ئاچچان يېزىسى دىگەن سۆزلۈك كۆپ خىل مەنە تۈرىنى ئىپادىلىگەن، تۆۋەندىكى مەنە تۈرلىرى بويىچە كۆرۈڭ:
  1. ئاچچان يېزىسى ()
  2. ئاچچان يېزىسى (كېرىيە ناھىيەسى)

ئاچچان يېزىسى

ئاچچان يېزىسى

ئاچچان يېزىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسىگە قاراشلىق مەمۇرىي يېزا. ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە 96 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. 

ئۇيغۇرچە نامى ئاچچان يېزىسى
دۆلىتى جۇڭگو
مەمۇرىي رايون شەكلى يېزا
يەر مەيدانى 1.4 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
خەنزۇچە ئاتىلىشى 阿羌乡
ئۆلكىسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
تەۋە رايون بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى
نوپۇسى 1169 ئادەم

چوڭ ئىشلار

سۆرەت ۋە ۋىدىيولار

سۆرەتلەر

ۋىدىيولار

ئاچچان يېزىسىئاچچان يېزىسى شىنجاڭ بايىنغۇلىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى چەرچەن ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە 96 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 1.4 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تاغ بىلەن قۇملۇق ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 3100 مېتىر كېلىدۇ. 2002-يىلى ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك نامرات يېزا قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن. قارمىقىدا 4 مەمۇرىي كەنت، بەش كەنت ئاھالە گۇرۇپپىسى، 29 چارۋىچىلىق نۇقتىسى بار. يېزا بويىچە ھازىر بار بولغان نوپۇس 1169 ئادەم، ھەممىسى ئۇيغۇر. كىلىماتى قۇرغاق تۇمانلىق ھاۋارايى كۆپ، يامغۇر ئاز ياغىدۇ، يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 157 مىللىمېتىر، يىللىق پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2308 مىللىمېتىر، قىروسىز مەزگىل 120 كۈن، 1-ئايدا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى ℃20، 7-ئايدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃36، ئادەتتە شامال كۈچى 5 بال، ئەڭ چوڭ شامال كۈچى 12 بالغا يەتكەن. يېزا يېرىم چارۋىچىلىق، يېرىم دېھقانچىلىق ئاساس قىلىنىدۇ. ئىقتىسادىي، 131.25 مىڭ مو ئوتلاق، ئاساسلىقى يىلتىز سىستېمىسى يوغان، شاخ-يوپۇرماقلىرى كىچىك، ئاق موم ماددىسى كۆپ، چىغ، شىۋاق، قارا تىكەن قاتارلىقلار، ھازىر بار بولغان تېرىلغۇ يەر 3047 مو، ئاساسلىق ئوت-چۆپ تېرىش (بېدە)، پۇرچاق، ئاق ئارپا، بۇغداي قاتارلىقلار بار، تەبىئىي دەل-دەرەخ يوق، سۈنئىي ئورمان 28 مىڭ تۈپ بار. يېزا تەۋەسىدە ئاساسلىق تاغ تىزمىسىدىن كوئېنلۇن تېغى ۋە ئالتۇن تاغ تىزمىسى بار، ھەر خىل كان بايلىقى مول، مەسىلەن مىس، سىنك رۇدىسى، قاشتېشى قاتارلىقلار، ئاساسلىق دەريا ئېقىنى 14، كۆل 14. يېزا تەۋەسىدە ياۋايى ھايۋانلاردىن ئارقار، تاغ ئۆچكىسى، بۆرە، ئۇلار، قوتاز، تۆگە قاتارلىقلار بار. 

ئاچچان يېزىسىئاچچان يېزىسى چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، كۈتۈپ تۇرماي، تايىنىۋالماي، «ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش» روھىنى، ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، «چۆپ ئۆستۈرۈشنى كەسپ قىلىش، بېقىش قوشۇپ بىرلەشتۈرۈپ، بايلىق مەنبەلىرىگە تايىنىش»، ئومۇمىي ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، تەرەققىيات پىكىر يولىنى «بىر تايانچ قىلىپ، ئىككى ياردەم بېرىش، ئۈچ خىل كەسىپ، تۆت نىشان»، «1234» ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستىراتىگىيىسى. يەنى قېزىلما بايلىققا تايىنىپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى تېز يېتىلدۈرۈش؛ يەنىمۇ چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، ئىككىنچىدىن ياردەم بېرىش، «پارتىيە ئەزالىرى ئالاقىلىشىش باي ئائىلىلەر ئورتاق نامرات ئائىلىلەرگە ياردەم بېرىش، «بايلار قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش» پائالىيىتى ئورۇناشتۇرۇش؛ ئوتلاق كەسپىنى، گىلەمچىلىك، كانچىلىق ئۈچ خىل كەسىپنى  زورايتىش ۋە كۈچەيتىش؛ ئۆچكە، ئېشەك ، قوي، قوتاز سورتىنى ياخشىلاش ئېلىپ بېرىش، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئوتتۇرىچە 3 مو ئوت-چۆپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان قوتاندا چارۋا ئالتىدىن، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم 300 يۈەنگە يەتكۈزۈشكە تىرىشقان. [0]


ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ

asd

پايدىلانغان ماتېرىياللار:

مەنىداش سۆزلۈك:

ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.

0 نومۇر (0 كىشى باھالىدى)
  • 5 يۇلتۇز(نوپۇزلۇق):
    NAN%
  • 4 يۇلتۇز(كەسپىي):
    NAN%
  • 3 يۇلتۇز(ئىسىل):
    NAN%
  • 2 يۇلتۇز(ياخشى):
    NAN%
  • 1 يۇلتۇز(ئادەتتىكىچە):
    NAN%

يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.

تەھرىرلەشكە قاتناشقانلار:

چىكىنىش

#title

#video#