شىنجاڭ موڭغۇل پېداگوگىكا مەكتىپى
شىنجاڭ موڭغۇل پېداگوگىكا مەكتىپى ئۈرۈمچى شەھىرى بايىنغۇلىن يولى 14-نومۇرغا جايلاشقان. موڭغۇل تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، ئوقۇش مۇددىتى تۆت يىل. بۇ مەكتەپ 1953-يىلى 9-ئايدا ئەسلىدىكى مىللىي قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
شىنجاڭ موڭغۇل پېداگوگىكا مەكتىپى ئۈرۈمچى شەھىرى بايىنغۇلىن يولى 14-نومۇرغا جايلاشقان. موڭغۇل تىلىدا دەرس ئۆتىلىدىغان ئوتتۇرا دەرىجىلىك پېداگوگىكا مەكتىپى بولۇپ، ئوقۇش مۇددىتى تۆت يىل. بۇ مەكتەپ 1953-يىلى 9-ئايدا ئەسلىدىكى مىللىي قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان. مەكتەپنىڭ يەر كۆلىمى 22326 كۋادرات مېتىر، قۇرۇلۇش كۆلىمى 15421كۋادرات مېتىر، كۇتۇپخانىدىكى كىتاب سانى 30 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق. 1999-يىلى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى سانى 398 نەپەر، ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەر سانى 76 نەپەر، كەسپىي ئوقۇتقۇچى سانى 42 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالىي نەپەر ئالىي لېكتور بار، مەكتەپ قايتا قۇرۇلغاندىن بۇيان 2037 نەپەر موڭغۇل ئوقۇغۇچىنى تەربىيىلىگەن.
بۇ مەكتەپ 1953-يىلى 9-ئايدا ئەسلىدىكى مىللىي قىزلار ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئورنىغا قۇرۇلغان. 1986-يىلى ئۈرۈمچى بىرىنچى پېداگوگىكا مەكتىپى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن. 1960-يىلى تاقالغان. 1981-يىلى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ قايتىدىن قۇرۇلغان.
مەكتەپتە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئادەتتىكى ئوقۇتقۇچىلىق، مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت، تەنتەربىيە، خەنزۇتىلى، تەرجىمانلىق، ئىنگىلز تىلى، تەجرىبە مانتيورلىقى قاتارلىق كەسىپلەر ئېچىلغان.
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.