قورشاپ يوقىتىشقا قارشى ئۇرۇش

قورشاپ يوقىتىشقا قارشى ئۇرۇش

1930-يىلى 12-ئايدىن 1933-يىلى 2-ئايغىچە گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى جياڭشىنىڭ جەنۇبى، فۇجيەننىڭ غەربىدىكى مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا قارىتا ئارقا-ئارقىدىن تۆت قېتىم كەڭ كۆلەملىك ئەكسىل ئىنقىلابىي «قورشاپ يوقىتىش» ئېلىپ باردى. 

نامى قورشاپ يوقىتىشقا قارشى ئۇرۇش
خەنزۇچە نامى 反“围剿”斗争
ۋاقتى 1930 - يىلى قىشتىن 1936 - يىلى

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

قورشاپ يوقىتىشقا قارشى ئۇرۇش 1930-يىلى 12-ئايدا جياڭ جيېشى 100 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچىنى توپلاپ «بۆلۈنۈپ ئىلگىرىلەپ، بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىش، ئۇدۇل بۆسۈپ كىرىش» تەك جەڭ تاكتىكىسىنى قوللىنىپ، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا ھۇجۇم قىلدى. ئەينى چاغدا قىزىل ئارمىيىدە 40 مىڭ ئادەم بار بولۇپ، ماۋ زېدۇڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، دۈشمەننى ئالداپ ئىچكىرىلەپ كىرگۈزۈشتەك جەڭ قىلىش فاڭجېنىنى قوللاندى. 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا دۈشمەن ئارمىيىسىنىڭ ئالدىنقى سەپ باش قوماندانى جاڭ خۇيزەن ئىككى مۇنتىزىم شىنى باشلاپ جياڭشىنىڭ يۇڭفېڭ ناھىيىسىدىكى لۇڭگاڭ ئەتراپىغا كىرىپ، قىزىل ئارمىيىنىڭ ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچىنىڭ قورشاۋىغا چۈشۈپ قالدى. بىرنەچچە سائەتلىك كەسكىن جەڭ ئارقىلىق قىزىل ئارمىيە دۈشمەننىڭ 9000 ئادىمىنى يوقىتىپ، جاڭ خۇيزەننى تۇتۇۋالدى. كەينىدىنلا قىزىل ئارمىيە نىڭدۇنىڭ دۇڭشياۋ دېگەن يېرىدە دۈشمەننىڭ بىر شىسىنىڭ يېرىمىنى يوقاتتى. قىزىل ئارمىيە بەش كۈن ئىچىدە ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم غەلىبىلىك جەڭ قىلىپ، دۈشمەننىڭ 1-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ىنى تارمار قىلدى. 

قورشاپ يوقىتىشقا قارشى ئۇرۇش1931-يىلى5-ئايدا جياڭ جيېشى 200 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ تۆت يولغا بۆلۈنۈپ مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا قارىتا ئىككىنچى قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ھۇجۇمىنى قوزغىدى. قىزىل ئارمىيە 30 نەچچە مىڭ كىشىلىك ئاساسىي كۈچىنى توپلاپ ئاۋۋال ئاجىز دۈشمەنگە زەربە بېرىش، ھەرىكەت ئۈستىدە دۈشمەننى بىر-بىرلەپ يوقىتىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيىلىك جەڭ قىلىش فاڭجېنىنى قوللاندى. 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن باشلاپ قىزىل ئارمىيە 15 كۈندە 700 چاقىرىم يول يۈرۈپ، بەش قېتىملىق جەڭنىڭ 

ھەممىسىدە غەلىبە قىلىپ دۈشمەننىڭ 30 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى يوقىتىپ، 20 نەچچە مىڭ تال مىلتىق غەنىيمەت ئېلىپ، دۈشمەننىڭ 2-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ىنى تارمار قىلدى. 

1931-يىلى7-ئايدا جياڭ جيېشى ئۆزى باش قوماندان بولۇپ 300 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ، نەچچە ئونلىغان ئايروپىلاننى سەپلەپ، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىغا 3-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ھۇجۇمىنى قوزغىدى. قىزىل ئارمىيە ئۆزىدىن ئون ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەنگە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتتە، دۈشمەننىڭ ئاساسىي كۈچىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، ئاجىز نۇقتىسىغا ھۇجۇم قىلىش، غەلىبە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قوغلاپ يوقىتىشتەك ئۇرۇش فاڭجېنىنى قوللاندى، قىزىل ئارمىيە بۇيرۇققا بىنائەن دۈشمەننىڭ ئارقا سېپىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۈچ قېتىملىق جەڭنىڭ ھەممىسىدە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۈشمەننىڭ ئۈچ شىسىنى يوقاتتى. گومىنداڭ قىزىل ئارمىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىنى تېپىپ ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلماقچى بولغاندا، قىزىل ئارمىيە ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ قىلىپ، ئاز بىر قىسىم ئەسكىرىي كۈچنى ئەۋەتىپ دۈشمەننى قايمۇقتۇرۇپ، ئېگىز ھەم تىك تاغلار ئارىسىدا ئۇياق-بۇياققا ئايلىنىپ يۈرۈپ دۈشمەن قوشۇنىنى ھاردۇرۇپ ھالسىرىتىۋەتتى. 10-ئايدا جياڭ جيېشى ئامالسىز چېكىنىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. قىزىل ئارمىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قوغلاپ زەربە بېرىپ، دۈشمەننىڭ يەنە بىر قىسىم ئادىمىنى يوقاتتى. بۇ قېتىمقى «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇشتا قىزىل ئارمىيە جەمئىي 30 نەچچە مىڭ دۈشمەننى يوقىتىپ، 10 مىڭ دانىدىن كۆپرەك مىلتىق غەنىيمەت ئالدى. 

 1933-يىلى2-ئايدا جياڭ جيېشى 50 مىڭ كىشىلىك ئەسكىرىي كۈچ توپلاپ ئۆزى باش قوماندان بولۇپ، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازىلارغا 4-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» ئۇرۇشىنى قوزغىدى. قىزىل ئارمىيە جۇ ئېنلەي، جۇ دېلارنىڭ قوماندانلىقىدا، شەرقتىن شەپە بېرىپ غەربتىن ھۇجۇم قىلىش، ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ دۈشمەنگە يوشۇرۇن زەربە بېرىشتەك ئىستراتېگىيىلىك فاڭجېننى قوللاندى. 2-ئاينىڭ 27-كۈنى دۈشمەننىڭ ئىككى شىسى يىخۇاڭ ناھىيىسىنىڭ خۇاڭبېي رايونىدىكى يوشۇرۇن زەربە بېرىش چەمبىرىكىگە كىرگەندىن كېيىن قىزىل ئارمىيە تۇيۇقسىز شىددەتلىك ھۇجۇم قوزغاپ، ئىككى كۈن كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى تولۇق يوقىتىپ، بۇ ئىككى شىسىنىڭ كوماندىرلىرىنى تىرىك تۇتتى. دۈشمەننىڭ ياردەمگە كەلگەن ئىككى شىسىنىڭ يەنە بىرىمۇ قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن يوقىتلدى. قىزىل ئارمىيە غەلىبە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قوغلاپ زەربە بېرىپ، 4-قېتىملىق ئەكسىل ئىنقىلابىي

«قورشاپ يوقىتىش» نى تارمار قىلدى.

 4-قېتىملىق «قورشاپ يوقىتىش» قا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، مەركىزىي ئىنقىلابىي تايانچ بازا بىلەن فۇجيەن-جېجياڭ-جياڭشى ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى قىزىل ئارمىيە راۋاجلىنىپ 300 مىڭ كىشىگە يەتتى. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/966922.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (3 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#