فۇجى تېغى

فۇجى تېغى

ياپونىيىدە يانار تاغ كۆپ، فۇجى تېغى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى. ئۇ كيۇشۇ ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا بولۇپ، ياپونىيە پايتەختى توكيو بىلەن بولغان ئارىلىقى 80 كىلومېتىر كېلىدۇ، تاغ ئۈستىدىن پەسكە قارىسىڭىز، دولقۇن جۇش ئۇرۇپ تۇرغان تىنچ ئوكياننى كۆرىسىز.

نامى فۇجى تېغى
دۆلىتى ياپۇنىيە
دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3776 مېتىر
خەنزۇچە نامى 富士山
چەتئەلچە نامى Mount Fuji

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

فۇجى تېغىياپونىيىدە يانار تاغ كۆپ، فۇجى تېغى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەشھۇرى.ياپونىيىدىكى ئاتاقلىق يانار تاغ. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3776 مېتىر بولۇپ، ئېگىزلىك جەھەتتە ياپونىيە بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ كيۇشۇ ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا بولۇپ، ياپونىيىنىڭ پايتەختى توكيو شەھىرىدىن 80 كىلومېتىر غەربىي جەنۇبقا جايلاشقان، تاغ ئۈستىدىن پەسكە قارىسىڭىز، دولقۇن جۇش ئۇرۇپ تۇرغان تىنچ ئوكياننى كۆرىسىز. ئۇنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 3776 مېتىر بولۇپ، ياپونىيىدىكى 1-ئورۇندا تۇرىدىغان ئېگىز چوققا ھېسابلىنىدۇ. فۇجى تېغى كونۇسسىمان يانار تاغ.

يانار تاغ كۆلى

 تاغ چوققىسىدا دىئامېتىرى 800 مېتىر، چوڭقۇرلۇقى 200 مېتىردىن ئاشىدىغان بىر يانار تاغ كۆلى بار. بۇ يانار تاغ مىلادىيە 781-يىلىدىن 1707-يىلىغىچە 18 قېتىم پارتلىغان. ھازىر يەنە ھەرىكەتتە بولۇپ، تاغ چوققىسىدىن گاز ئېتىلىپ چىقىش ھادىسىسى كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. يانار تاغ ئېغىزىنىڭ ئېتىلىشى تۈپەيلىدىن تاغ ئېتىكىدە نۇرغۇن ئۆڭگۈر ھاسىل بولغان، ئۇلارنىڭ شەكلى ھەر خىل بولۇپ، كىشىنى تولىمۇ مەپتۇن قىلىدۇ.

فۇجى تېغى فۇجى يانار تېغى ئېتىلغاندا، يەر پوستىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى لاۋا ئالدى بىلەن تاغ ئېغىزىدىكى تاغ جىنسىنى تېشىپ، ئاندىن ئېتىلىپ چىقىپ تۆت ئەتراپقا قاراپ ئاقىدۇ. سوۋۇپ قاتقاندىن كېيىن تاغ ئەتراپىغا چەمبەر شەكىلدە دۆۋىلىنىدۇ. بۇنداق شەكىللەنگەن تاغ ئېدىرلىقى تەكشى ھەم مۇكەممەل بولغان كونۇسسىمان يانار تاغنى ھاسىل قىلىدۇ، بۇ، يانار تاغ كونۇسى دېيىلىدۇ. ياپونىيىنىڭ ئېزو مىللىتى تىلىدا «فۇجى» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى» ئوت تاغ «دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن، كېيىن خەنزۇ يېزىقى ياپونىيىگە كىرگەندىن كېيىن، « فۇجى تېغى» (山土富) قىلىپ يېزىلىدىغان بولغان. 

 فۇجىياما تېغىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل بولۇپ، تاغ چوققىسىدىن باشقا ئورۇنلىرى ياپيېشىل ئورمان، ئوت-چۆپلەر بىلەن قاپلىنىپ تۇرىدۇ. تاغنىڭ ئېگىز قىسمىنى يىل بويى ئاپئاق قار-مۇز قاپلاپ تۇرىدۇ. بۇ تاغ چوققىسىدىن ئەتراپقا قاراپ ئاققان كىچىك تامرقا دەريالار ھەيۋەتلىك شاقىراتمىلارنى پەيدا قىلىدۇ. فۇجىياما ياپونىيىنىڭ مۇھىم ساياھەت رايونى، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى تاغ چوققىسىدا پارقىراپ تۇرغان ئاپئاق قار-مۇزلارنى كۆرۈشكە بولىدۇ، تاغنىڭ ئېگىز قىسمىدىكى ۋولقان ئاغزىدا كىچىك بىر كۆل بار. فۇجىياما ياپونىيە بويىچىلا ئەمەس، دۇنيا بويىچىمۇ مەشھۇر يانار تاغ ھېسابلىنىدۇ. مىلادىيە 781-يىلدىن بۇيان خاتىرىلەنگەن ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، بۇ جايدا ئون نەچچە قېتىم چوڭ پارتلاش يۈز بەرگەن. ھازىرمۇ ئۇنىڭدىن داۋاملىق ئىس-تۈتەك چىقىپ تۇرىدۇ، بۇ جايدا دۆلەت باغچىسى، ھاۋا رايىنى كۆزىتىش پونكىتى، ئاتاقلىق ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى بار.فۇجى تېغىنىڭ تاغ چوققىسىنى يىل بويى قار قاپلاپ تۇرىدۇ، خۇددى گۈزەل ئاق تاج كىيگەندەك كۆرۈنىدۇ. قار سىزىقىنىڭ تۆۋىنىدە ماگما ۋە يانار تاغ كۈلىدىن ھاسىل بولغان، 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان قوڭۇر رەڭلىك تاغ باغرى بار. بۇ يەردىن تاغ ئېتىكىگە كەلگۈچە يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان، مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمىنى ۋە سۇبتروپىك بەلۋاغنىڭ دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمىنى قاتارلىق تەبىئىي بەلۋاغلار ۋېرتىكال جايلاشقان، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۈرى 2000 خىلدىن ئاشىدۇ. تاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى فۇجىگوكو، جەنۇبىي ئېتىكىدىكى بەيشىباۋ بىلەن يىنجىباۋ، شۇنداقلا شىزىئوكانىڭ سىسونو شەھىرىدىكى فۇجى يولى باغچىسى قاتارلىقلار مەشھۇر ساياھەت رايونلىرىدىن ئىبارەت. 

ياپونىيە خەلقى گۈزەل فۇجى تېغى بىلەن نورۇزگۈلنى مۇقەددەس بىلىدۇ.  مۇقەددەس « تاغ »− فۇجى تېغى ئاللىقاچان ياپونىيىنىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان. [0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/6211.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#