زىكا كېسىلى

زىكا

 بۇ كېسەل ئاساسلىقى پاشا ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەل بولۇپ ھازىرچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ۋاكسىنىسى يوق ئاساسلىق rna بۆلۈنۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق بۆلۈنۈش. كېسەل ئالامەتلىرى بولسا : قىزىل چىقىش، بوغۇم-بوغۇملار مۇسكۇل مۇسكۇللار ۋە باش ئاغرىش، كۆزى قىزىرىش، ئەسۋە چىقىش...ۋە ھاكازلار. 

ئۇيغۇرچە نامى زىكا كېسىلى
ئاساسلىق ئالامىتى قىزىل چىقىش، باش ئاغرىش
تەۋە بۆلۈم يۇقۇملۇق كېسەللەر بۆلىمى
يۇقۇملىنىش يولى پاشا چىقىش
خەنزۇچە ئاتىلىشى 寨卡病
كېسەللىك سەۋەبى زىكا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن
يۇقۇملىنىشى يۇقۇملۇق

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

1947-يىلى بايقالغان كېسەل بولۇپ شۇ يىلى ئۇگاندادا مايمۇن تېنىدە بايقالغان. 1952-يىلىدىن ئۇگاندا ۋە تانزانىيە بىرلەشمە جۇمھۇرىيىتى ئارقىلىق تارقاشقا باشلىغان. بۇ كېسەل ئاساسلىقى پاشا ئارقىلىق تارقىلىدىغان كېسەل بولۇپ ھازىرچە ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى ۋە ۋاكسىنىسى يوق ئاساسلىق بۆلۈنۈش ئۇسۇلى rnaئارقىلىق بۆلۈنۈش. كېسەل ئالامەتلىرى بولسا : قىزىل چىقىش، بوغۇم-بوغۇملار مۇسكۇل مۇسكۇللار ۋە باش ئاغرىش، كۆزى قىزىرىش، ئەسۋە چىقىش ...ۋە ھاكازلار

بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بالىلىرى كىچىك باش كېسىلى بىلەن تۇغۇلىدىغان بولۇپ، بۇ ھامىلىنىڭ مېڭىسىنىڭ يېتىلمەي شۇنداق كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇ كېسەل 2007-يىلىدىن باشلاپ تىز سۈرئەتتە ئىنسانلارغا 

يۇقۇشقا باشلىغان، 2015-يىلى ئوتتۇرا جەنۇبى ئامېرىكا قىتئەسىدە تەدرىجىي كېڭەيگەن، بۇنىڭدا ئەڭ ئېغىر بولغىنى بىرازىلىيەدە 3500 شۇ كېسەلگە گىرىپتا بولغۇچى كىچىك باش بالا بايقالغان.

   1947-يىلى ئالىملار ئۇگاندادا بىر قىسىم مايمۇنلارنى قەپەزگە سولاپ كۆزەتكەن، نەتىجىدە بىر مايمۇندا تۇيۇقسىز قىزىش كۆرۈلگەن ئالىملار بۇ خىل ۋىرۇسنى مايمۇننىڭ بەدىنىدىن ئايرىپ ئالغان ۋە ئۇ ۋىرۇسقا زىكا ۋىرۇسى دەپ نام بەرگەن. بۇ ۋىرۇس ۋە قان زەردابىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ۋىرۇسنىڭ ب تىپلىق مېڭە ياللۇغى ۋىرۇسىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ۋىرۇس ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان. 1956-يىلى بۇ ۋىرۇسنىڭ پاشا ئارقىلىق تارقىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. ئافرىقا ۋە ئاسىيانىڭ بىرقىسىم دۆلەت ۋە رايونلىرىدىكى ھايۋانلاردا (ئاساسلىقى مايمۇنلاردا ) تارقالغان.

ۋىرۇس پاشا ئارقىلىق تارقالغاندىن سىرت يەنە ئاز ساندىكى ئەھۋالدا شامال ئارقىلىق، جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقۇش ئارقىلىق يۇقىدۇ. ئانا ئارقىلىق يۇققان بالىلار كىچىك باش كېسىلى بىلەن تۇغۇلىدۇ. شۇڭا بەزى دۆلەتلەر 2016-يىلى ھەتتا ئاياللارغا تۇغۇت چەكلەش بەلگىلىمىسى چىقارغان.

بۇ كېسەلنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى تەخمىنەن ئۈچ كۈن بولۇپ ئۈچ كۈندىن كىيىن يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋىرۇس ئون كۈن ئىچىدە ھەتتا شۆلگەي بېزى ئارقىلىق يۇقىدىغان بولۇپ، دەسلەپكى ئون كۈن ئىچىدە سۆيۈشۈش، ئورتاق غىزالىنىش قاچا-قۇچىلارنى ئورتاق ئىشلىتىش ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىق جەرياندا يۇقۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتتە تۇرىدۇ.

  1954-يىلى ئۈچ كىشى مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەنلىكى ئېنىق خاتىرىلەنگەن ،بۇ كېسەل 2007 يىلىدىن بۇرۇن ناھايتى ئاز ئادەمگە يۇققانلىقى بايقالغان بولۇپ ئاران 14 ئادەم بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقالغان .2007-يىلى 185 بىمار بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان دەپ قارالغان ۋە 59 بىمار مۇشۇ كېسەل بىلەن ئۆلگەن .2013-2014-يىللىرى بۇ كېسەل ئەۋجىگە چىقىپ فىرانسىيەگە تارقىلىدۇ بىر مەھەللىدىنلا 11 ئادەم بۇ كېسەل بىلەن يۇقۇملانغان دەپ گۇمان قىلىنغان .سۇرىنام جۇمھۇرىيىتىنىڭ بىر كەنتىدە تۆت ئادەم يۇقۇملانغان .[0]

ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

5 نومۇر (1 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    100%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    0%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    0%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    0%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    0%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#