرىدۇ. 

شەخسىي شېرىكسىز كارخانا، ھەمشېرىك كارخانىلارغا بۇ قانۇن تەتبىقلانمايدۇ. 

2-ماددا كارخانا تەۋەلىكتىكى كارخانا ۋە تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانا دەپ ئايرىلىدۇ. قانۇندا ئېيتىلغان تەۋەلىكتىكى كارخانا قانۇن بويىچە جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە قۇرۇلغان ياكى چەت ئەل(رايون) قانۇنى بويىچە قۇرۇلغان، ئەمما ئەمەلىي باشقۇرغۇچى ئاپپاراتى جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە بولغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ.

بۇ قانۇندا ئېيتىلغان تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانا چەت ئەل(رايون) قانۇنى بويىچە قۇرۇلغان، ھەمدە ئەمەلىي باشقۇرۇغۇچى ئاپپاراتى جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە بولمىغان، لېكىن جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ئاپپارات، ئورۇن تەسىس قىلغان ياكى جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ئاپپارات، ئورۇن تەسىس قىلمىغان، ئەمما جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە تاپاۋەت قىلىدىغان كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ. 

3-ماددا تەۋەلىكتىكى كارخانىلار جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە، چېگرا سىرتىدا، قىلغان تاپاۋىتى ئۈچۈن كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ئاپپارات، ئورۇن تەسىسى قىلغان تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلار شۇ ئاپپارات، ئورۇننىڭ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى تاپاۋىتى ئۈچۈن، شۇنىڭدەك شۇ ئاپپارات، ئورۇن بىلەن ئەمەلىي باغلىنىشى بولغان چېگرا سىرتىدىكى تاپاۋىتى ئۈچۈن كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك. 

جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ئاپپارات، ئورۇن تەسىسى قىلمىغان تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلار ياكى ئاپپارات، ئورۇن تەسىس قىلغان، لېكىن قىلغان تاپاۋىتى شۇ ئاپپارات، ئورۇن بىلەن ئەمەلىي باغلىنىشى بولمىغان تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلار جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى تاپاۋىتى ئۈچۈن كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى كېرەك.

4-ماددا كارخانا تاپاۋەت بېجىنىڭ باج نىسبىتى %25 بولىدۇ. 

تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 3-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تاپاۋىتىگە تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتى %20 بولىدۇ. 

2-باب باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى 

5-ماددا كارخانىنىڭ ھەر بىر باج تاپشۇرۇش يىلىدىكى ئومۇمىي كىرىم سوممىسىنىڭ باج ئېلىنمايدىغان كىرىمى، باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان كىرىمى، چىقىرىۋېتىلىدىغان تۈرلەر شۇنىڭدەك تولدۇرۇۋېلىشقا رۇخسەت قىلىنغان ئالدىنقى يىللىق زىيىنى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قالدۇقى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى بولىدۇ. 

6-ماددا كارخانىنىڭ پۇل شەكلى ۋە غەيرىي پۇل شەكلى بويىچە تۈرلۈك مەنبەلەردىن قىلغان كىرىمى ئومۇمىي كىرىم سوممىسى بولىدۇ. ئۇ تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: 

(1) مال سېتىش كىرىمى؛ 

(2) ئەمگەك مۇلازىمەت كىرىمى؛ 

(3) مال-مۈلۈك ئۆتۈنۈپ بېرىش كىرىمى؛ 

(4) پاي چېكى ئۆسۈمى، دارامەت قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما پايدىسى؛

(5) ئۆسۈم كىرىمى؛ 

(6) ئىجارە كىرىمى؛

(7) ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققى كىرىمى؛

(8) ئىئانە-ھەدىيە قوبۇل قىلىش كىرىمى؛ 

(9) باشقا كىرىملەر.

7-ماددا كىرىم ئومۇمىي سوممىسىدىكى تۆۋەندىكى كىرىملەردىن باج ئېلىنمايدۇ: 

(1) مالىيىدىن ئاجرىتىپ بېرىلگەن پۇل؛ 

(2) قانۇن بويىچە ئېلىنىدىغان ھەمدە مالىيە باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەن مەمۇرىي-كەسپىي ھەق، ھۆكۈمەت خاراكتېرلىك فوند؛ 

(3) گوۋۇيۈەن باج ئېلىنمايدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن باشقا كىرىملەر. 

8-ماددا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، كارخانىنىڭ ئەمەلىي كىرىمى بىلەن مۇناسىۋەتلىك تەننەرخى، خىراجەت، ئىجارە ھەققى، زىيان ۋە باشقا چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇۋاپىق چىقىمنى چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. 

9-ماددا كارخانىنىڭ جامائەت پاراۋانلىق ئىئانە-ھەدىيە چىقىمىنىڭ يەنى يىللىق ئومۇمىي پايدا سوممىسىنىڭ % 12 ئىچىدىكى قىسمىنى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ.

10-ماددا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، تۆۋەندىكى چىقىملارنى چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ: 

(1) مەبلەغ سالغۇچىغا بەرگەن پاي چېكى ئۆسۈمى، دارامەت قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما پايدا پۇلى؛

(2) كارخانا تاپاۋەت بېجى پۇلى؛ 

(3) باج كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى؛

(4) شتراف، جەرىمانە ۋە مۇسادىرە قىلىنغان پۇل-مال زىيىنى؛

(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 9-ماددىسىدا بەلگىلەنگىنىدىن باشقا ئىئانە-ھەدىيە چىقىمى؛ 

(6) ياردەم چىقىمى؛ 

(7) تەكشۈرۈپ بېكىتىلمىگەن تەييارلىق فوند چىقىمى؛ 

(8) قىلغان كىرىمى بىلەن مۇناسىۋەتسىز باشقا چىقىملار.

11-ماددا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، كارخانا بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىغان تۇراقلىق مۈلۈك ئامورتىزاتسىيىسىنى چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. 

تۆۋەندىكى تۇراقلىق مۈلۈكلەرنى ئامورتىزاتسىيە قىلىپ چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ: 

(1) ئۆي-ئىمارەتلەردىن باشقا ئىشلىتىلمىگەن تۇراقلىق مۈلۈك؛

(2) تىجارەتلىك ئىجارە شەكلى بىلەن ئىجارە ئېلىنغان تۇراقلىق مۈلۈك؛ 

(3) مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئىجارىسى شەكلى بىلەن ئىجارىگە بېرىلگەن تۇراقلىق مۈلۈك؛ 

(4) ئامورتىزاتسىيە تولۇق سومما بىلەن ئېلىنىپ بولۇپ يەنە داۋاملىق ئىشلىتىلىۋاتقان تۇراقلىق مۈلۈك؛ 

(5) تىجارەت ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز تۇراقلىق مۈلۈك؛ 

(6) ئايرىم باھا قويۇپ تۇراقلىق مۈلۈك قاتارىدا ھېسابقا كىرگۈزۈلگەن يەر؛ 

(7) ئامورتىزاتسىيە قىلىپ چىقىرىۋېتىشكە بولمايدىغان باشقا تۇراقلىق مۈلۈك. 

12-ماددا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، كارخانا بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىغان شەكىلسىز مۈلۈكتە چېچىپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. 

تۆۋەندىكى شەكىلسىز مۈلۈكتە چېچىپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ:

(1) ئۆز ئالدىغا يارىتىش چىقىمى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىلگەن شەكىلسىز مۈلۈك؛

(2) ئۆزى تىكلىگەن سودا ئىناۋىتى؛ 

(3) تىجارەت ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز شەكىلسىز مۈلۈك؛ 

(4) چېچىپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىش خىراجىتىنى چىقىرىۋېتىپ ھېسابلاشقا بولمايدىغان باشقا شەكىلسىز مۈلۈك. 

13-ماددا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، كارخانىدا كۆرۈلگەن تۆۋەندىكى چىقىملار ئۇزاق مۇددەتلىك چېچىپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىلىدىغان خىراجەت قاتارىدا بەلگىلىمە بويىچە چېچىپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىلىدىغانلىرىنى چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ: 

(1) ئامورتىزاتسىيە تولۇق سومما بىلەن ئېلىنىپ بولغان تۇراقلىق مۈلۈكنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش چىقىمى؛ 

(2) ئىجارە ئېلىنغان تۇراقلىق مۈلۈكنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش چىقىمى؛

(3) تۇراقلىق مۈلۈكنى چوڭ رېمونت قىلىش چىقىمى؛ 

(4) ئۇزاق مۇددەتلىك چېچىپ ھېسابتىن كۆتۈرۈۋېتىلىدىغان خىراجەت قاتارىدىكى باشقا چىقىملار. 

14-ماددا كارخانا سىرتقا مەبلەغ سالغان مەزگىلدە، سېلىنما مۈلۈكنىڭ تەننەرخىنى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋەتسە بولمايدۇ. 

15-ماددا كارخانا زاپاس مالنى ئىشلىتىش ياكى سېتىشتا، بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلانغان زاپاس مال تەننەرخىنى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. 

16-ماددا كارخانا مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتە، شۇ مۈلۈكنىڭ ساپ قىممىتى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە رۇخسەت قىلىنىدۇ. 

17-ماددا كارخانا كارخانا تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ تاپشۇرغاندا، ئۆزىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تىجارەت ئورگىنىنىڭ زىيىنىغا توغرىلاپ چېگرا ئىچىدىكى تىجارەت ئورگىنىنىڭ پايدىسىنى كېمەيتىۋەتسە بولمايدۇ. 

18-ماددا كارخانىنىڭ باج تاپشۇرۇش يىلىدا تارتقان زىيىنىنى كېيىنكى يىللىق ھېسابقا ئاغدۇرۇپ، كېيىنكى يىللىق تاپاۋىتىدىن تولۇقلاشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ، لېكىن ھېسابقا ئاغدۇرۇش يىل چېكى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بەش يىلدىن ئېشىپ كەتسە بولمايدۇ. 

19-ماددا تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 3-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلغان تاپاۋىتى ئۈچۈن باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى تۆۋەندىكى ئۇسۇل بويىچە ھېسابلىنىدۇ:

(1) پاي چېكى ئۆسۈمى، دارامەتكە ئوخشاش ھوقۇق-مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما پايدىسى ۋە ئۆسۈم، ئىجارە ھەققى، ئالاھىدە ئىجازەت ھوقۇقىنى ئىشلىتىش ھەققى تاپاۋىتى قاتارلىقلار ئومۇمىي كىرىم سوممىسى سۈپىتىدە باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى قىلىنىدۇ؛

(2) مال-مۈلۈكنى ئۆتۈنۈپ بېرىش تاپاۋىتىنىڭ ئومۇمىي كىرىم سوممىسىدىن مال-مۈلۈك ساپ قىممىتى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قالدۇقى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى قىلىنىدۇ؛ 

(3) باشقا تاپاۋەتلەرنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى ئالدىنقى ئىككى تارماقچىدا بەلگىلەنگەن ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ ھېسابلىنىدۇ. 

20-ماددا مۇشۇ بابتا بەلگىلەنگەن كىرىم، چىقىرىۋېتىش كونكرېت دائىرىسى، ئۆلچەم ۋە مۈلۈك قاتارلىقلارنىڭ باج ئىشلىرى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەننىڭ مالىيە، باج ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقى بەلگىلەيدۇ.

21-ماددا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، كارخانىنىڭ مالىيە، بوغالتىرلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بىلەن بىردەك بولمىسا، باجغا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلاش كېرەك. 

3-باب تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى

22-ماددا كارخانىنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى تەتبىقلىنىدىغان باج نىسبىتىگە كۆپەيتىپ، مۇشۇ قانۇندىكى باجدا ئېتىبار بېرىشكە ئائىت بەلگىلىمە بويىچە كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىشقا تېگىشلىك باج سوممىسى ۋە توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغان باج سوممىسى چىقىرىۋېتىلگەندىن كېيىنكى قالدۇقى تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى بولىدۇ.

23-ماددا كارخانا قىلغان تۆۋەندىكى تاپاۋىتى ئۈچۈن چېگرا سىرتىدا تاپشۇرغان تاپاۋەت بېجى سوممىسى شۇ مەزگىلدە تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسىدىن توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ، شۇ تاپاۋىتى ئۈچۈن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە ھېسابلىغان تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج سوممىسى توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان سومما چېكى بولىدۇ؛ توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان چەكتىن ئېشىپ كەتكەن قىسمىنى كېيىنكى بەش يىل ئىچىدە ھەر يىلى توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنىدىغان چەك بويىچە شۇ يىلى توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىشقا تېگىشلىك قالدۇقى بىلەن توغرىلاپ تولۇقلاشقا بولىدۇ:

(1) تەۋەلىكتىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدا قىلغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋىتى؛ 

(2) تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلارنىڭ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە تەسىس قىلغان ئورگىنى، ئورنىنىڭ جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدا قىلغان شۇ ئورگان، ئورۇن بىلەن ئەمەلىي مۇناسىۋەتلىك بولغان باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋىتى.

24-ماددا تەۋەلىكتىكى كارخانىلارنىڭ ئۆزى بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك كونترول قىلىدىغان چەت ئەل كارخانىلىرىدىن ئېرىشكەن جۇڭگو چېگرىسى سىرتىدىن كەلگەن پاي چېكى ئۆسۈمى، دارامەت قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما پايدىسى، چەت ئەل كارخانىلارنىڭ چېگرا سىرتىدا ئەمەلىي تاپشۇرغان تاپاۋەت بېجى سوممىسىدىن مەزكۇر تۈردىكى تاپاۋەت ئۈستىگە ئېلىشقا تەئەللۇق قىسمى شۇ تەۋەلىكتىكى كارخانىنىڭ توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدىغان چېگرا سىرتىدىكى تاپاۋەت بېجى سوممىسى قىلىنىپ، مۇشۇ قانۇننىڭ 23-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىش چېكى ئىچىدە توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىنسا بولىدۇ. 

4-باب باجدا ئېتىبار بېرىش

25-ماددا دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ۋە تەرەققىياتىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپ ۋە تۈرلەرگە كارخانا تاپاۋەت بېجىدا ئېتىبار بېرىدۇ. 

26-ماددا كارخانىلارنىڭ تۆۋەندىكى كىرىمى باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان كىرىم بولىدۇ:

(1) زايوم ئۆسۈمى كىرىمى؛ 

(2) شەرتكە توشىدىغان تەۋەلىكتىكى كارخانىلار ئوتتۇرىسىدىكى پاي چېكى ئۆسۈمى، دارامەت قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما پايدىسى؛ 

(3) جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ئورگان، ئورۇن تەسىس قىلغان تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىلار تەۋەلىكتىكى كارخانىلاردىن ئېرىشكەن شۇ ئورگان، ئورۇن بىلەن ئەمەلىي مۇناسىۋەتلىك پاي چېكى ئۆسۈمى، دارامەت قاتارلىق ھوقۇق-مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنما پايدىسى؛ 

(4) شەرتكە توشىدىغان پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتلارنىڭ كىرىمى.

27-ماددا كارخانىنىڭ تۆۋەندىكى تاپاۋەتلىرىدە كارخانا تاپاۋەت بېجى كەچۈرۈم قىلىنسا، كېمەيتىپ ئېلىنسا بولىدۇ: 

(1) دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق ۋە بېلىقچىلىق تۈرلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ قىلغان تاپاۋىتى؛ 

(2) دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان جامائەت ئۇل ئەسلىھەلىرى تۈرلىرىگە مەبلەغ سېلىپ قىلغان تاپاۋىتى؛ 

(3) شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇھىت ئاسراش، ئېنىېرگىيە-سۇ تېجەش تۈرلىرىدىن قىلغان تاپاۋىتى؛ 

(4) كارخانىنىڭ شەرتكە توشىدىغان تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىپ قىلغان تاپاۋىتى؛

(5) مۇشۇ قانۇننىڭ 3-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلغان تاپاۋىتى. 

28-ماددا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئاز پايدا ئالىدىغان كىچىك كارخانىلاردىن %20 باج نىسبىتى بويىچە كېمەيتىپ كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ. 

دۆلەت نۇقتىلىق يۆلەيدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلاردىن %15 باج نىسبىتى بويىچە كېمەيتىپ كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېلىنىدۇ. 

29-ماددا مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلارنىڭ ئاپتونومىيە ئورگانلىرى شۇ مىللىي ئاپتونومىيىلىك جايلىرىدىكى كارخانىلار تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كارخانا تاپاۋەت بېجى ئىچىدىكى يەرلىك بەھرىمەن بولىدىغان قىسمىنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلسا بولىدۇ. ئاپتونوم ئوبلاست، ئاپتونوم ناھىيىلەردىن باجنى كېمەيتىپ ئېلىش ياكى كەچۈرۈم قىلىشنى قارار قىلغانلىرى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ خەلق ھۆكۈمىتىگە تەستىقلىشى شەرت.

30-ماددا باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا كارخانىنىڭ تۆۋەندىكى چىقىملىرى قوشۇپ ھېسابلاپ چىقىرىۋېتىلسە بولىدۇ: 

(1) يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى ھۈنەر يارىتىش ئۈچۈن سەرپ قىلغان تەتقىقات-يارىتىش خىراجىتى؛ 

(2) مېيىپلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ ئىلھام بېرىش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان باشقا خادىملارنىڭ ئىش ھەققى.

31-ماددا ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سالغۇچى كارخانىلار دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق يۆلىشى ۋە ئىلھام بېرىشىە موھتاج بولغان ئىگىلىك تىكلەشكە مەبلەغ سېلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا، مەبلەغ سالغان سوممىسىنىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە باج تاشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىلسە بولىدۇ.

32-ماددا كارخانىنىڭ تۇراقلىق مۈلۈكىنىڭ ئامورتىزاتسىيىسىنى تېخنىكا تەرەققىياتى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھەقىقەتەن قاتارلىق سەۋەبلەر تۈەپەيلىدىن ھەقىقەتەن تېزلىتىشكە توغرا كەلسە، ئۇنىڭ ئامورتىزاتسىيە يىل چېكىنى قىقارتىشقا ياكى ئامورتىزاتسىيىسىنى تېزلىتىش ئۇسۇىنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

33-ماددا كارخانىنىڭ بايلىقتىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ كەسىپ سىياسىتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىپ قىلغان كىرىمىنى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسسىنى ھېسابلىغاندا كېمەيتىپ ھېسابلاشقا بولىدۇ.

34-ماددا كارخانىلارنىڭ مۇھىت ئاسراش، ئېنېرەىيە ۋە سۇ تېجەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىدىغان مەخسۇس ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشقا چىقىم قىلغان مەبلەغ سوممىسىدىن ئېلىنىدىغان باجنى مەلۇم نىسبەت بويىچە توغرىلاپ كەچۈرۈم قىلىشقا بولىدۇ. 

35-ماددا مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باجدا ئېتىبار بېرىش كونكرېت چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

36-ماددا خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئېھتىياجى ياكى تاسادىپىي ۋەقە قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كارخانىنىڭ تىجارەت پائالىيىتى زور تەسىرگە ئۇچرىغاندا گوۋۇيۈەن كارخانا تاپاۋەت بېجىدا مەخسۇس ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى چىقىرىپ، ئۇنى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ئەنگە ئالدۇرسا بولىدۇ.

5-باب مەنبەسىدە تۇتۇپ تاپشۇرۇش 

37-ماددا تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىنىڭ مۇشۇ قاننىنىڭ 3-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلغان تاپاۋىتىدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى مەنبەسىدە تۇتۇپ تاپشۇرۇلىدۇ، چىقىم قىلغۇچى باجنى تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى بولىدۇ. باج پۇلى تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى ھەر قېتىم چىقىم قىلغاندا ياكى مۇددىتى توشۇپ چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك بولغاندا، چىقىم قىلىش ياكى مۇددىتى توشۇپ چىقىم قىلىشقا تېگىشلىك بولغان پۇلدىن تۇتۇپ تاپشۇرۇلىدۇ. 

38-ماددا تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىنىڭ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ئېرىشكەن قۇرۇلۇش مەشغۇلاتى تاپاۋىتى ۋە ئەمگەك مۇلازىمەت تاپاۋىتىدىن تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت بېجى ئېلىشتا، باج ئورگىنى قۇرۇلۇش پۇلى يالى ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققى بەرگۈچىنى باج پۇلىنى تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى قىلىپ بەلگىلىسە بولىدۇ. 

39-ماددا مۇشۇ قانۇننىڭ 37-ۋە 38-ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە تۇتۇپ تاپشۇرۇلىدىغان تاپاۋەت بېجىنى تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى قانۇن بويىچە تۇتۇپ تاپشۇرمىغان بولسا ياكى تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىغان بولسا، باج تاپشۇرغۇچى تاپاۋەت قىلغان جايدا تاپشۇرۇشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچى تاپاۋەت قىلغان جايدا تاپشۇرۇشى كېرەك. باج تاپشۇرغۇچى قانۇن بويىچە تاپشۇرمىغان بولسا، باج ئورگىنى مەزكۇر باج تاپشۇرغۇچىنىڭ جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدىكى باشقا كىرىم تۈرلىرىدە چىقىم قىلغۇچى بېرىشكە تېگىشلىك سوممىسىدىن شۇ باج تاپشۇرغۇچىنىڭ تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلىنى سۈرۈشتۈرۈپ تاپشۇرغۇزسا بولىدۇ. 

40-ماددا باجنى تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى ھەر قېتىم ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالغان باج پۇلىنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ قالغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ئىچىدە خەزىنىگە تاپشۇرۇشى ھەمەد تۇرۇشلۇق جايىدىكى باج ئورگىنىغا كارخانا تاپاۋەت ېجىنى تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدىۋىلىنى يوللىشى كېرەك. 

6-باب ئالاھىدە باجنى تەڭشەش 

41-ماددا كارخانىنىڭ ئۆزىگە باغلىنىشلىق تەرەپلەر بىلەن قىلغان كەسپىي ئالاقىسى مۇستەقىل سودا قىلىش پرىنسىپىغا ئۇيغۇن كەلمەي، كارخانىنىڭ ياكى ئۆزىگە باغلىنىشلىق تەرەپلەرنىڭ باج تاپشۇرۇشىغا تېگىشلىك كىرىمى، تاپاۋەت سوممىسى ئازايغان بولسا، باج ئورەىنى ئۇنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بويىچە تەڭشەشكە ھوقۇقلۇق.

كارخانا ئۆزىگە باغلىنىشلىق تەرەپلەر بىلەن شەكىلسىز مۈلۈكنى بىرلىكتە يارىتىش، بىرلىكتە ئۆتۈنۈۋېلىش ياكى ئەمگەك مۇلازىمىتى بىلەن بىرلىكتە قوبۇل قىلىش جەريانىدا كېلىپ چىققان تەننەرخنى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا، مۇستەقىل سودا قىلىش پرىنسىپى بويىچە چېچىش كېرەك.

42-ماددا كارخانا ئۆزىگە باغلىنىشلىق تەرەپلەر بىلەن كەسپىي ئالاقە قىلغاندا قوللانماقچى بولغان باھا بېكىتىش پرىنسىپى ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىنى باج ئورگىنىغا يوللىسا بولىدۇ، باج ئوەىنى كارخانا بىلەن كېڭىشىپ بېكىتكەندىن كېيىن، كېلىشىپ باھا بېكىتىشنى ئورۇنلاشتۇرسا بولىدۇ. 

43-ماددا كاخانا باج ئورەىنىغا كاخانىنىڭ يىللىق تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇش جەدۋىلىنى يوللىغاندا، ئۆزىگە باغلىنىشلىق تەرەپلەر بىلەن قىلغان كەسپىي ئالاقە ھەققىدىكى يىللىق باغلىنىشلىق كەسىپ مەلۇمات جەدۋىلىنى قوشۇمچە قىلىپ يوللىشى كېرەك. 

باج ئورگىنى باغلىنىشلىق كەسىپلەرنى تەكشۈرگەندە، كارخانا ۋە ئۇنىڭغا باغلىنىشلىق تەرەپلەر شۇنىڭدەك تەكشۈرۈلىۋاتقان باغلىنىشلىق كەسىپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا كارخانىلار بەلگىلىمە بويىچە ئالاقىدار ماتېرىياللار بىلەن تەمىلىشى لازىم. 

44-ماددا كارخانا ئۆزىگە باغلىنىشلىق تەرەپلەر بىلەن قىلغان كەسپىي ئالاقە توغرىسىدىكى ماتېرىيالنى تەمىنلىمىسە ياكى ساختا، تولۇق بولمىغان ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزىگە باغلىنىشلىق تەرەپلەر بىلەن قىلغان كەسپىي ئالاقە توغرىسىدىكى ئەھۋالنى ئەينەن ئىنكاس قىلمىسا، باج ئورگىنى ئۇنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ ېكىتىشكە ھوقۇقلۇق. 

45-ماددا تەۋەلىكتىكى كارخانا ياكى تەۋەلىكتىكى كارخانا ۋە جۇڭگو ئاھالىسىنىڭ كونتروللۇقىدىكى ئەمەلىي باج يۈكى مۇشۇ قانننىڭ 4-ماددا 1-تارمىقىدا بەلگىلەنگەن باج نىسبىتى سەۋىيىسدىن روشەن تۆۋەن بولغان دۆلەت(رايون) لەردە تەسىس قىلىنغان كارخانىلار مۇۋاپىق بولمىغان تىجارەت ئېھتىياجى ئۈچۈن، پايدىنى تەقسىم قىلمىغان ياكى ئازايتىپ تەقسىم قىلغان بولسا، يۇقىرىقى پايدىنىڭ مەزكۇر تەۋەلىكتىكى كاخانىغا تەئەللۇق قىسمى مەزكۇر تەۋەلىكتىكى كارخانىنىڭ شۇ مەزگىلىدىكى كىرىمىگە كىرگۈزۈلۈشى لازىم.

46-ماددا كارخانا ئۆزىگە باغلىنىشلىق تەرەپلەردىن قوبۇل قىلغان ھەقدارلىق سېلىنمىسى بىلەن ھوقۇق-مەنپەئەت خاراكتېرلىك سېلىنمىسىنىڭ نىسبىتى بەلگىلەنگەن ئۆلچەمدىن ئېشىپ كېتىشتىن كېلىپ چىققان ئۆسۈم چىقىمىنى باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك تاپاۋەت سوممىسىنى ھېسابلىغاندا چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ. 

47-ماددا كارخانا مۇۋاپىق سودا مەقسىتىدە بولمىغان ئورۇنلاشتۇرۇلمىلارنى يولغا قويۇپ، ئۆزىنىڭ باج تاپشۇرۇشقا تېگىشلىك كىرىمىنى ياكى تاپاۋەت سومىسىنى ئازايتقان بولسا، باج ئورگىنى مۇۋاپىق ئۇسۇل بويىچە تەڭشەشكە ھوقۇقلۇق. 

48-ماددا باج ئورگىنى مۇشۇ بابتىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن باجنى تەڭشەپ، باج پۇلىنى تولۇقلاپ ئېلىشقا توغرا كەلگەندە، باج پۇلىنى تولۇقلاپ ئېلىشى ھەمدە گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە ئۆسۈمنى قوشۇپ ئېلىشى كېرەك. 

7-باب باج ئېلىش-باشقۇرۇش

49-ماددا كارخانا تاپاۋەت بېجى ئېلىش-باشقۇرۇش ئىشلىرىنىڭ مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەنلىرىدىن باشقىسى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىىتنىڭ باج ئېلىش-باشقۇرۇش قانۇنى» دىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. 

50-ماددا باج ئېلىشقا دائىر قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلەنگەنلىرىدىن سىرت، تەۋەلىكتىكى كارخانىنىڭ باج تاپشۇرۇش ئورنى كارخانىنى تىزىملىتىپ رويخەتكە ئالدۇرغان جاي بويىچە بەلگىلىنىدۇ؛ لېكىن تىزىملىتىپ رويختەكە ئالدۇرغان جاي چېرگرا سىرتىدا بولسا، ئەمەلىي باشقۇرغۇچى ئاپپارات تۇرۇشلۇق جاي باج تاپشۇرۇش ئورنى بولىدۇ. 

تەۋەلىكتىكى كارخانا جۇڭگو چېگرىسى قانۇنىي ئىگىلىك سالاھىيەتكە ئىگە بولمىغان تىجارەت ئاپپاراتلىرىنى تەسىس قىلغان بولسا، كارخانا تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلىشى ھەمدە تاپشۇرۇشى كېرەك. 

51-ماددا تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 3-ماددا 2-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلغان تاپاۋىتى ئۈچۈن ئاپپاراتى، ئورنى تۇرۇشلۇق جاي باج تاپشۇرۇش ئورنى قىلىنىدۇ. تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانا جۇڭگو چېگرىسى ئىچىدە ئىككى ياكى ئىككىدىن ئارتۇق ئاپپارات، ئورۇن تەسىس قىلغان بولسا، كارخانا باج ئورەىنىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى بىلەن تاپاۋەت بېجىنى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئاپپاراتى، ئورنىنىڭ جەملەپ تاپشۇرۇشىنى تاللىسا بولىدۇ. 

تەۋەلىكتە بولمىغان كارخانىنىڭ مۇشۇ قانۇننىڭ 3-ماددا 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە قىلغان تاپاۋىتى ئۈچۈن باجنى تۇتۇپ تاپشۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئۆتىگۈچى تۇرۇشلۇق جاي باج تاپشۇرۇش ئورنى قىلىنىدۇ. 

52-ماددا گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسىدىن سىرت، كاخانىلار ئارا كارخانا تاپاۋەت بېجىنى بىرلەشتۈرۈپ تاپشۇرۇشقا بولمايدۇ. 

53-ماددا كارخانا تاپاۋەت بېجى باج تاپشۇرۇش يىلى بويىچە ھېسالىنىدۇ. باج تاپشۇرۇش يىلى مىلادى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە بولىدۇ. 

كارخانا تىجارىتىنى باج تاپشۇرۇش يىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلاپ ياكى ئاخىرلاشتۇرۇپ، شۇ باج تاپشۇرۇش يىلىدىكى ئەمەلىي تىجارەت مۇددىتى ئون ئىككى ئايغا يەتمىگەن بولسا، ئۇنىڭ ئەمەلىي تىجارەت مەزگىلىنى بىر باج تاپشۇرۇش يىلى قىلىپ ھېسابلاش كېرەك.

كارخانا قانۇن بويىچە راسچوت قىلغاندا، راسچوت مەزگىلىنى بىر باج تاپشۇرۇش يىلى قىلىشى لازىم.

54-ماددا كارخانا تاپاۋەت بېجى ئاي ياكى پەسىلگە بۆلۈنۈپ ئالدىن تاپشۇرۇلىدۇ. 

كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ئالدىن تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى باج ئورگىنىغا ھەر ئاي ياكى پەسىل ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ ئون بەش كۈن ئىچىدە يوللاپ، باج پۇلىنى ئالدىن تاپشۇرۇشى كېرەك. 

كارخانا يىللىق تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىنى باج ئورگىنىغا يىل ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ بەش ئاي ئىچىدە يوللىشى ھەدە جەملەپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇشى، تاپشۇرۇشقا ۋە قايتۇرۇشقا تېگىشلىك باج پۇلى ھېسابىنى ئېنىق ئۈزۈشى لازىم. 

كارخانا تاپاۋەت بېجىنى تاپشۇرۇش مەلۇمات جەدۋىلىى يوللىغاندا، بەلگىلىمە بويىچە مالىيە-بوغالتىرلىق دوكلاتى ۋە باشقا ئالاقىدار ماتېرىياللارنى قوشۇمچە قىلىپ يوللىشى كېرەك. 

55-ماددا كارخانا تىجارەت پائالىيىتىنى يىل ئوتتۇرىدا ئاخىرلاشتۇرغان بولسا، تىجارىتىنى ئەمەلىي ئاخىرلاشتۇرغان كۈندىن باشلاپ ئاتمىش كۈن ئىچىدە باج ئورگىنىغا بېرىپ، كاخانىنىڭ شۇ مەىەللىك تاپاۋەت بېجىنى جەملەپ ھېسابلاپ تولۇق تاپشۇرۇشى كېرەك. 

كارخانا تىزىمدىن ئۆچۈرۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن ئاۋۋال، ئۆزىنىڭ تاپاۋىتىنى راسچوت قىلىپ باج ئورەىنىغامەلۇم قىلىشى ھەمدە قانۇن بويىچە كارخانا تاپاۋەت بېجى تاپشۇرۇشى لازىم. 

56-ماددا مۇشۇ قانۇن بويىچە تاپشۇرۇلىدىغان كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلاشتا خەلق پۇلى بىرلىك قىلىنىدۇ. كارخانا تاپاۋەت بېجىنى ھېسابلاشتا خەلق پۇلى بىرلىك قىلىنىدۇ. تاپاۋىتى خەلق پۇلىدىن باشقا پۇل بىلەن ھېسابلانغان بولسا، باج پۇلى خەلق پۇلىغا سۇندۇرۇلۇپ تاپشۇرۇلىدۇ.

8-باب قوشۇمچە پرىنسىپ 

57-ماددا مۇشۇ قانۇن ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى تەستىق بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلاردىن شۇ چاغدىكى باجغا دائىر قانۇن ۋە مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەن باج نىسبىتى ئېتىباردىن بەھرىمەن بولغانلىرى، ەوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بەش يىل ئىچىدە، مۇشۇ قانۇندا بەلگخلەنگەن باج نىسبىتىگە تەدرىجىي ئۆتسە بولىدۇ؛ باجنى قەرەاللىك كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولغانلىرى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن بەش يىل ئىچىدە، مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن باج نىسبىتىگە تەدرىجىي ئۆتسە بولىدۇ؛ باجنى قەرەللىك كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولغانلىرى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغاندىن كېيىن گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسىگە بىنائەن قەرەلى توشقىچە داۋاملىق بەھرىمەن بولسا بولىدۇ، لېكىن پايدا ئالالماي ئېتىباردىن بېرىش مۇددىتى مۇشۇ قانۇن يولغا قويۇلغان يىلدىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ. 

قانۇندا تاشقى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تېخنىكا ئالماشتۇرۇشى تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ، دەپ تەسىس قىلىنغان ئالاھىدە رايوندا شۇنىڭدەك گوۋۇيۈەن بەلگىلىگەن يۇقىرى ئالاھىدە سىياسەت ئىجرا قىلىنىدىغان رايونلاردا يېڭىدىن قۇرۇلغان، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق يۆلىشىگە توغرا كېلىدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار ئۆتكۈنچى چارىسىنى گوۋۇيۈەن بەلگىلەيدۇ. 

دۆلەت ئىلھاملاندۇرىدۇ، دەپ بەلگىلىگەن باشقا كارخانىلار گوۋۇيۈەننىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە باجنى كېمەيتىش-كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبارىدىن بەھرىمەن بولسا بولىدۇ. 

58-ماددا جۇڭگو خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى چەت ئەل ھۆكۈمىتى بىلەن تۈزۈشكەن باجغا دائىر كېلىشىم بىلەن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ئوخشاش بولمىسا، شۇ كېلىشىمدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە ئىش قىلىش كېرەك. 

59-ماددا گوۋۇيۈەن مۇشۇ قانۇنغا ئاساسەن يولغا قويۇش نىزامىنى تۈزۈپ چىقىدۇ. 

60-ماددا بۇ قانۇن 2008-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 1991-يىل 4-ئاينىڭ 9-كۈنى 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 4-يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنڭ چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلىغى بىلەن قۇرۇلغان كارخانىلاردىن ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىدىن تاپاۋەت بېجى ئېلىش قانۇنى» ۋە 1993-يىل 12-ئاينىڭ 13-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كارخانىلاردىن تاپاۋەت بېجى ئېلىش ۋاقىتلىق نىزامى» شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئەمەلدىن قالىدۇ. 


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#