ئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى

2قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى

2-قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى — 1856-يىلىدىن1860-يىلىغىچە ئەنگلىيە-فرانسىيە ئىككى دۆلەت بىرلىشىپ قوزغىغان جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش ئۇرۇشىدۇر. شۇڭلاشقا، «ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 

نامى ئىككىنچى قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى
ئورنى جۇڭگو
نەتىجىسى بىرلەشمە ئارمىيىسى غەلىبە قىلىپ،«تيەنجىن شەرتنامىسى» ئىمزالاندى
باشقا ئاتىلىشى ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى2-قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى
ۋاقتى 1856-يىلى __ 1860-يىلى
خەنزۇچە نامى 第二次鸦片战争

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

2قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى 1856-يىلى (شيەنفېڭنىڭ 6-يىلى) 3-ئايدا فرانسىيە كاتولىك دىنى پوپى ئاۋگۇست چاپدېلائىن گۇاڭشىنىڭ شىلىن رايونىغا قانۇنسىز سوقۇنۇپ كىرىپ خالىغانچە ئەسكىلىك قىلغاچقا، يەرلىك ئەمەلدارلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. 10-ئايدا گۇاڭدۇڭ دېڭىز ئارمىيىسى جۇڭگونىڭ» يالو «ناملىق سودا كېمىسىدە دېڭىز قاراقچىلىرىنى قولغا ئالدى، ئەنگلىيىنىڭ گۇاڭجۇدا تۇرۇشلۇق كونسۇلى باسىل(礼夏巴) بۇ كېمىنىڭ شياڭگاڭدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغانلىقىنى باھانە قىلىپ (بۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن ۋاقتى ئۆتۈپ كەتكەنىدى) كېمىنى ئەنگلىيىنىڭ كېمىسى دەپ، قەستەن جېدەل-ماجىرا تېرىدى. 10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەنگلىيە فلوتى جۇجياڭ دەرياسىغا ئۈسۈپ كىرىپ گۇاڭجۇنى توپقا تۇتۇپ، ئۇرۇش ئىغۋاگەرچىلىكى قوزغىدى. فرانسىيىمۇ «پوپ ئاۋگۇست چاپدېلائىن ۋەقەسى» نى باھانە قىلىپ، ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلىش بىرلەشمە قوشۇنىنى تەشكىللىدى.

ئۇرۇشقان قاتناشقۇچىلار ئەنگىلىيە، فرانسىيە، روسىيە (ياراشتۇرۇش نامى)، ئامېرىكا (ياراشتۇرۇش نامى) چىڭ سۇلالىسى. 

ھەربىي كۈچى بىرلەشمە ئارمىيە 17700 ئادەم، 173 ھەربىي پاراخوت. چىڭ سۇلالىسى تەخمىنەن 290000 ئادەم.

«تيەنجىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالاش 

2قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى 1857-يىلى 12-ئايدا ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى گۇاڭجۇنى ئىشغال قىلدى، «جەڭ قىلماسلىق، سۈلھىلەشمەسلىك، مۇداپىئە قىلماسلىق، قۇربان بەرمەسلىك، تەسلىم بولماسلىق، قاچماسلىق» نى تەشەببۇس قىلغان گۇاڭدۇڭ-گۇاڭشى باش ھەربىي ۋالىيسى يې مىڭچېن ئەسىرگە چۈشتى. 1858-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئۇدۇل تيەنجىنگە قىستاپ كېلىپ، بېيجىڭ شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىمىز دەپ داۋراڭ سالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا، روسىيە ئىككى دۆلەتنىڭ فلوتىمۇ تيەنجىن دېڭىز تەۋەلىكىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇردى. ئالاقزادە بولۇپ كەتكەن شيەنفېڭ خان تيەنجىنگە ئادەم ئەۋەتىپ، تاجاۋۇزچىلار بىلەن يارىشىپ قېلىشنى تەلەپ قىلدى. روسىيە پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى «ئەيخوي شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر قىلىپ، جۇڭگونىڭ كەڭ زېمىنىنى بېسىۋالدى. 6-ئايدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە، فرانسىيە، روسىيە، ئامېرىكا بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا «تيەنجىن شەرتنامىسى» نى ئىمزالىدى، شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى تيەنجىندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتتى.

شەرتنامە ئالماشتۇرۇشنى باھانە قىلىش 

2قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى 1859-يىلى 6-ئايدا ئەنگلىيە، فرانسىيە ئەلچىلىرى شەرتنامە ئالماشتۇرۇشنى باھانە قىلىپ ھەربىي فلوتنى باشلاپ، داگۇ ئېغىزى ۋە سۇبەيخې دەرياسى ئارقىلىق ئۇدۇل بېيجىڭغا بېرىشتا چىڭ تۇرۇۋالغاندا، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىندى. ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى داگۇ ئېغىزدىكى زەمبىرەك سۇپىسىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قوزغىدى. بۇ جاينى قوغداۋاتقان جۇڭگو ئارمىيىسى زەمبىرەك ئېتىپ قايتۇرما زەربە بەردى ھەمدە بىر كېچە-كۈندۈز كەسكىن جەڭ قىلىپ، ئەنگلىيە-فرانسىيە تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىنىڭ ئون نەچچە ھەربىي پاراخوتىنى چۆكتۈرۈۋەتتى ۋە ئېغىر زەخىملەندۈردى. تاجاۋۇزچى ئارمىيىنىڭ 400 نەچچە ئادىمىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىدار قىلدى. 1860-يىلى 8-ئايدا ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە قوشۇنىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىپ، داگۇ ئېغىزى ۋە تيەنجىننى قايتىدىن ئىشغال قىلىپ، بېيجىڭغا قىستاپ كەلدى. شيەنفېڭ خان ئالاقزادىلىككە چۈشۈپ، ئىنىسى گۇڭ چىنۋاڭ − يى شىننى ئەنگلىيە، فرانسىيىلەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قالدۇرۇپ، ئۆزى چېڭدېغا قاچتى. 10-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى بېيجىڭنى ئىشغال قىلىۋالدى. تاجاۋۇزچىلار بېيجىڭ شەھىرىنى غالجىرلارچە بۇلاپ-تالىدى، يەنە تېخى خان جەمەتى باغچىسى—يۈەنمىڭيۈەن باغچىسىغا ئۈسۈپ كىرىپ، باغچىدىكى سان-ساناقسىز بىباھا جاۋاھىرات ۋە قىممەتلىك بۇيۇملارنى بۇلاپ-تالاپ قۇرۇقداپ قويدى. ئاخىردا يەنە بۇ ھەيۋەتلىك، كۆركەم خان جەمەتى باغچىسىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. 10-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئەنگلىيە-فرانسىيىلەر بىلەن «تيەنجىن شەرتنامىسى» نىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى ئالماشتۇردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا جۇڭگو-ئەنگلىيە، جۇڭگو-فرانسىيە «بېيجىڭ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇر بولدى. 11-ئايدا روسىيىمۇ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنى «بېيجىڭ شەرتنامىسى» نى ئىمزالاشقا مەجبۇرلاپ، جۇڭگونىڭ يەنە كۆپلىگەن زېمىنىنى بېسىۋالدى.

2قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشى1860-يىلى 10-ئاينىڭ 24-كۈنى ۋە 25-كۈنى پادىشاھنىڭ ئىنىسى يىشى ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيە ۋەكىللىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا جۇڭگو ئەنگىلىيە، جۇڭگو فىرانسىيە بېيجىڭ شەرتنامىلىرىنى ئىمزالىدى ھەمدە جۇڭگو ئەنگىلىيە، جۇڭگو فىرانسىيە تىيەنجىن شەرىتنامىلىرىنى تەستىقلىدى. شۇنىڭ بىلەن 2-قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى. 

2قېتىملىق ئەپيۈن ئۇرۇشىبۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى غەربتىكى كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتلەر ئەپيۇن ئۇرۇشىدا ئېرىشكەن تاجاۋۇزچىلىق ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش غەرىزىدە قوزغىغاچقا، 2-قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشى دەپ ئاتالدى. بۇ ئۇرۇش جۇڭگونى تېخىمۇ كۆپ زېمىنىدىن ۋە ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن مەھرۇم قىلدى. ماركس بۇ قېتىمقى ئۇرۇشنى ئىنتايىن ئادالەتسىز ئۇرۇش، دەپ ئاتىغانىدى.

2-قېتىملىق ئەپيۇن ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسىدە جۇڭگو بىر مۇنچە زېمىندىن ۋە ئىگىلك ھۇقۇقىدىن مەھرۇم بولدى، جۇڭگونىڭ يېرىم مۇستەملىككە ئايلىنىش سۈرئىتى تېزلىشىپ، غەرىبتىكى كۈچلۈك كاپتالىسىتىك دۆلەتلەرنىڭ چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە بولغان تەسىرى ۋە كونتىروللۇقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيدى.[0] 

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

0.

باشقا ئوقۇشلۇقلار :

1.

بەيدۇ قامۇسى

http://baike.baidu.com/view/13965.htm

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

4 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    0%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    100%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#