ئونيار يېزىسى
ئونيار يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 218-دۆلەت تاشيولى بويىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە 39 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان.
|
|
چوڭ ئىشلار
سۆرەت ۋە ۋىدىيولار
سۆرەتلەر
ۋىدىيولار
ئونيار يېزىسى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى 218-دۆلەت تاشيولى بويىدىكى غۇلجا ناھىيەسىنىڭ شەرقىگە 39 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغا جايلاشقان. شەرقتە دۆڭمازار بازىرى، ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى، غەربتە ياشلار دېھقانچىلىق مەيدانى ۋە ئۈچئون خۇيزۇ يېزىسى، شىمالىدا ئەۋلىيا يېزىسى، جەنۇبتا يېڭىتام يېزىسى بىلەن تۇتاشقان. تېرىلغۇ يەر كۆلىمى 7.52 مىڭ مو.
1950-يىلدىن ئىلگىرى مىڭبېشى تەسىس قىلىنغان.
1950-يىلى، ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، 9-رايون دەپ ئاتالغان، قارمىقىدا توخۇچىيۈزى، ئىسلاميۈزى، ئارابوز، چۇلۇقاي يېزىسى، بۈلۈكەي، ئونيار كەنتى، ئىدىليۈزى، ئاشەنيۈزى، ئۇيغۇر ئۈچئون يېزىسى، قادىريۈزى (دۆڭ مازار)، تار قاتارلىق 11 يېزا بولغان.
1952-يىلى، رايونلارغا ئايرىش ئۆزگىرىش سەۋەبىدىن 3-رايۇن دەپ ئاتالغان.
1954-يىلى، 4-رايون دەپ ئاتالغان.
1958-يىلى، گۇڭشې قۇرۇلغان، بۇ رايون بويىچە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان «ئىتتىپاق» يۇقىرى دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك كوپىراتىپى، نامى «ئىتتىپاق» خەلق گۇڭشېسى دەپ نام بېرىلگەن.
1978-يىلى، ئۇنىڭ نامى ئونيار گۇڭشېغا ئۆزگەرتىلگەن.
1984-يىلى، ھاكىمىيەت بىلەن گۇڭشېنى ئايرىپ، ئونيار يېزىسى قۇرۇلغان.
قارىمىقىدا 18 كەنت گۇرۇپپىسى، 7 كەنت بار، ئايرىم-ئايرىم: يۇقارقى ئونيار كەنتى، تۆۋەنكى ئونيار كەنتى، بۇلۇكەي كەنتى، خوجاش كەنتى، يېڭى مەھەللە كەنتى، ئىدىليۈزى كەنتى، دولان كەنتى قاتارلىقلار بار.
تەۋەلىكىدە 5094 ئائىلىلىك بار، ئومۇمىي نوپۇسى 25138 ئادەم، ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، دۇڭشياڭ قاتارلىق توققۇز مىللەت ئولتۇراقلاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەت ئاھالىسى پۈتۈن يېزا ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %89.6 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئەمگەك كۈچى 12684 ئادەم، (بۇنىڭ ئىچىدە 1-كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 7483 ئادەم، ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى 5201 ئادەم)، يېزا كادىرى 108 نەپەر، كەنت كادىرى 28 گە يەتكەن.
ئونيار يېزىسى تەۋەسىدە 1 ئوتتۇرا مەكتەپ، 7 باشلانغۇچ مەكتەپ بار.
كۆپىنچە مەكتەپ مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش مەكتەپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئونيار يېزىسىدىكى 1-ئوتتۇرا ئۇيغۇرچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، ئونيار يېزىسىدىكى 2-ئوتتۇرا ئىلگىرى خەنزۇ تىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان، 2006-يىلى، 1-ئوتتۇرا ئۇيغۇرچە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قوشۇۋەتكەن، ھازىر مىللىي، خەنزۇ ئارىلاش تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ بولغان، يېڭىمەھەللە كەنتىدىكى مايتاغ ئۈمىد مەكتىپى بىر قىسىم ئۇيغۇر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، باشقا كەنتلەردىكى ھەممىسى باشلانغۇچ مەكتەپ، بو مەكتەپلەرنىڭ ئىسمى تۇرۇشلۇق كەنت نامى بىلەن نام بېرىلگەن.[0]
ئىزدە قامۇسىنى قوللاپ قويۇڭ
پايدىلانغان ماتېرىياللار:
خەتكۈچلەر:
مەنىداش سۆزلۈك:
ئىزدە قامۇسىدىكى مەزمۇنلارنى ئەزالار يوللىغان، بېكەتتىكى مەزمۇنلار ئىزدە تورىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. تېببىي، ئىقتىسادىي، پۇل-مۇئامىلە قاتارلىق ساھالەردە كەسپ ئەھلىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ.
يۇقارقى سۆزلۈك مەزمۇنىدا خاتا ئۇچۇرلارنى، ئىملا خاتالىقىنى بايقىغان ياكى تولۇقلاشقا تېگىشلىك دەپ قارىغان بولسىڭىز، ئىزدە قامۇسىغا ئەزا بولۇپ كىرىپ، تەھرىرلەپ قويسىڭىز بولىدۇ. ئىزدە قامۇسى ھەممە ئادەم يازالايدىغان، ھەممە ئادەم تەھرىرلىيەلەيدىغان ئۇچۇق ئىنىسكىلوپېدىيە.